تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > ۋىلايەت—ئوبلاست خەۋەرلىرى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ۋە دىنىي ساھەسىكى «قوش بەشتە ياخشى»لارنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

يوللانغان ۋاقىت : 2016-06-22 مەنبە : مۇھەررىر : قۇربان مۇھەممەت كۆرۈلۈش سانى :

6-ئاينىڭ 1-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرىنىڭ باغچا مېھمانخانىسىدا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ۋە دىنىي ساھەسىكى «قوش بەشتە ياخشى»لارنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى كۇلەن سەيپۇلقان سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئوبلاست تەۋەسىدىكى ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنىدىن ئىبارەت تۆت دىننىڭ ۋەكىللىرى، ئوبلاستلىق بىرلىك سەپ، مىللەت – دىن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا «بەشتە ياخشى دىنىي زات» ۋە «بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى» تەقدىرلەندى. بەش نەپەر «بەشتە ياخشى دىنىي زات» ۋەكىلى ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

    يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان دىنىي زاتلار بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بەس – بەستە: «ئوبلاستىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق كەڭ كۆلەمدە دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ۋە تەقدىرلەش يىغىنىنى ئاچقانلىقى، ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دىنىي زاتلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، يىغىندىن دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىنى ھېس قىلدى» دېيىشتى. ئاخەت ئاخۇن مۇنداق دېدى: « يىلدا بىر كېلىدىغان رامىزان يېقىنلىشىپ قالدى، قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ يىغىننى پۇرسەت دەپ بىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىغا ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان تەلىپى ۋە ئۈمىدىنى يەتكۈزۈپ، ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ۋە ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەشكە يېتەكلەيمەن».

 

 

 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش