تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > تېز خەۋەر

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە»نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018-05-22 مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر : قۇربان مۇھەممەت كۆرۈلۈش سانى :

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17-ماي تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە» ناملىق كىتاب 5- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۆگىنىش نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.

  «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە» ناملىق كىتابتا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 -، 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسى چۆرىدىلىپ، 30 مەخسۇس تېمىغا ئايرىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىي تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر شەرھلەنگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشى شەرت بولغان يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىق قىلىنغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17-ماي تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولۇشتەك تارىخىي ئورنى تىكلەندى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى، مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە، خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئۇنىڭدا چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا بۇ ئىدىيە ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «30 لېكسىيە» دېيىلدى)نى تۈزۈشكە تەشكىللىدى. «30 لېكسىيە» «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ۋە «14تە چىڭ تۇرۇش»نى يادرولۇق مەزمۇن ۋە مۇھىم ئاساس قىلغان بولۇپ، 30 مەخسۇس تېما بويىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلىگەن، ئۇ بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇق.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەسلىي تېكىستى، ئەسلىي ئەسەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى، «30 لېكسىيە»دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىدا، مەركەزنىڭ زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم لېكتورلار ئۆمەكلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىقات، لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرى بۇ ئوقۇشلۇقنى كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، دەرسلىككە، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش