تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > باش خەۋەر

ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەيمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2017-04-28 مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى تورى مۇھەررىر : كۆرۈلۈش سانى :

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتى مۆھتەرەم شېرىپجان

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: شىنجاڭدىكى دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ئىلمىي تەپسىر قىلىش ئارقىلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىنىي ئەقىدىلەرنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭدىكى دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ۋە پىرىنسىپلىق ئىش قىلىپ، مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ۋەتەن ۋە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014- يىل 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:30 مىنۇت ئۆتكەندە سالماق قەدەم بىلەن ياڭخاڭ مەسچىتىگە كىرىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بىز بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ھەم ئايىغىنى سېلىپ، بىز بىلەن بىللە خانىقاغا كىرىپ، مەسچىتنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرگەن، مەن ھەممىسىگە بىر - بىرلەپ جاۋاب بەرگەنىدىم.

  ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى قەلبىمىزنى ئىزچىل ئىللىتىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىنىي ساھەدىكى زاتلارنى قوللاپ، نۇرغۇن ياردەم بەردى، نۇرغۇن ئەمەلىي قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى. 

  مەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، ئىلمىي تەپسىر قىلىش ئارقىلىق دىنغا ئېتىقاد قىلدىغان ئاممىنى دىنىي ئەقىدىلەرنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئىناقلىقنى قەدىرلەپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ھوشيارلىقىمنى ئاشۇرۇپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان كىشىلەردىن بولىمەن.

  مەن 2014- يىلىنىڭ ئاخىرى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە چاستوتىسىدا بىر يېرىم ئاي ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار ئەخلاق، قائىدە - يوسۇن، تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئۇنىۋېرسال بىلىملەردىن لېكسىيە سۆزلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى ئىسلام دىنىغا نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك تونۇشقا ئىگە قىلدىم. 2015- يىلىنىڭ ئاخىرى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىغا ئون كۈنلۈك تەربىيەلىنىشكە تەكلىپ قىلىنغان شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا 200مەيداندىن ئارتۇق سەييارە لېكسىيە سۆزلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» بويىچە تەربىيەلىدىم ھەم «جۇڭگودىكى دىنلار» قاتارلىق كۆپ خىل قەرەللىك ژۇرناللاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا 30نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدىم.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جان تومۇرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىدا، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشكە يېتەكلەپ، ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن دىننى سۆيۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  

 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش