تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > باش خەۋەر

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2018-05-22 مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر : قۇربھن مۇھەممەت كۆرۈلۈش سانى :

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك 

لى كېچياڭ، خەن جېڭ يىغىندا سۆز قىلدى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى

http://uyghur.xjdaily.com/mediafile/201805/20/F201805201608118466706314.jpg

  مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى 5- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19-ماي تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى 5- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن ئاڭلىق ھالدا بىر تۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان توپلىغان پۇختا ماددىي ئاساستىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور پىلان. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن تارتىپلا تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدۇ، تەبىئەتنى سۆيىدۇ، 5000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مول ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەتنى ئاپىرىدە قىلغان. ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيەت خارابلىشىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ۋە تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «جۇڭگونىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى»نى ئالدىن ئېلان قىلدۇق، «دۆلەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش يىرىك پىلانى(2014- 2020)»نى يولغا قويدۇق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى قولغا كەلتۈردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى يەنىلا مۇقىم ئەمەس. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بېسىم كۈچەيگەن، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارى ھازىرلانغان كۆزنەك مەزگىلىگە قەدەم قويدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، ئادەتتىكى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىز چوقۇم چىشىمىزنى چىڭ چىشلەپ، بۇ ئۆتكەل ۋە داۋانلاردىن ئۆتۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەمىزنىڭ بۇرچى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىجتىمائىي مەسىلە. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى تېز ئۆستۈرۈش خەلقنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى. بىز خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلاردا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرىنى مەڭگۈ ساقلاپ، تەبىئەتكە تىنچلىق، ئىناقلىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئارام ئېلىپ ئەسلىگە كېلىدىغان ۋاقىت ۋە بوشلۇق قالدۇرۇشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئىش، شۇڭا ئېكولوگىيە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بولۇشتا، ئېكولوگىيە خەلققە پايدىلىق بولۇشتا، ئېكولوگىيەنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك. تۆتىنچى، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلار ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي تەدبىر تۈزۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن رايون بويىچە ئەتراپلىق، تولۇق قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. بەشىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ قاتتىق قانۇن ئارقىلىق قوغداپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈزۈم ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى قاتتىق چەكلىمە ۋە چېقىلغىلى بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئالتىنچى، دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئورتاق ئىزدىنىپ، دۇنيا مۇھىتىنى تۈزەشكە چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۇنيا مۇھىتىنى ئاسراش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىققا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك قىممەت قارىشىنى مىزان قىلغان ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت سىستېمىسى، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشنى سۇبيېكت قىلغان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد سىستېمىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلغان نىشانلىق مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كاپالەت قىلغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى، مۇھىت خەۋپ- خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش ئارقىلىق 2035- يىلىغىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى تۈپتىن ياخشىلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانىغا ئاساسەن يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېشىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، بۇلغىما مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ تەدبىر. مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايون، ۋادى، كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش كەسپى، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ۋە بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تۇرمۇش سىستېمىسىنى ئايلانما جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاددىي-مۇۋاپىق، يېشىل-تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەشەمەتچىلىككە، ئىسراپچىلىققا ۋە نامۇۋاپىق ئىستېمالغا قارشى تۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى ئالدىن تاللاش قىلىش كېرەك. كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش بىلىپ، ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ، بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش- كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھاۋادىكى ئېغىر بۇلغىنىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىپ، پۇقرالارغا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىچىدىغان سۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەرلەردىكى پاسكىنا سۇنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىپ، پۇقرالارغا سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاق، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگەن، سۇنىڭ تېگىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەنزىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، كەسىپ ۋە بۇلغىمىلارنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ۋە تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ- خەتەردىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىپ، پۇقرالارنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلىپ، پۇقرالار ئۈچۈن قۇشلار يېقىملىق سايرىشىدىغان، گۈللەر خۇش ھىدىنى تارىتىدىغان يېزا مەنزىرىسىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ-خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم كاپالەت. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ- خەتىرىنى دائىملىق باشقۇرۇش، سىستېمىلىق بەرپا قىلىش ئومۇمىي جەريانىغا، كۆپ قاتلاملىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ-خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئىسلاھات لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇھىتنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بايلىق، مۇھىت باھا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنى قوللاپ، مۇھىم تۈرلەردىكى پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا چېتىلىدىغان زور ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىدە تاقابىل تۇرۇش خاراكتېرلىك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەش سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، جەڭنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بۇ، بىر مەيدان چوڭ جەڭ، قاتتىق جەڭ، قىيىن جەڭ، شۇڭا چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى 1- مەسئۇل كىشى، ئالاقىدار تارماقلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، باھالاش نەتىجىسىنى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى مۇكاپاتلاش، جازالاش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي سۈرۈشتۈرۈش، دادىل سۈرۈشتۈرۈش، قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، مەسئۇلىيەتچان، جاپاغا ئالاھىدە چىدايدىغان، جەڭ قىلىشقا، تۆھپە قوشۇشقا ئالاھىدە ماھىر بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش پولات قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنى قوللىشى، ئىشنى دادىل، ياخشى قىلالايدىغان كادىرلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەدەت بېرىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تۈزۈم ۋە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەت، كۆمۈر، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتارلىق «ئۈچ چوڭ بۇلغىنىش مەنبەسى»نى تۈزەشنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. «سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»، «تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر- بازارلارنىڭ پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ بۇلغىنىشىنى قاراتمىلىق تۈزەش كېرەك. يېزا ئەخلەتلىرىنى، يېزىلاردىكى پاسكىنا سۇنى تۈزەش ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، يېزا- كەنت مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ يېزىلارغا سالغان مەبلىغىنى بۇنىڭغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنبەدىن باشلاپ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە قاتارلىق تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق، پاكىز قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كەسىپلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيەدىن پاكىز پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئاددىي- مۇۋاپىق، يېشىل- تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياج ئاشقان ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلانغان ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن بوشلۇق يىرىك پىلانى سىستېمىسى ۋە ماس، تەرتىپلىك دۆلەت زېمىنىنى ئېچىش، قوغداش ئەندىزىسى ئورنىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقنى بىر پۈتۈن قوغداش، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رايوننى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي مۇھاپىزەتلىك يەرلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكى بىلەن كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ماس جارى قىلدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭى بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۇزاق مەزگىللىك جېڭىنى ماسلىشىپ ياخشى قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دائىملاشقان، مۇقىم بولغان مالىيە سېلىنمىسى مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، كۆپ مەنبەلىك مۇھىت ئاسراش سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتقا پايدىلىق قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىش سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ يولغا قويۇش كېرەك. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش جەھەتتىكى ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى مۇھىت ئاسراشقا ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا قويۇش كېرەك. ھالقىلىق تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلار تۆلەيدىغان بەدەلنى زور دەرىجىدە ئېغىرلىتىش كېرەك. جەمئىيەتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، دېگەن مۇھىم تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يېڭى يولىدا، يېشىل تەرەققىيات يېڭى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش؛ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ھەممىدىن بەك نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەت روھىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلارنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىدەك سىستېما ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇشىغا، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ھەممە ئىشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تۈپتىن تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشتىن، شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىش؛ نىشاندىن قەتئىي ئاداشماي، ئىشنى پۇختا قىلىپ، خىزمەتلەرنى قەتئىي تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشاننى پۇختا چۆرىدەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛ ھەقىقىي تۈردە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە قوشۇنىنى چىڭ تۇتۇپ تەرتىپكە سېلىش؛ جەڭنىڭ تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلىرىگە ئالاقىدار ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، خېبېي ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرى، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش