تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > باش خەۋەر

ئۇيغۇر كادىرلار بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇشى كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017-04-28 مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى تورى مۇھەررىر : كۆرۈلۈش سانى :

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن

  يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ساداسى بايان قىلىنغان، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، دەۋرنىڭ چاقىرىقى نامايان قىلىنغان. ھەر بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە بولغان چەكسىز نەپرىتىنى بىلدۈرۈشى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولۇشى كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى ۋە مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى، ساداقىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئاڭلىق قوغداشقا سىڭدۈرۈشى كېرەك.
  شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن بۇيانقى يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىغا، مىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، پارتىيەمىزنىڭ شەپقىتىنى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. شۇڭا شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشى، بولۇپمۇ ھەر بىر ئۇيغۇر چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولۇشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى، شۇنداقلا بىزنىڭ بارلىقىمىز بولمىغان بولاتتى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل سۇيىقەستىگە قارىتا، بىزنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلماسلىققا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى باشتىن - ئاخىر قىزغىن سۆيۈشى، مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشۇشى؛ چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، خىرىسقا دۇچ كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، خىزمەتتە قابىل، ئىستىلى دۇرۇس، ئامما ئىشىنىدىغان ياخشى كادىر بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم ئىدىيەسى، زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان بىر قاتار «بىرىكمە مۇشت»نى ئاتتى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر، بىز ئۇنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز، پائال تەشۋىق قىلىشىمىز، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلار ئالدى بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ، مېڭىمىز سەگەك، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا باشلامچى بولۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ئوينىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاممىغا ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدەك قائىدىنى ئاممىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئاممىغا ئېنىق سۆزلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ پولات ئىستىھكامىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى تايانچلىق رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر كادىرلار ئۇيغۇر ئاممىسى ئارىسىدا مۇئەييەن تەسىر كۈچى، يېتەكلەش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى تايانچلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئاممىغا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇش، زوراۋان - تېررورچىلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتايىن ئاز ساندا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خەۋپىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك. ئاممىنى بۇ بىر ئوچۇم مۇناپىقلارنىڭ ھېچنېمىدىن تەپ تارتماي خالىغىنىنى قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماي، دۈشمەنگە بىردەك نەپرەت ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئورتاق يۇرت - ماكانىمىز ۋە ئورتاق مەنپەئىتىمىزنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىشىمىز كېرەك. ئاممىغا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش تەربىيەسى بېرىپ ۋە ئاممىنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان پولات سېپىلنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. كۈچلۈك سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە بولۇپ، سىياسىي مەيدانىمىزنى چىڭىتىپ، «سىياسەتكە ئىلىنىشىدىغان ئىش» ۋە چىرايلىق سۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇشىمىز، ئۇنىڭغا قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىشىمىز؛ ئوچۇقتىن ئوچۇق تەرغىب قىلىنغان بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى - سەپسەتىسىگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىپ، ھەر خىل «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»نى قىلچە رەھىم قىلماي پاش قىلىشىمىز؛ ھالقىلىق پەيتتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىشىمىز ۋە ئاممىنى يېتەكلىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ پىرىنسىپى، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالىي مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كەسكىن كۈرىشىگە ھەرگىزمۇ تار مىللەتچىلىك كەيپىياتى بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغۇچى، تەشۋىق قىلغۇچى ۋە يېتەكلىگۈچى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئارقىلىق ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، تەربىيە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى جانلىق مىساللار ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر نىيەتتە بولۇشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەتتىن بولغان كادىرلارنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلمايدىغان قىلىپ، قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، بۇ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ۋە سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۇغقان ۋە دوست بولۇپ، مۇھاببىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىك سەپنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بىرلىك سەپكە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىل زاتلار توپلانغان، ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە سىياسىي پوزىتسىيەسى ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە جامائەت پىكرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىرلىك سەپنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. تونۇشنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ساھە ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئاساسىي تېمىنى گەۋدىلەندۈرگەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكىلەر مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا يول قويىدىغان، ئۆزئارا بەھرىلىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشى؛ دىن ساھەسىدىكىلەر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە زوراۋان - تېررورچى كۈچلەرگە قارشى ئاڭلىق كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشى؛ دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ ساھەسىدىكىلەر ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە بولۇشتەك سىياسىي ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە زوراۋان - تېررورچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشى؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ساھەسىدىكىلەر ئۆز ساھەسىدىكى زاتلارنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەۋزەل رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىشى؛ مۇھاجىرلار ساھەسىدىكىلەر ھەر مىللەت مۇھاجىرلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە مەدەنىيەت، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ئالاقىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلەر ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تارقاتقۇچىلاردىن بولۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنى دوستلۇق ۋە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۇقراۋى ئەلچىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلا بولساق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى چوقۇم قۇرۇپ چىقالايمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز. شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش