تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىغا رامىزانلىق بەخت تىلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2016-06-06 مەنبە : مۇھەررىر : قۇربان مۇھەممەت كۆرۈلۈش سانى :

    بۇ يىللىق رامىزان ھارپىسى ـــــ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنى باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىغا رامىزانلىق بەخت تىلىدى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەتە رامىزان باشلىنىدۇ، رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇتلۇق ئاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە مەن سىلەرگە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا، جۈملىدىن سىرتتىكى شىنجاڭلىق مۇسۇلمانلارغا ئەڭ گۈزەل تىلەك تىلەيمەن! رامىزان ئېيىڭلار قۇتلۇق بولسۇن!

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: رامىزان ئېيى ئىناقلىققا تولغان، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، تەلەپچان بولۇپ خەيرىخاھلىق قىلىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان ئاي، كىشىلەرنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، ياخشى ئەمەللەرنى قەدىرلەشكە ئۈندەيدىغان ئاي. سىلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە باشقىلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئېسىڭلاردا چىڭ ساقلاپ، دوستلۇق مېھرىڭلار بىلەن ئاجىز-مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىشىڭلارنى، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، ئوتتۇرا يولدا مېڭىش، كەڭ قورساق بولۇشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئائىلە، قولۇم-قوشنا ۋە جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناقلىققا چۆمدۈرۈپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاڭ چۈنشيەن دىنىي زاتلاردىن يەنىمۇ تىرىشىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، توغرا يولدا مېڭىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشنى ئۈمىد قىلدى

(شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى خەۋىرى)

  

 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش