تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > خەۋەر مەركىزى

قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم بىلەن رەيھانگۈل چېن چۈەنگونى يوقلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017-02-27 مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى تورى مۇھەررىر : كۆرۈلۈش سانى :
 

 ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم بىلەن رەيھانگۈل يېقىندا تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان ئالمىشىپ خوتەنگە قايتىش ئارىلىقىدا چېن چۈەنگو بوۋىسىنى يوقلاشنى مەسلىھەتلەشتى. 2 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو خۇشال – خۇرام ھالدا ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

 ‹‹بوۋا ياخشىمۇسىز، سىزنى بەك سېغىندۇق!››، دېگىنىچە رەيھانگۈل ئاچىسى رۇقىيەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ چېن چۈەنگونىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى. چېن چۈەنگو خۇشاللىق بىلەن رەيھانگۈلنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئۇلارغا كۆيۈنگەن ھالدا: ‹‹بېيجىڭدا كۆڭۈللۈك ئوينىدىڭلارمۇ؟ قايسى جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىڭلار؟ بېيجىڭ سوغۇقمىكەن؟››، دەپ سورىدى. ‹‹بېيجىڭ بەك ياخشىكەن، ئازراقمۇ سوغۇق ئەمەسكەن››، دېدى ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن جاۋاب بېرىپ.

 ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن چېن چۈەنگو بوۋىسى بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى. چېن چۈەنگو ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەننىڭ قولىدىن تۇتۇپ كىرېسلودا ئولتۇردى. رۇقىيەم بىلەن رەيھانگۈل خۇشال ھالدا ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ سەپىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي تونۇشتۇرۇپ: ‹‹بىز تيەنئەنمېن، رەئىس ماۋزېدۇڭ خاتىرە سارىيى، دۆلەت مۇزېيى، سەددىچىن سېپىلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. سەددىچىن سېپىلى بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن، بىز توختىماي مېڭىپ، سېپىلنىڭ چوققىسىغىچە چىقتۇق. بىز ئاپتوموبىل بىلەن شىنخۇامېندىن ئۆتكەندە، ئەينى چاغدا قۇربان بوۋامنىڭ ئاشۇ جايدا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، پەخىرلەندۇق؛ شى جىنپىڭ بوۋامنىڭمۇ شۇ يەردە ئىش بېجىرىدىغانلىقىنى بىلىپ، ناھايىتى يېقىنلىق ھېس قىلدۇق. بۇ بىر قانچە كۈندە ئالەمچە بەختكە چۆمدۇق››، دېيىشتى.

 چېن چۈەنگو كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەننىڭ كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئىككىڭلار مېنى كۆرگىلى كېلىپ، بېيجىڭدىكى بەختلىك تۇيغۇلىرىڭلار ھەققىدە ھەممىدىن بۇرۇن مەن بىلەن ئورتاقلىشىپ، مېنى بەكلا خۇشال قىلدىڭلار. موماڭلار ياشىنىپ قالدى، بېيجىڭغا بارالمايدۇ. سىلەر بۇ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىڭلارنى، ھېس قىلغانلىرىڭلارنى موماڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار، كەنتتىكىلەرگە ۋە خىزمەتداشلىرىڭلارغا، ساۋاقداشلىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىپ، بەخت ۋە خۇشاللىقتىن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئورتاق ھېس قىلىڭلار.

 رۇقىيەم چېن چۈەنگو بوۋىسىغا مۇنداق دېدى: بىز يەنە تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا – ئاستا چىقىرىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ، جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ۋەتەن قۇدرەت تاپقاندىلا بىز جۇڭگولۇقلار شاد – خۇراملىققا چۆمىمىز، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز. سىلەرنىڭ چوڭ بوۋاڭلار قۇربان تۇلۇم تاغا بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن، شۇڭا ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چەكسىز قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چەكسىز قەدىرلىگەن. يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ سىلەرنىڭ ئائىلىدىكىلەرگە ئۆز قولى بىلەن جاۋاب خەت يېزىپ، سەمىمىي ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، سىلەردەك شەرەپلىك ئائىلىنىڭ چەكسىز شان – شەرىپى. سىلەرنىڭ باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال كۈچ قوشۇپ، باش شۇجىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە مۇھەببىتىگە ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 رەيھانگۈل تەسىرلەنگەن ھالدا چېن چۈەنگوغا: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولغاندا ‹‹شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئىلھاملاندۇردى›› ناملىق خەۋەرنى ئاڭلاتقان دىكتور كاڭ خۈينى كۆردۈم. چوڭ بولغاندا مۇخبىر بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، دېدى. چېن چۈەنگو ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ: ياخشى ئۆگىنىپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، غايىڭىزنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ، دېدى. چېن چۈەنگو يەنە رەيھانگۈلگە ئۇ ياقتۇرىدىغان بىر قانچە كىتابنى بېرىپ، ئۇنى كۆپرەك كىتاب ئوقۇش، كىتابنى ياخشى ئوقۇش، كىتابتىن ئوزۇق ئېلىپ، بىلىمىنى بېيىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

 چېن چۈەنگو رۇقىيەمگە ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنى ھەدىيە قىلدى، ئۇنىڭ تەشۋىقات كادىرى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى تەشۋىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. چېن چۈەنگو يەنە ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ خاتىرە قىلىپ ساقلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە تىلىكىنى كىتابنىڭ تىتۇلىغا يېزىپ بەردى.

 يولغا چىقىش ئالدىدا چېن چۈەنگو رۇقىيەم ۋە رەيھانگۈل ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە يۇرتداشلارغا بولغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتتى، ئۇلارنىڭ مومىسى توختىخاننىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش