تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يوللانغان ۋاقىت : 2018-06-06 مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر : قۇربان مۇھەممەت كۆرۈلۈش سانى :

 

 

http://uyghur.xjdaily.com/mediafile/201806/05/F201806051219150366706659.jpg

    شىنجاڭ كۈنشەن بىيو پەن- تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى 2015- يىلىدىن باشلاپ خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدە مېۋىلىك دەرەخ تىكىپ، ئوت- چۆپ ئۆستۈرۈپ، ھازىرغىچە 15 مىڭ مو يەردىكى قۇمدىن مۇداپىئەلەندى ۋە قۇمنى تىزگىنلىدى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەم نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
    سۈرەتتە: بۇ شىركەت بەرپا قىلغان 10 مىڭ مولۇق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى.(6- ئاينىڭ 2- كۈنى تارتىلغان) (مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)

http://uyghur.xjdaily.com/mediafile/201806/05/F201806051219302346706660.jpg

    دېھقانلار رەسىم سەنئىتىنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كۇچا ناھىيەسى دېھقانلار رەسىم ئىجادىيىتى بويىچە 15 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى، كەسپىي گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ناھىيەنىڭ يېزا- بازارلىرىدىن كەلگەن دېھقان رەسىم ھەۋەسكارلىرىنى يېتەكلىدى.
    سۈرەتتە: دېھقان رەسىم ھەۋەسكارلىرى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى دېھقان سەنئەتكار ئىسكەندەر مەمەتنىڭ نەق مەيدان رەسىم ئىجادىيىتىدىن ھۇزۇرلانماقتا. (ۋاڭ خوۋيۈن فوتوسى)

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش