تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > سۈرەت كۆزنىكى

تاجىكلار

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-17 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى مۇھەررىر : نىجات كۆرۈلۈش سانى :

«دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان پامېر ئېگىزلىكىدە چەتئەلگە چىقىش ئېغىزى بولغان «ھالاكەت جىلغىسى» بار. بۇ يەردىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى تۈزلەڭلىكتىكىنىڭ %50 گىمۇ يەتمەيدۇ. شامال كۈچى يىل بويى 7-8 بالدىن يۇقىرى، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40 نەچچە سېلتسىيە گىرادۇس بولۇپ، « ھالاكەت جىلغىسى» دەپ ئاتالغان.

مانا بۇ ناھايىتى قەدىمىي، سىرلىق، رىۋايەتكە تولغان ھايات، ئىزچىل«تاغقا قار يىغىلسا، يىغىلغان قار تاغنى باسىدۇ» دەپ قارالغان سىرلىق چەكلەنگەن رايون- قونجىراپ. قونجىراپتىكى تاجىكلارنىڭ ھاياتى مانا مۇشۇنداق قەدىمىي ۋە رىۋايەتلىك بولغان تاغ جىلغىسى ئىچىدە داۋاملىشىدۇ.

«ھالاكەت جىلغىسى»دا ياشايدىغان تاجىكلار چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشايدۇ، يېرىم چارۋىچىلىق يېرىم مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ. باھاردا بىر خىل سوغۇققا چىداملىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ، يازنىڭ بېشىدا چارۋىچىلار ئېگىز تاغدىكى يايلاققا بېرىپ مال باقىدۇ، كۈزنىڭ ئاخىرى كەنىتكە قايتىپ ھوسۇل يىغىپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ يەردە ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق دەۋرىلىنىدۇ.

تاجىكلار جۇڭگودىكى ئەڭ تىپىك ياۋروپا ئىرقىغا تەۋە بولۇپ، ئېگىز بۇرۇن، چوڭقۇر كۆز، كەڭ پىشانە ۋە ئاق تېرىگە ئىگە. قونجىراپقا بارسىڭىز چىرايلىق تاجىك كىيىملىرى، مېززىلىك تاجىك تائاملىرىنى كۆرەلەيسىز، تاجىكلارنىڭ ئاددى-ساددا، مېھماندوستلىقىنى ھېس قىلالايسىز.

باتۇر تاجىكلارنىڭ بىر خىل ئەنئەنىسى بولغان ئات ئۈستى ئويۇنى- ئوغلاق تارتىش بار. ئوغلاق تارتىش بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ بىر تۈرلۈك ئات ئۈستىدىكى ئويۇنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل باتۇرلۇق ۋە كۈچ سىنىشىش، ئات ئۈستى ماھارىتى ۋە ئات مىنىش ماھارىتى مۇسابىقىسىگە ئايلانغان. ئوغلاق تارتىش ئەنئەنىسى بولۇپمۇ ياشلارنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئوغلاق تارتىش مەيدانىدا يىگىتلەر ئوغلاقنى ئاستىغا بېسىپ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىنى نامايەن قىلىدۇ.

بۇ يەر دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىز، ئەڭ ئېگىز يېرى 7000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ يەردە ياشايدىغان تاجىكلار «ئاسماندىكى كىشىلەر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش