تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ دۆلەت ئىچى بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2016-09-07 مەنبە : مۇھەررىر : قۇربان مۇھەممەت كۆرۈلۈش سانى :

2016-يىللىق شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى ھۆددىگە ئالغان ئاخىرقى ئايروپىلان 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:45 دە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ، شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:30 دە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە ئايرودرومىغا قوندى. ھۆددە ئېلىنغان ئاخىرقى ئايروپىلاننىڭ تىنچ - ئامان مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى بىلەن تەڭ، شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ بۇ يىللىق دۆلەت ئىچى بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمىتى ئاخىرلاشتى.

         بۇ يىللىق شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق دۆلەت ئىچى مەق مەيدان خىزمىتى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاخىرلاشتى.  ئىككىنچى قېتىملىق دۆلەت ئىچى نەق مەيدان خىزمىتى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلىنىپ 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدۇ.

شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى خەۋىرى

 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش