تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > باش خەۋەر

ئۇيغۇر ياشلارغا بەش سوئال

يوللانغان ۋاقىت : 2017-04-28 مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى تورى مۇھەررىر : كۆرۈلۈش سانى :

  ياش دوستلار:

  ياخشىمۇ سىلەر! بۈگۈن بىز سىلەر بىلەن بەش سوئالنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرماقچى، كۆپچىلىكنىڭ بۇ سوئاللارنى بىللە مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر يۈرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

  1.بىزگە نېمە ئۈچۈن «تېررورچى» دېگەن قالپاق كىيىلىپ قالدى؟

  شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم «ئۈچ خىل كۈچ» قۇتراتقۇلۇق قىلىپ قوزغىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەردى. دۈشمەن كۈچلەرنىڭ نىيىتى رەزىل، ۋاسىتىسى قەبىھ. غالجىرلاشقان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ بىر ئوچۇم زوراۋانلار بىگۇناھ ئاممىنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ تىنچ تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، مۇشۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن ئائىلە خانىۋەيران بولۇپ، ئانىلارنىڭ كۆزىدىن قان - ياش ئاقتى، ئاتىلارنىڭ چېچى بىر كېچىدىلا ئاقىرىپ كەتتى. نۇرغۇن سەبىي نارەسىدىلەر ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن ئايرىلدى. بۇ بىر ئوچۇم ئىبلىسلار ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، ئۇلار تەپ تارتماستىن بىز مىللەت ئۈچۈن، دىن ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق، دەپ جار سېلىپ، بىگۇناھ ئاممىنىڭ قىپقىزىل قېنى بىلەن بويالغان قولىنى ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان، مېھماندوست، ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇرلارغا سۇۋاپ، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دېگەن يامان ئاتاققا قويدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز دائىم قاتلاممۇ قاتلام بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدۇق، بەزى چاغلاردا مېھمانخانىلاردا قونۇشىمىز، ئۆي ئىجارە ئېلىشىمىز تەس بولۇشتەك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق.

بىز نېمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق؟ ئەجىبا بىز باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئاشۇنداق نادان، رەھىمسىز، زوراۋان مىللەتمۇ؟ ياق، بىز ھەرگىز ئۇنداق مىللەت ئەمەس، بۇ پەقەت بىر ئوچۇم مىللىي مۇناپىقلارنىڭ جىنايى قىلمىشى، خالاس. بىز ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ۋەتەنپەرۋەر، ئۇيۇشقاق، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست مىللەت، مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان بۇ بىر ئوچۇم مۇناپىقلارنىڭ كاساپىتىدىن مۇشۇنداق يامان ئاتاققا قالدۇق. لېكىن بىز بۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچساق بولمايدۇ. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاشۇ مۇناپىقلار بۇلغىغان ئىززەت - ھۆرمىتىمىز، شان - شۆھرىتىمىزنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»تىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ، «تېررورچى» دېگەن يامان ئاتاقنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك. بىز ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارساقلا، بۇ نىشانغا چوقۇم يېتەلەيمىز. 
  2.ۋەتەن دېگەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

  ۋەتەن بىزنىڭ ئانىمىز، بىزنىڭ بارلىقىمىز. ۋەتەن بولمىسا ھېچنېمىمىز بولمايدۇ. بىزنىڭ بىرلا ۋەتىنىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى. مۇشۇنداق قۇدرەتلىك دۆلىتىمىز بولغاچقىلا، بىز خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، بىخەتەر مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. ۋەتەن خۇددى گېگانت ئادەمدەك بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنى ھەر قانداق بوران - چاپقۇندىن قوغداپ، بىزنى بۇ زېمىندا بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قوغداش ھەر بىر پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. ۋەتەندىن ۋاز كېچىش، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش ۋاپاغا جاپا قىلغانلىق ۋە ۋىجدانسىزلىق. يۇرتىمىز شىنجاڭ قەدىمدىن بۇيان ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس ئايرىلماس بىر قىسمى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر زاتلار مەيدانغا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا قۇربان تۇلۇم بوۋىمىزنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىننەتدارلىقى، تەشەككۈرىنى ئېيتماقچى بولغانلىقى مەڭگۈ ئېسىمىزدىن چىقمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن قىزغىن، مېھماندوست، كەڭ قورساق، ياخشىلىقنى بىلىدىغان، ئادىمىيلىكى كۈچلۈك ئېسىل پەزىلەتلىك مىللەت. ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتى بار. قېرىنداشلار! ئۇلۇغ ۋەتەن بىزگە جەننەت كەبى بەختىيار تۇرمۇشنى ئاتا قىلىۋاتسا، بىز قانداقمۇ ئاشۇ ئىبلىسلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ۋەتەندىن ۋاز كېچىمىز؟ قانداقسىگە شۇ ئىبلىسلارغا ئوخشاش ۋەتەنكە تۇزكورلۇق قىلىمىز؟ قانداقسىگە ئۇلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل سۇيىقەستىنىڭ ۋاسىتىسى بولىمىز؟ ئۇلارغا ئەگىشىپ خەلقنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانساق قانداق بولىدۇ؟ 

  3.بىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتۇقمۇ؟ 

  ئىسلام دىنى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن، ئۇ كىشىلەرنى جىنايەتتىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. «ئىسلام» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچە مەنىسى «ئىتائەت قىلماق، تىنچلىق» دېگەنلىك. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ھەرگىزمۇ دىن ئەمەس، بەلكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئاممىنىڭ ساددا دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا ۋە خاتىرجەملىككە بۇزغۇنچىلىق سېلىش، ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى قەبىھ ۋاسىتىسىدىن ئىبارەت. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ھېچقانداق مىللەت ۋە دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرە يۇنۇسنىڭ 27 - ئايىتىدە: «يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار قىلغان يامانلىقىغا لايىق جازاغا ئۇچرايدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخقا كىرىدىغانلار بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر» دېيىلگەن. لېكىن دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر «غازات قىلىپ شېھىت بولسا جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن بىمەنە سەپسەتىنى توقۇپ چىقىپ، دىننى چۈشەنمەيدىغان، قانۇن ئېڭى ئاجىز ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بىر قىسىم ياشلارنى قايمۇقتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈپ، ئىسلام دىنىغا ھاقارەت كەلتۈردى. كۆپچىلىك ئويلاپ باقايلى، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئاشۇ نومۇسسىزلار ھازىر نەدە؟ ئەجىبا ئۇلار «غازات قىلىپ شېھىت بولسا جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەننى ئۆزلىرى تەرغىب قىلىدۇ - يۇ، نېمىشقا ئۆزلىرى دىن ئۈچۈن «شېھىت» بولمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى توقۇپ چىقارغان بىمەنە سەپسەتىسىنىڭ قۇربانى بولۇشنى خالىمايدۇ، ھەققانىيەتنىڭ رەزىللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىن، قانۇندىن قورقىدۇ. 21 - ئەسىردە ياشاۋاتقان ياشلاردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئەجەبا شۇ سەپسەتىلەرگە يەنە ئىشىنەمدۇق؟ نادانلىقنىڭ، خۇراپاتلىقنىڭ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ بىزنى چىرىتىشىگە، كەلگۈسىمىزنى، ئىستىقبالىمىزنى نابۇت قىلىشىغا يول قويامدۇق؟ 

   4.دۆلەت تىلىنى ئۆگەنمەسلىككە قانداق باھانىمىز بار؟ 

  ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ھەر بىر مىللەت جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەزاسى. بىزنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئورتاق مەدەنىيىتىمىز، خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت ئورتاق دۆلەت تىلىمىز بار. دۆلەت تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن شانلىق، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىش، ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز، تېخىمۇ كۆپ پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش، سودا - تىجارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرالايمىز. دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئىگىلەش ھەر بىر پۇقراغا قويۇلغان ئاساسىي تەلەپ، دۆلەت ئورتاق تىلىنى پىششىق بىلمەسلىكنىڭ ئۆزى نومۇس ئىش. دۆلەت قانۇن چىقىرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل مەدەنىيىتىنى قوغداپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل مەدەنىيىتىنى قوللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەچكە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ياخشى ۋارىسلىق قىلىندى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ئانا تىلىنى بىلىش ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىنى ئىگىلىمىسەك، دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى قانداق چۈشىنەلەيمىز؟ بىز دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشىپ، مىللىتىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلالايمىز، شۇنداقلا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ، كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز. ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلار، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويدى، تورلاردا ھەقسىز كەچلىك مەكتەپلەرنى ئاچتى، كەنتلەردىمۇ قوش تىلدىكى دەرسلىكلەرنى تارقاتتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارمۇ دۆلەت تىلىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ، ئەجەبا بىزنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگەنمەسلىككە يەنە نېمە باھانىمىز بار؟

  5.بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنى بىزگە كىم ئاتا قىلدى؟ 

  ياش دوستلار، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بۇنى ئاتا - ئاناڭلاردىن، بوۋا - موماڭلاردىن سوراپ باقساڭلار ياكى تارىخىي كىتابلارنى ۋاراقلاپ باقساڭلار بولىدۇ، تارىختىكى ھېچقانداق مەزگىلدە ھازىرقىدەك ئىناقلىق، باياشاتچىلىق، گۈللىنىش، مەمۇرچىلىق بولۇپ باقمىغان. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، قېرىنداش ئۆلكە - شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ قەدەم تاشلىماقتا. ئۇنداقتا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ياشاۋاتقان بىزلەر پارتىيە ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە قانداق جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك؟ مىللەتنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن يەنە قانداق قىممەتلىك بايلىقلارنى يارىتىشىمىز كېرەك؟ 

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلارغا يازغان خېتىدە: «ياشلار قىممەت قارىشى شەكىللىنىش ۋە يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولىدۇ، بۇ خۇددى كىيىم كىيگەندە تۈگمىنى ئەتكەنگە ئوخشايدۇ، ناۋادا بىرىنچى تۈگمە خاتا ئېتىلسە، قالغان تۈگمىلەرنىڭ ھەممىسى خاتا ئېتىلىدۇ» دېگەنىدى. ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيەسىنى توغرىلاپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى ياخشى بېسىپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانغا يېتىشكە تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

  ياش دوستلار، ھەممىمىز ئورتاق تىرىشايلى! 

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى: ئاينۇر مەقسەت 

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى: مەمەتجان داۋۇت 
  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى: ئەركىن تۇرۇپ، ياسىن ئەلى، ئەيساجان نىزامىدىن

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى: ئادىلجان تۆلەڭ، سەيدىئەخمەت يارمۇھەممەت

 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش