تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > باش بەت

بايرامنى خۇشال- خۇرام بىللە ئۆتكۈزۈش

يوللانغان ۋاقىت : 2018-08-24 مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر : قۇربان مۇھەممەت كۆرۈلۈش سانى :

8- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترەتلىرى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئامما بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزدى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ يېزىسىنىڭ بوز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تەي جوۋخەي مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز كەنتتىكى سەككىز «تۆت پېشقەدەم» ۋە نامرات ئاممىغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئاپىرىپ بەردۇق.

  شۇ كۈنى، بوز كەنتى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، خىزمەت ئەترىتى يېزا سەنئەت ئۆمىكىنى كەنتكە كېلىپ ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇلار زامانىۋى ئۇسسۇل، مىللىيچە ئۇسسۇل، يالغۇز كىشىلىك مۇزىكا ئورۇنلاش قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسەتتى. ئويۇن قويۇش جەريانىدا يەنە شار دەسسەش قاتارلىق قىزىقارلىق ئويۇنلار ئوينالدى، كەنت ئاھالىسى قىزغىنلىق بىلەن قاتناشتى، قىزىقارلىق ئويۇنلار ئوينالغاندا پۈتۈن مەيداندا كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمىدى.

  شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى بورىقاي كەنتىدىكى ئاھالىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، كەنت كومىتېتى مەيدانىدا بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتناشتى. بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى باشلىنىشى بىلەنلا، بىر مەيدان شوخ ئۇسسۇللۇق ناخشا نەق مەيداندىكى ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىنى بىردىنلا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. كۆپچىلىك قانغۇچە ناخشا ئېيتىپ، ھارغىچە ئۇسسۇل ئوينىدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇرۇنلا تەييارلاپ قويغان پولۇنى ئېلىپ چىقتى، كۆپچىلىك مۇڭداشقاچ پولۇغا ئېغىز تەگدى.

  بورىقاي كەنت ئاھالىسى توختى ئەخمەت مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز، ھوسۇل شادلىقىنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز، بىز چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيمىز، ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسى تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش