تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

بالىلارنىڭ تاتلىق تەبەسسۇملىرىغا يوشۇرۇنغان ياخشى ئوقۇتقۇچى ۋە يېڭى ئۆي

يوللانغان ۋاقىت : 2018-05-22 مەنبە : تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر : قۇربان مۇھەممەت كۆرۈلۈش سانى :

 

http://uyghur.xjdaily.com/mediafile/201805/15/F201805151715115646706196.jpg

  كونا شەھەر ناھىيە توققۇزاق بازار مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلمىرە ئابدۇرېھىم تاتلىق كۈلۈمسىرىمەكتە.

  تەھرىر ئىلاۋىسى: 5-ئاينىڭ 8-كۈنى دۇنيا تەبەسسۇم كۈنى. بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1948-يىلى بېكىتكەن، كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسى تەبرىكلىنىدىغان بىردىنبىر بايرام. بۇ بايرامدا تەڭرىتاغ تورىمىز «دۇنيا تەبەسسۇم كۈنى، شىنجاڭلىقلارنىڭ خۇش چېھرىنى دۇنياغا نامايان قىلىش» تېمىسىدىكى خەۋەرلىرىمىز ئارقىلىق، ئاپپاراتلىرىمىزنىڭ كۆزىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا توغرىلاپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ، بالىلارنىڭ، ياشانغانلارنىڭ تەبەسسۇملۇق چىرايىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ خۇش تەبەسۈملىرى ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز. 

  تەڭرىتاغ تورى، مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ليۇ يىمىڭ، پىراكتىكانت مۇخبىر ئالىيە تۇرغۇن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئامىنىخان ئەخمەت خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشكە يەنە بىر ئاي ۋاقىت قالدى، كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلمىرە ئابدۇرېھىم تەققەزالىق بىلەن نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرماقتا. «مېنىڭ يېڭى ئۆيۈمگە تېزراق كۆچۈپ بارغۇم كېلىۋاتىدۇ»، دېدى ئۇ.

  ئۇنىڭ ئەڭ خۇشال بولغىنى، ئەمدى ئۇ يېرىم كېچىدە ھاجەتكە چىقماقچى بولغاندا ئاپىسىنى ئويغاتمىسىمۇ بولىدۇ. «ئاپام بەك جاپاكەش، مەن ئۇنى كەچتە بولسىمۇ ياخشى ئارام ئېلىۋالسىكەن دەيمەن»، دېدى بۇ ئوماق قىز خۇشال ھالدا.

  گۈلمىرەنىڭ يەنە ئىككى ئاكىسى بولۇپ، چوڭ ئاكىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئىككىنچى ئاكىسى ئۆزى بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.

  «يېڭى ئۆيۈم بار بولدى»

  گۈلمىرەنىڭ دادىسى گۈلمىرە كىچىك ۋاقتىدىلا قازا قىلغان ئىدى، ئاپىسى مېھرىگۈل مامۇت قايتا تۇرمۇشلۇق بولماي، ئۈچ بالىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ ياردىمىدە ئۈچ بالىنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى ھەل قىلىندى، مېھرىگۈلمۇ مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى بولدى.

  گۈلمىرە ۋە ئۇنىڭ ئاكىلىرىنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز بولۇپ، مەكتەپ يەنە چۈشلۈك تاماقنىمۇ كۆتۈرەتتى، تاماق شۇنداق ئوخشايتتى.

  «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بولغاچقا، مەن ئۈچ بالام بىلەن شۇنداق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن»، دېدى مېھرىگۈل. گۈلمىرەنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بۇلتۇر 9-ئايدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ئىلتىماس قىلدى، ئۆي ۋە ھويلا-ئاراننى قوشقاندا جەمئىي 200 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ھازىر يېڭى ئۆينىڭ دېرىزىسى ئورنىتىلىۋاتاتتى.

  گۈلمىرە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشنى ئەڭ ئۈمىد قىلاتتى، چۈنكى ئۇ ئىلگىرى مەكتەپتە ئېرىشكەن تەقدىرنامىلەرنى ئاپئاق، پاكېز تاملارغا چاپلاشنى ئارزۇ قىلاتتى.

  «ئالدىنقى مەۋسۇمدە مەن ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالاندىم، مەن تەقدىرنامىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە بارغىنىمدا ئاپام بەك خۇش بولۇپ كەتتى، ئاپامنىڭ دائىم مۇشۇنداق خۇشال يۈرۈشىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن، مۇئەللىمىم 5-ئاينىڭ 8-كۈنىنى دۇنيا تەبەسسۇم كۈنى دېدى، مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئاپامنىڭ خۇشال چىرايىنى كۆرۈش»، دېدى گۈلمىرە.

  گۈلمىرەنىڭ ئاكىسى تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقتى، ئادەتتە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇپ، شەنبە-يەكشەنبە ئۆيىگە قايتىدۇ. ئاكىسى ئۆيىگە قايتقاندا ئۆيدىكى ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنى بىرەر قۇر رېمونت قىلىپ، ئوڭشايدىغىنىنى ئوڭشاپ قويىدۇ، ھويلا-ئارانلارنى تازىلايدۇ. گۈلمىرە ۋە ئاكىلىرى مېھرىگۈلنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولىدۇ. ھەركۈنى تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولغىنىدا گۈلمىرە ئاپىسىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ قويىدۇ، ئىككىنچى ئاكىسى ئاپىسىىنڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويىدۇ.

  ئاپىسى، ئاكىلىرىنىڭ ئامراقلىقى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەمخورلۇقى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا، ھەدىلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن گۈلمىرەنىڭ ئوماق چېھرىدىن دائىم سەبىي كۈلكە كەتمەيدۇ. «مەن ئويلىشىپ بولدۇم، چوڭ بولسام دوختۇر بولىمەن، چۈنكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىكەن، ئۆزۈممۇ خۇش بولىمەن»، دېدى گۈلمىرە.

   «كىچىك قوڭغۇراق» گەپ قىلدى، ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلبى ئىللىدى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىسى قەدىرىيە ھەبىبۇللا 5-ئاينىڭ 7-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ بازىرىدىكى ھويلا كەنتى يەسلىسىدە بالىلارغا دۇنيا تەبەسسۇم كۈنىگە ئاز قالغىنىنى ئېيتىپ بېرىپ، بالىلاردىن ئەتراپىدا قانداق خۇشال ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى سورىدى.

  ئوتتۇرا سىنىپتىكى يۈسۈپ نۇرمەمەت بىرىنچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرۈپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈنلۈك قىلىپ «مەن ئاكا بولىدىغان بولدۇم، بۇ مېنى خۇش قىلىدىغان ئىش» دېدى. ئۇنىڭ ئاپىسى ھامىلدار بولغان بولۇپ، يۈسۈپجان بىر ئۇكىسىنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن.

  ئىككى يىل بۇرۇن يۈسۈپجان ئىنتايىن ئاز گەپ قىلاتتى، ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوينىمايتى. يۈسۈپجان يەسلىگە كىرگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ قەدىرىيە مۇئەللىمىنىڭ بوينىغا ئېسىلغان قوڭغۇراقتەك ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمىغانىدى. قەدىرىيە نەگە بارسا ئۇمۇ شۇ يەرگە باراتتى، قەدرىيە نۇرغۇن كىتابلارنى ئاختۇرۇپ، بىرھەرپ-بىر ھەرپتىن ئېرىنمەي، زېرىكمەي يۈسۈپجانغا گەپ قىلىشنى ئۆگەتتى.

  قەدىرىيە يەنە نۇرغۇن قېتىم يۈسۈپجاننىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە باردى، ئاتا-ئانىسى بىلەن پىكىرلىشىپ، ئۇلارغا يۈسۈپجاننىڭ ئۆگىنىشىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى تاپىلاپ تۇردى.

  ئىككى يىلدىن كېيىن، يۈسۈپجان بارغانسېرى كىشىلەرگە يېقىنلىشىدىغان، سوئاللارغا ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب بېرىدىغان، ساۋاقداشلىرى بىلەن ياخشى ئوينايدىغان بولدى.

  ئالدىنقى ھەپتە، يۈسۈپجاننىڭ كەمسۆز دادىسى قەدرىيەنى ئۆي تامىقى يەپ كېتىشكە چاقىردى. ئۇ: «مۇئەللىم سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈۋالاي، سىز كەلگەندىن كېيىن بالامدا ئۆزگىرىش بولۇپ، مىجەزى ئوچۇق، شوخ، كۈلگۈنچەك بالىغا ئايلاندى» دېدى.

 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش