تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > ئىسلام دىنى بىلىملىرى

مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئوقۇغان نامازنىڭ بايانى

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-18 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى مۇھەررىر : نىجات كۆرۈلۈش سانى :

ئابلەت قۇربان

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قانداق ناماز ئوقۇغان بولسا بىزمۇ شۇنداق ئوقۇشىمىز لازىم؛

ھەممىزگە مەلۇم، ناماز ئىسلام دىننىڭ تۈۋرۈكى.بارلىق مۇسۇلمانلار ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى ۋە مۇسۇلمانلار قىلىشقا تىگشلىك بولغان بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولۇپ،مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم،ئەڭ ئەھمىيەتلىك كاتتا ئىبادەتتۇر.بىز بۇ ئىبادەت شەكلىنى ئۆز مەيلىمىزچە شەكىللەندۈرۈپ تۇرغۇزالمايمىز،ئۇ پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھى قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتىپ بىرىلگەن مەخسۇس بىر ئۇسۇل بىلەن”ناماز“دەپ ئاتالغان ھەم مۇشۇ ئۇسۇلدا ئوقۇشىمىزغا بۇيرۇلغان.بىز نامازنى ئاللاھ تائالا تەرپىدىن ئەسلىدە كۆرسىتىپ بىرىلگەن ئۇسۇل ۋە قائىدىلەر بىلەن ئادا قىلمىز دەيدىكەنمىز،پەيغەمبىرىمز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوقۇغان نامازنىڭ ئۇسۇلنى ئۈگنىش ئۈلگىسى قىلشىمىز لازىم.چۈنكى،ئاللاھ تائالانىڭ :”سىلەرگەرەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.{سۈرە<<ئەھزاب>>(33-سۈرە)،21-ئايەت}دىگەن سۆزى بىلەن:”سىلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار“{سۈرە<<ئال ئىمران>>3-سۈرە)،31-ئايەت}دىگەن سۆزى بىزنىڭ ئۈگنىش نىشانىمىزنى ۋە ئىتائەت قىلىش ئوبيېكتىمىزنى ئىنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇماقچى بولسا ،(ئالدى بىلەن قايسى نامازنى ئوقۇيدىغانلىقنى)نىيەت قىلىپ،ئىككى قۇلنى كۆتۈرگەن ھالدا تەكبىر ئېيتىپ،ئىككى باش بارمىقنى ئىككى قولقىنىڭ يۇمشىقنىڭ باراۋىرىدە قىلاتتى ۋە قولنى كۆتۈرگەن چاغدا بارماقلىرىنى تولۇق ئىچۋەتمەستىن ۋە قاتتىق يۇمۋالماستىن،نورمال ئىچىپ،ئالقان يۈزىنى قىبلە تەرەپكە توغرىلايتتى،ئاندىن ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ،كىندىكىنىڭ ئاستىدا، ئوڭ قولنىڭ باش بارمىقىنى ۋە چىمچىلقى بىلەن سول قولنىڭ بىغىشنى تۇتۇپ تۇراتتى.بىز ھەقتىكى ھەدىسلەرگە نەزەر سالايلى:

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىشچە ئۇ مۇنداق دىگەن:”ئەمەللەر جەزمەن نىيەتكە باغلىقتۇر،ھەر بىر كىشىگە ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسە مەنسەپتۇر “(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).تىبرانى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان:”سىلەر ناماز ئوقۇغان نىيتىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار“.

يۇقىرقى ئىككى ھەدىستە ھەرقانداق كىشى ناماز ئوقماقچى بولغاندا ئالدى بىلەن قايسى نامازنى ئوقۇيدىغانلىقنى نىيەت قىلشى لازىملقىئوتتۇرغا قويۇلغان.لىكىن نامازنى باشلىغاندا پالانى نامازنى ئوقۇيمەن دەپ تىل بىلەن ئىيتىش پەيغەمبىرىمىزدىن رىۋايەت قىلىنمىغان بولسىمۇ،بىر قىسىم مۇجتەھىد ئالىملار ئاز بولمىغان مەشغۇلات ئىچىدىكى نامازغا يۈزلەنگەن قەلىپنىڭ باشقا ئوي پىكىرلەردىن تولۇق خالى بولشى ئىتۋارغا ئىلىپ،تابىئىنلار دەۋىردىن كىيىنلا ھەرقانداق نامازغا نىيەت قىلىش بىلەن بىرگە تىل بىلەنمۇ مەخپىي تەيىن قىلىشنى ياخشى دەپ قارىغان.بىراق ھەرقانداق كىشى قەلبىدىكى نىيەت بىلەنلا نامازنى باشلاپ كەتسە،شۇنىڭ ئۆزىمۇ كۇپايە قىلدۇ.

نامازنى باشلايدىغان چاغدا تەكبىر ئىيتىپ باشلاش مەسلىسى ھەققىدە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق دىگەنلىكنى ئىيتقان:”نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەتتۇر.نامازنىڭ باشلىنىشى تەكبىردۇر،نامازنىڭ ئاخىرلىششى سالام بىرىشتۇر“.

يۇقىرقى ھەدىستە نامازغا كىرىش ئۈچۈن تەكبىر ئىيتىش،تەكبىر ئىيتىپ بولغاندىن كىيىن بارلىقىنى نامازغا بىغىشلاش تەلەپ قىلىنغان.

ئىككى قولنى قۇلاقنىڭ يۇمشىقى باراۋىردە كۆتۈرۈش مەسلىسى ھەققىدە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ۋائىل ئىبنى ھۇجىرىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبىرىمىزدىن رىۋايەت قىلىپ:”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازغا تۇرغان چاغدا قول كۆتۈرۈپ تەكبىر ئىتقانلىقنى كۆردۈم“دىگەن(ھەم قولنى قۇلاقنىڭ يۇمشىقى باراۋىردە كۆتۈرۈپ،پەيغەمبرىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى قول كۆتۈرۈش ھەيئىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن).

<<ئاسارۇسسۇنەنى>>دىگەن كىتاپنىڭ1-توم،163-بىتىدە ۋە<<مۇۋەتتا>>دىگەن كىتاپنىڭ1-قىسىم،168-بىتىدە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبىرىمىزدىن رىۋايەت قىلىپ:”پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ناماز باشلاش ئۈچۈن تەكبىر ئىتقاندا قولنىقۇلىقىغا تەڭ كۆتۈرەتتى دىگەن.يەنە بىر رىۋايەتتە:”قۇلقىنىڭ باراۋىرىگىچە كۆتۈرەتتى“دىيىلگەن.

يۇقىرقى ئىككى ھەدىسنىڭ روھى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى،ھەر كىم نامازغا تۇرغاندا قولنى قۇلاق باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ تەكبىر ئىيتىش بىلەن نامازنى باشلىشى سۈننەتكە مۇۋاپىق.قول كۆتۈرگەن چاغدا بارماقلارنىڭ قايسى ھالەتتە تۇرشى<<مۇستەدرەك>>دىگەن كىتاپنىڭ 1-قىسىم،234-ۋە 235-بەتلىرىدە سەئىد بىننى سەمئان ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە ئىنىق كۆرسىتىلگەن:سەئىد بىننى سەمئاندىن رىۋايەت قىلىنشچە،ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەننى زۇرەيق مەسچىتكە كىرىپ مۇنداق دىگەن:”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلدىغان ئۈچ ئىش بار بولۇپ،ئۇ ئىشلارنى كىشلەر تاشلاپ قويدى،بۇ ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرسا،مۇشۇنداق(قولنى كۆتۈرۈپ بارماقلىرىنى نورمال قىلغان ھالدا)قىلاتتى“(بۇ چاغدا،بۇ ھەدىسنىڭ راۋىلىردىن بىرى بولغان ئەبۇ ئامىر قولنى كۆتۈرۈپ بارماقلىرنى ئالاھىدە ئاچماستىن ۋە قاتتىق يۇمۋالماستىن،نورمال قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگەن).ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:”شۈبھىسىزكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(نامازغا قول كۆتۈرگەندە)بارماقلىرىنى نورمال ئىچىپ تۇراتتى“دىگەن.

بۇ ئىككى ھەدىس بىزگە ناماز باشلاش ئۈچۈن قول كۆتۈرگەن ۋاقتىمىزدا بارماقلىرىمىزنى قانداق تۇتساق سۇننەتكە لايىق بولدىغانلىقنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

قول كۆتۈرۈپ تەكبىر ئىيتىپ بولغاندىن كىيىن،سەنا ئوقۇشتىن بۇرۇن ئوڭ قولىمىزنى سول قولمىزنىڭ ئۈستىگە،كىندىكىمزنىڭ ئاستىدا قويشىمىزنىڭ سەۋەبىنى،تىبرانى بىلەن بەيھەقى ئايرىم ئايرىم ھالدا رىۋايەت قىلغان ئىككى ھەدىس ئىسپاتلاپ بىرىدۇ:ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،رسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دىگەن:”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:بىز پەيغەمبەرلەر ئىپتارنى بالدۇرراق قىلىشقا زوھۇرلۇقنى كىچكىپرەك يىيىشكە،نامازدا ئوڭ قولمىزنى سول قولمىزنىڭ ئۈستىگە قويۇشقا بۇيرۇلدۇق“دىگەنىدى.ھەججاج ئىبنى ھەسەن:”مەن ئابا مۇجلىزدىن قاندا قۇيمىز دەپ سورىسام،ئوڭ قولىمىزنىڭ ئاستىغراق قويىمىز دەپ جاۋاپ بەردى“دىگەنىدى.<<ئاسارۇسسۇنەنى>>دىگەن كىتاپنىڭ1-قىسىم،71-بىتىدە ئىبراھىم نەخەئى:”نامازدا ئوڭ قولمىزنى سول قولمىزنىڭ ئۈستىگە،كىندىكنىڭ ئاستىغا قويىمىز“دەپ بايان قىلغان.

بۇ دەلىل ئىسپاتلار شۇنى بىلدۈردۇكى:نامازغا تۇرغاندا ئوڭ قولىمىزنى سول قولىمىزنىڭ ئۈستىگە،كىندىكنىڭ ئاستىغا قويشىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ.

ئەگەر بۇ مەسلىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ دەلىل ئىزدەشكە مۇھتاج بولساق،ئەبۇ داۋۇد كىتابىنىڭ1-قىسىم،201-بىتىدە ئەبى جۇھەيپەئارقىلىق مۇنداق ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان:”ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۈبھىسىزكى،نامازدىكى سۇننەت قولنى قولنىڭ ئۈستىدە،كىندىكىنىڭ ئاستىدا قويۇشتىن ئىبارەت“دىگەنىدى.ئىبنى ئەبى شەيبە بايان قىلغان بىر ھەدىستە،ئەلقەمە ئىبنى ۋائىل ئىبنى ھۇجرىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكنى ئىيىتقان:”<مەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە،كىندىكىنىڭ ئاستىدا قويغىننى كۆردۈم>“.

يۇقىرقى ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى،ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ:”بىز پەيغەمبەرلەر ئپتارنى بالدۇرراق قىلىشقا،سۇھۇرلۇقنى كىچكىپرەك يىيىشكە ۋە نامازدا ئوڭ قولىمىزنى سول قولمىزنىڭ ئۈستگە قويۇشقا بۇيرۇلدۇق“دىگەن سۆزىگە ئۆز ئەمەلىيەتلىرى بىلەن چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

دىمەك،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز باشلىغاندا،تەكبىر ئىتقاندىن كىيىنلا ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە،كىندىكنىڭ ئاستىدا قويۇپ بولۇپ ئاندىن سەنا ئوقۇيتتى يەنى”سۇبھانەكە ئاللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتابارە كەسمۇكە ۋەتەئالا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇكە“دەپ ئوقۇپ،ئاندىن كىيىن”ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم،بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم“دەيتتى.

پەيغەمبىرىمز يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى مەخپى دەيتتى.ساھەبىلەر پەيغەمبىرىمىزدىن ئايرىم چاغلاردا ئوقۇشنى ئۈگىنۋالاتتى،بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان.ئابدۇللا ئىبنى مەھئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز ناماز باشلىغاندا ئوقۇلىدىغان سانانى”سۇبىھانەكە ئاللاھۇممە“نى ئۈگتىپ قوياتتى.ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىردا سۆزلەنگەن سەنانى ئوقۇيدىغانلىقنى سۆزلەپ بىرەتتى“دىگەنىدى.نەسائى رىۋايەت قىلغان بىرھەدىستە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن:”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شۇنداقلا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان،لىكىن ئۇلار سەنانى،ئەئۇزۇبىللاھىنى ۋە بىسمىللاھنى ئۈنلۈك دىمگەنىدى“.

تىبرانىمۇ مۇشۇ مەزمۇندىكى بىر قانچە ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان بولغاچقا بىز ناماز ئوقۇغاندا يۇقىرقىلارنى مەخپى ئوقۇيمىز.

دىمەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يۇقىقىلارنى ئوقۇپ بولۇپ سۆرە ڧاتىھەنى قىرائەت قىلاتتى.بۇ ھەقتە مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان.ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن:”مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئارقىسدا ناماز ئوقۇدۇم ۋە ئەبۇ بەكرى،ئۆمەر،ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئارقىسىدىمۇ ناماز ئوقۇدۇم.ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۆرە<<ڧاتىھە>>بىلەن قىرائەتنى باشلايتتى.قىرائەتنىڭ بىشىدا ياكى ئاخىردا بىسمىللاھنى قىرائەت قىلمايتتى“.

شۇ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن نامازنىڭ قىرائىتنى ”ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين“دەپ باشلاش لازىملىقنى ئىسپاتلاشقا بولدۇ.شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەككى،بەزى ھەدىسلەردە ساھابىلەرنىڭ قىرائەتنى”بىسمىللاھ“بىلەن باشلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ،بۇنىڭدا ئىسلامنىڭ دەسلىپدە”بىسمىللاھ“نى ئوقۇشنى باشقىلارغا ئۈگتىپ قۇيۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بىر مەزگىلدىن كىيىن”بىسمىللاھ“نى مەخپى دەيدىغان بولغان.شۇڭلاشقا بەزىلەر ”بىسمىللاھ“سۆرە <<ڧاتىھە>>نىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس بەلكى <<قۇرئان كەرىم>>دىكى ئايرىم بىر ئايەت دەپ قارايدۇ.بىراق بەزى رىۋايەتلەردە:”بىسمىللاھ“سۆرە <<ڧاتىھ>>نىڭ جۈملسدىن دىيىلگەنلىكى ئۈچۈن،ھەر رەكئەت نامازنىڭ بىشىدا<بىسمىللاھ>دىيىش لازىمدۇر.ئەگەر<بىسمىللاھ>دىيىش ئۇنتۇلۇپ قالسا،شۇ سەۋەنلىك ئۈچۈن نامازنىڭ ئاخىردا سەھۋە سەجدىسى قىلىش لازىم كىلىدۇ“دىيىلگەن ۋە سۆرە<<ڧاتىھە>>دىن كىيىن خالىغان سۆرە ئوقۇشتىن ئاۋال”بىسمىللاھ“نى ئوقۇش ياخشى دەپ رىۋايەت قىلىنغان.

يۇقىردا بىز بايان قىلغاندەك،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۆرە<<ڧاتىھە>>نى قىرائەت قىلىپ بولۇپ يەنە بىر سۈرە ياكى خالىغان ئاز دىگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيتتى.لىكىن سۆرە<<ڧاتىھە>>نى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن مەخپى ھالەتتە ئامىن دەيتتى ۋە باشقىلارغىمۇ سۆرە<<ڧاتىھە>>دىن كىيىن ئامىن دىيىشنى بۇيرۇيتتى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرگە ۋە شۇ ھەدىسنىڭ مەنبەسى بولغان «قۇرئان كەرىم»دىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، نامازدا قۇرئاندىكى قايسى سۈرىدىن بولسۇن بىر ئايەت قىرائەت قىلىش نامازنىڭ زۈرۈر بولغان شەرتى . بىراق سۈرە «فاتىھە»نى قىرائەت قىلىش، سۈرە «فاتىھە»دىن كىيىن خالىغان بىر سۈرە ياكى ئۈچ ئايەت قىرائەت قىلىش ۋاجىپتۇر . سۈرە «فاتىھە»دىن كىيىن ئامىن دېيىش سۈننەتتۇر . بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ئاساسى :

1.ئاللاھ تائالا سۈرە«مۇززەممىل»(73-سۈرە)نىڭ 20-ئايىتىدە:«قۇرئاندىن سىلەرگە ئاسان بولغانلىرىنى ئوقۇڭلار»دېگەن . سەھىھ مۇسلىمدىكى بىر رىۋايەتتە، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ :«قىرائەتسىز ناماز بولمايدۇ »دېگەنلىكىنى ئېيىتقان .

بۇ ھۆكۈم مۇتلەق ھۆكۈمدۇر . شۇڭا، نامازدا قۇرئاندىن بىر ئايەت بولسىمۇ قىرائەت قىلىنسا، نامازدا قىرائەت قىلىشنىڭ پەرىزى ئادا بولىدۇ، لىكىن ئۇ ناماز مۇكەممەل ئوقۇلغان ناماز بولماستىن، بەلكى نوقسان بىلەن ئوقۇلغان ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئىمام مۇسلىم مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغانىدى : ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتىدۇ: «كىمكى ناماز ئوقۇپ سۈرە«فاتىھە»نى ئوقۇمىسا، ئۇ ناماز تولۇق تامام بولمىغان ناماز بولىدۇ»(رەسۇللاھ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغانىدى) .

يۇقىرىقى ھەدىس شۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بولىدۇكى: سۈرە«فاتىھە»ئوقۇلمىغان ناماز نوقسان ناماز بولىدۇ، لىكىن باتىل(ئېتىبارسىز)ناماز بولمايدۇ . شۇڭا نامازدا ئۇنتۇغاقلىقتىن ياكى باشقا سەۋەب بىلەن سۈرە «فاتىھە»نى ئوقۇمىسا، نامازنىڭ ئاخىرىدا سەھۋە سەجدىسى لازىم كىلىدۇ . ئەگەر قەستەن سۈرە «فاتىھە»نى ئوقۇمىسا، نامازنى ئېھتىيات نۇقتىسىدىن قايتا مۇكەممەل ئوقۇش تەلەپ قىلىنىدۇ . مانا بۇ يەكۈن تۆۋەندىكى ھەدىسنىڭ تەلىپىدۇر: ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈرە فاتىھە ئوقۇلمىغان ناماز كۇپايە قىلمايدۇ» دېگەنىدى (بۇ ھەدىسنى ئىبنى خۇزەيمى ئۆز كىتابىنىڭ 248-بېتىدە رىۋايەت قىلغان) .

ئەمدى سۈرە«فاتىھە»دىن كېيىن ئامىن دېيىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىگە كەلسەك: بۇ جەھەتتە ئاز بولمىغان ساھابىلەر رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر بار ۋە شۇنداقلا سەلەفى سالىھىنلەرنىڭ روشەن ئۆرنەكلىرى خاتىرلەنگەن . مەسىلەن، ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن، ئەبۇ ھۈرەيرە رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتىدۇ: « ئىمام " غەيرۇل مەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەززاللىين"دېسە، سىلەر"ئامىن"دەڭلار! چۈنكى كىمنىڭ بۇ سۆزى پەرىشتىلەرنىڭ سۆزىگە توغرا كەلسە، ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى كەچرۈم قىلىنىدۇ» .

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۈرە فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە ياكى ئۈچ ئايەت ئوقۇپ بولۇپ تەكبىر بىلەن تەڭلا رۇكۇ قىلاتتى، ئىككى قولى بىلەن ئىككى تىزىغا تايىنىپ بارماقلىرىنى ئەركىن قويۇپ بىرىپ، بېشىنى ئېگىز قىلىپ ئېڭىشەتتى . بۇ ھالەتتە ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم «سۇبھانە رەببىيەلئەزىم» دەيتتى . ئاندىن كېيىن «سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدە» دەپ ئۆرە بولاتتى . جامائەتلەر «رەببەنالەكەلھەمدۇ» دەيتتى . پەيغەمبىرىمىز راۋۇرۇس ئۆرە بولۇپ بولغاندىن كېيىن تەكبىر ئېيتىش بىلەن تەڭ سەجدىگە باراتتى . يۇقىرىقى تەكبىرلەرنى ئېيىتقاندا قول كۆتۈرمەيتتى . سەجدىگە بارغاندا ئاۋۋال ئىككى تىزىنى، ئاندىن ئىككى قولىنى، ئاخىرىدا يۈزىنى ئىككى قولىنىڭ ئوتتۇرسىدا يەرگە قوياتتى . بۇ چاغدا بىلەكلىرىنى چېقىرىپ قورسىقىنى يوتىسىدىن يېراق تۇتۇپ تۇراتتى . بۇ ھالەتتە ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم «سۇبھانەرەببىيەلئەئلا» دەيتتى . نامازنىڭ ئوتتۇرسىدا قول كۆتۈرۈش مەسلىسىگە كەلسەك، يەنىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلىرىگە ۋە تەشەببۇسلىرىغا نەزەر سېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .

ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئەبەيدۇللا ئىبنى قىبتىيە جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ :«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقىپ مۇنداق دېگەن، دەيدۇ :‹سىلەر نېمىشقا قولۇڭلارنى جىم تۇرمايدىغان ئاتنىڭ قۇيرۇقىدەك كۆتۈرۋالىسىلەر؟! نامازدا جىم تۇرۇڭلار!›»

تىرمىزى ۋە نەسائىلەرنىڭ رىۋايىتىدە ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرقانچە ھەدىس رىۋايەت قىلغان: ئەلقەمە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن :«ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد بىزگە:‹مەن سىلەرگە رەسۇللا ئوقۇغان نامازدىن خەۋەر بېرەيچۇ›دەپ ناماز ئوقۇغىلى تۇردى، ئۇ نامازنى باشلىغاندا بىر قېتىم قول كۆتۈردى . كېيىن قايتا قول كۆتۈرمىدى . ئەسۋەد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، لېكىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازدا، ناماز باشلىغان چاغدىكى تەكبىردىن باشقا ناماز تۈگۈگىچە ھېچقانداق جايدا قولىنى كۆتۈرمىدى . ئۇنىڭدىن باشقا مەن شەئبى، ئىبراھىم ۋە ئەبا ئىسھاقلارنى ناماز ئوقۇغان ھالدا كۆردۈم، ئۇلارمۇ پەقەت ناماز باشلىغان چاغدا بىر قېتىم قول كۆتۈدى (باشقا جايلاردا قوللىرىنى كۆتۈرمىدى)»(نۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەبى شەيبى، ھەسەن ئىبنى ئاياش ۋە تاھاۋى قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلغان) . يەنە ئاسىم ئۆز دادىسىدىن رىۋايەت قىلىشچە:«ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ناماز باشلىغاندىن باشقا ھېچقانداق يەردە قول كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇغان» .

يۇقرىقى ھەدىسلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ناماز باشلىغان چاغدا تەكبىر ئېيتىپ قول كۆتۈرۈشتىن باشقا رۇكۇ- سەجدىنىڭ ئالدى– كەينىدە قول كۆتۈرۈش لازىم ئەمەس . بۇ جايلاردا قول كۆتۈرۈش توغرىسىدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر بولسىمۇ، لېكىن خەلىپىلەر ئېچىدىن ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان ۋە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب قاتارلىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارمۇ بۇ ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىشنى تەرك ئەتكەن . شۇنداقلا تابىئىنلار دەۋرىدە قايسىبىر فىقھە ئالىمى بولسۇن بۇ ھەدىسنى مەنسۇخ (ئەمەلدىن قالغان) دەپ قارىغان . شۇ جەھەتتىن نامازنىڭ باشلىنىشىدىن باشقا جايلاردا قول كۆتۈرۈش لازىم كەلمەيدۇ .

مەيلى قايسى شارائىتتا بولايلى بىزگە، يەنى مۇسۇلمانلار جامائىتىگە تىنچ – ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداش يولىدا بەزى قاراشلىرىمىزنى قۇربان بەرسەك ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرىنچى سەجدىنى قىلىپ بولۇپ ئاندىن سول پۇتىنى ياتقۇزۇپ، ئوڭ پۇتىنى تىكلىگەن ھالدا بىر ئاز ئۆرەتۇرۇپ كىيىن تەكبىر ئېيتىپ ئىككىنچى سەجدىگە باراتتى . بۇ سەجدىنى قىلىپ بولۇپ، قولى بىلەن يەرگە (ياكى باشقا نەرسىلەرگە) تايانماستىن پەقەت تىزىنى تۇتۇپلا، تەكبىر ئېيتىش بىلەن تەڭ دەس ئورنىدىن تۇراتتى . شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى رەكئەتنى «ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىيىن» دەپ قىرائەت باشلاش ئارقىلىق داۋاملاشتۇراتتى . بۇ رەكئەتتە ئوقۇلىدىغان قىرائەت ئۇسۇلى ۋە زىكرى – تەسبىھ قائىدىلىرى، شۇنداقلا رۇكۇ – سەجدە قىلىش ئۇسۇلى ئاۋۋالقى رەكئەتتىكىگە ئوخشاش ئىدى . پەيغەمبىرىمىز ئىككىنچى رەكئەتتىكى ئىككىنچى سەجدىنى مۇكەممەل ئورۇنداپ بولۇپ، سول پۇتىنى ياتقۇزۇپ، ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ، سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى . پۇتلىرىنىڭ بارماق ئۇچىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ، ئىككى قولىنى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ،«ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى،ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىبات، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ، ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشەدۇئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ » دەپ ئوقۇيتتى . ئاندىن كېيىن ئىككى دۇرۇتنى ئوقۇيىتتى ۋە ئۆزىگە، ئاتا – ئانىسىغا ۋە بارلىق مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلاتتى . ئوقۇغان دۇئالار پەقەت «قۇرئان كەرىم»دىكى دۇئالار مەزمۇنىدىن چەتنەپ كەتمىگەن دۇئالار ئىدى . ھەرگىز ئەل ئارىسىدىكى ئاساسسىز دۇئالارنى ئوقۇمايتتى . ئاندىن ئوڭ تەرەپكە ۋە سول تەرەپكە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمۇتۇللاھ» دەپ سالام بېرەتتى .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ ياكى تۆت رەكئەتلىك ناماز ئوقۇماقچى بولسا، ئىككى رەكئەت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ كەلىمە شاھادەت (گۇۋاھلىق بېرىش كەلىمىسى )نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن باشقا ھېچقانداق نەرسە ئوقۇماستىن ئورۇندىن تۇرۇپلا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشقا باشلايتتى . بۇ رەكئەتلەر (يەنى ئۈچىنچى،تۆتىنچى رەكئەتلەر)دە سۈرە فاتىھەدىن باشقا سۈرە ئوقۇمايتتى . بۇ رەكئەتلەردىكى رۇكۇ - سەجدىلەر ۋە ئوقۇلدىغان زىكرى – تەسبىھلەر ئاۋۋالقى ئىككى رەكئەتكە ئوخشاش ئورۇندىلاتتى . (سۈننەت نامازلەرنىڭ ئاخىرىقى رەكئەتلەردىمۇ سۈرە «فاتىھە»دىن كېيىن باشقا بىر سۈرىلەرنى قېتىپ ئوقۇيتتى ) .

نامازنىڭ ئەھكاملىرىنى تولۇق چۈشۈنىش ۋە رىئايە قىلىش لازىم؛

يۇقرىقى بايانلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۇسۇلنى نۇرغۇن مۇجتەھىد ئالىملىرىمىز ئىنچىكە كۈزۈتۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلەرنى چىقارغان :

1-نامازنىڭ شەرتلىرى

نامازنىڭ شەرتلىرى يەتتە تۈرلۈك بولۇپ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1) ناماز ئوقۇغۇچى نامازغا تۇرۇشتىن ئاۋال تاھارەت ئىلشى؛

2) ناماز ئوقۇغۇچى نامازغا تۇرۇشتىن ئاۋال بەدىنىنى پاكلاش؛

3) ناماز ئوقۇغۇچى نامازغا تۇرۇشتىن ئاۋال ئورۇننى پاكلاش؛

4) ناماز ئوقۇغۇچى نامازغا تۇرۇشتىن ئاۋال ئەۋرەتنى ياپقۇدەك پاك كىيىملەرنى كىيىش؛

5) نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش؛

6) قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش؛

7) ناماز ئوقۇغۇچى نامازغا تۇرۇشتىن ئاۋال نىيەت قىلىش؛

2-نامازنىڭ پەرىزلىرى:

1) تەكبىر تەھرىمە(يەنى نامازدىن باشقىنى ھارام قىلىش)

2) ئۆرە تۇرۇش؛

3) بىر ئايەت بولسىمۇ قىرائەت قىلىش؛

4) رۇكۇ قىلىش؛

5) سەجدە قىلىش؛

6) ئاخىرقى تەشەھھۇد مىقدارى ئولتۇرۇش قاتارلىقلار.

3-نامازنىڭ ۋاجىپلىرى:

1) سۈرە فڧاتىھە ئوقۇش؛

2) سۈرە ڧفاتىھەگە قوشۇپ بىر سۈرە ياكى ئۈچ ئايەت ئوقۇش؛

3) ئەڭ ئاۋال فڧاتىھە ئوقۇش؛

4) پەرىز نامازنىڭ ئاۋالقى ئىككى رەكئەتىگە قىرائەتنى تەيىنلەش؛

5) ناماز ئەركانلىرىنى تولۇق ئورۇنداش؛

6) ئۈچ ياكى تۆت رەكئەتلىك نامازدا ئىككى رەكئەتتىن كىيىن ئولتۇرش؛

7) ئولتۇرغاندا”تەشەھھۇد“نى(گۇۋاھلىق بىرىش كەلىمىسنى)ئوقۇش؛

8) نامازدىن چىققاندا سالام بىرىپ چىقىش؛

9) ۋىتىر نامزىدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇش؛

10) ھىيت نامازلىرىدىكى بارلىق تەكبىرلەرنى ئىيتىش؛

11) ئىمام بولغۇچى بامدات،جۈمە،ئىككى ھىيىت نامازلىرىدا ۋە رامزاندىكى تېراۋىھ،ۋىتىر نامازلىرىدا ۋە شام ،خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ئاۋالقى ئىككى رەكەتلىرىدە ئۈنلۈك قىرائەت قىلىش؛

12) يۇقىرقى نامازلاردىن باشقا قىرائەتنى مەخپى قىلىش قاتارلىقلار.

4-نامازنىڭ سۈننەتلىرى:

1) تەكبىر تەھرىمىدە ئىككى قولنى قۇلاق باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ،ئاندىن ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە،كىندىكنىڭ ئاستىغا قويۇش؛

2) سەنا ئوقۇش؛

3) ”ئەئۇزۇ بىللاھ“دىيىش؛

4) ”بىسمىللاھ“دىيش؛

5) سۆرە<<ڧفاتىھە>>دىن كىيىن”ئامىن“مەخپى دىيىش؛

6) رۇكۇدىن تۇرغاندا”سەمئەللاھۇ لىمەن ھەمىىدە“ۋە رەببەنا لەكەل ھەمدۇ“دىيىش؛

7) يۆتكىلىش تەكبىرلىرىنى ئىيتىش؛

8) رۇكۇ-سەجدىدە تەسبىھ ئوقۇش؛

9) رۇكۇدا تىزىنى ئۆلچەملىك تۇتۇش؛

10) ئولتۇرغاندا سول پۇتنى ياتقۇزۇپ،ئوڭ پۇتنى تىكلەپ سول پۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇش؛

11) ئولتۇرغاندا قولنى يوتسىنىڭ ئۈستىگە قويۇش؛

12) ئۈچ ياكى تۆت رەكئەتلىك پەرىز نامازنىڭ ئاخىردىكى ئىككى رەكئەتىدە قىرائەت قىلىش؛

13) ئىمام مەخپى قىرائەت قىلدىغان نامازدا تەكبىرلەرنى ۋە سالامنى ئۈنلۈك قىلىش؛

14) نامازنىڭ ئاخىردا ئولتۇرغاندا دۇرۇد ئوقۇش؛

15) دۇرۇد ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئۇيغۇن دۇئالارنى قىلىش؛

16) سالام بەرگەندە ئوڭ سولغا بۇرۇلۇش؛

17) ئىمام سالام بەرگەندەجامائەتنى،پەرىشتىلەرنى ۋە سالىھ جىنلارنى نىيەت قىلىش؛

18) جامائەت سالام بەرگەندە ئىمامنى نىيەت قىلىش؛

19) ھەر بىر جامائەت سالام بەرگەندە ئىككى تەرەپتىكى جامائەتنى ۋە مالايكىلەرنى سالىھ جىنلارنى نىيەت قىلىش؛

20) يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى بولسا سالام بەرگەندە پەقەت مالائىكلەرنى سالىھ جىنلارنى نىيەت قىلىش .

5-نامازنىڭ مۇستەھەپلىرى:

1) قول كۆتۈرگەندە قولنى يەڭدىن چىقرىش؛

2) باش كىيىم كىيىش؛

3) ئۆرە تۇرغاندا سەجدە قىلدىغان جايغا،رۇكۇ قىلغاندا قەدىمنىڭ ئۈستىگە،سالام بەرگەندە مۆرسىگە قاراپ تۇرۇش؛

4) ئىمكان قەدەر يۆتەلمەسلىك؛

5) ئىمكان قەدەر ئەسنىمەسلىك؛

شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيۇش كىرەككى:مۇجتەھىدلەرنىڭ ناماز توغۇرسىدىكى ھەدىسلىرنى ئۇزاق مۇددەت ئنچىكلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق،ناماز ئوقۇش جەريانىدا ئاياللار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر قانچە نۇقتىنى ئىزاھلاپ بەرگەن:

1) ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە قويغاندا كۆكسىگە قويۇش؛

2) قول كۆتۈرگەندە قولنى يەڭدىن چىقارماسلىق؛

3) قول كۆتۈرگەندە مۆرسى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈش؛

4) رۇكۇغا بارغاندا بارماقلىرىنى ئاچمايلا ھىم تۇتۇپ تىزنىڭ ئۈستىگە قويۇش؛

5) رۇكۇغا بارغاندا بەك ئىڭىشمەسلىىك؛

6) رۇكۇغا بارغاندا جەينىكنى يوتسىغا چاپلاپ تۇرۇش؛

7) سەجدە قىلغاندا قورسىقىنى يوتسىغا چاپلاپ تۇرۇش؛

8) ئولتۇرغاندا ئىككىلا پۇتنى ئوڭ تەرپكە ياتقۇزۇپ يەردە ئولتۇرۇش؛

9) سەجدىگە بارغاندا بىلكىنى يەردە قۇيۇش؛

10) ھىچقانداق جايدا ئاۋاز چىقارماسلىق؛

6-نامازنىڭ مەكرۇرلىرى:

1) نامازدا كىيىم كىچەك ياكى بەدەنلىرىنى ئويناش؛

2) ئالدىدىكى تاش پارچىلىرىنى ئۇيان-بۇيانغا يۆتكەش؛

3) قول پۇتلىرىدىن قاس چىقرىش؛

4) بىقىننى تۇتۇش؛

5) كىيىم-كىچەكلىرىنى تۈزەشتۈرش؛

6) چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈش؛

7) بوينىنى ھەركەتلەندۈرۈش؛

8) ئىت ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇش؛

9) سەجدە قىلغاندا بىلكىنى سۇنۇپ تۇرۇش؛

10) باشقىلارغا قولى بىلەن سالام بىلدۈرۈش؛

11) چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇش؛

12) پىشانىسنى ۋە بۇرۇنىدىكى نەرسىلەرنى ئىلىش؛

13) ئىغىزدا تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى چىقرىش؛

14) نامازنىڭ كەيپىياتىنى بۇزىدىغان ياكى نامازنىڭ كەيپىياتىغا دەخلى يەتكۈزدىغان ھەرقانداق ئامىللارنى سادىر قىلىش خىيال قىلىش قاتارلىقلار.

7-ناماز بۇزۇلىدىغان سەۋەپلەر:

1) يىيىش- ئىچىش؛

2) ناماز جۈملىسىدىن بولمىغان ئىشلارنى قىلىش؛

3) قەستەن تاھارەت سۇندۇرۇش؛

4) ئۈچ قەدەمدىن ئارتۇق مىڭىش؛

5) قىبلىدىن باشقا تەرەپكە قاراش؛

6) ئايلىنىپ كىتىش؛

7) ئىلشىپ قىلىش؛

8) ئىھتىلام بولۇش؛

9) ياشقا توشقان ئەر- ئاياللار ياندىشىپ تۇرۇپ بىر نامازنى جامائەت بولغان ھالەتتە ئوقۇش؛

10) ئەۋرەت ئىچلىپ قىلىش ياكى نىجاسەت يۇقۇپ قىلىش؛

11) ئۆزى ئاڭلىغۇدەك كۈلۈش؛

12) بىر كەلىمە بولسىمۇ سۆز قىلىش؛

13) باشقىلارغان سالام بىرىش؛

14) باشقىلارنىڭ سالمىنى تىل بىلەن قايتۇرۇش؛

15) ئۇھ تارتىش؛

16) ئىنجىقلاش

17) ئاھ ئۇرۇش؛

18) ئاخىرەت ئەسلىمىسدىن باشقا نەرسىلەر ئۈچۈن ئاۋازلىق يىغلاش؛

19) چۈشكۈرگۈچىگە رەھمەت تىلەش؛

20) سۇئالغا جاۋاپ قايتۇرۇش؛

21) ئىسترجا ئوقۇش(يەنى يامان خەۋەر ئاڭلىغاندا ئۆزىنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكنى تىل بىلەن ئىپادىلەش)؛

22) ياخشى خەۋەر ئاڭلىغاندا ئاللاھقا ھەمدۇ ئوقۇش؛

23) ناماز سىرتىدىكى ئىشلارغا ئەجەپلەنگەنلىكنى تىل بىلەن بۈلدۈرۈش؛

24) باشقىلارغا خىتاپ قىلىش؛

25) ئۆز ئىمامىدىن باشقىلارغا لوقما سىلىش؛

26) قۇرئاننى مەنسى بۇزۇلغىدەك ھالەتتە بۇزۇپ ئوقۇش؛

سۈرە"فاتىھە " نىڭ ئاخىرىدا «ئامىن»نى مەخپى دېيىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقى چۈشۈنىش لازىم؛

ئەمدى بىز «ئامىن»نى مەخپى دېيىشنىڭ ئەۋزەللىكىگە كەلسەك، بۇنى تۆۋەندە بىر نەچچە نوقتىغا بۆلۈپ ئىزاھلاپ ئۆتىمىز .

1 يۇقىردا بىز كۆرسەتكەن، ئەبۇ ھۈرەيرە رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ۋە سىياقى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ:

‹1›ئىمام «ئامىن»نى ئۈنلۈك دېمەيدۇ، چۈنكى بۇيەردىكى شەرت ئىمامنىڭ دېيىشىگە قويۇلغان ئەگەر ئىمام «ئامىن»نى ئۈنلۈك دەيدىغان ئىش بولسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەتنى ئىمام «ئامىن» دېسە، سىلەرمۇ «ئامىن» دەڭلار دەپ بۇيرىغان بولاتتى . دەرۋەقە ئەمەلىيەت بۇنداق ئەمەس .

‹2›يۇقىرقى ھەدىسنىڭ روھى ۋە سىياقىدىن جامائەتنىڭ ئىمامغا ئىقتىدا قىلغاندا سۈرە«فاتىھە»نى ئوقۇمايدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ، بولمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

سىلەر" غەيرۇل مەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەززاللىين"دېگەندە «ئامىن» دەڭلار دېگەن بولاتتى . بىراق ئۇنداق دېمەي ئىمامنىڭ" غەيرۇل مەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەززاللىين" دېيىشىگە بىزنىڭ «ئامىن» دېيىشىمىزنى شەرت قىلدى .

2 «ئامىن» دېگەن بۇ سۆز، ھەممىمىزگە مەلۇم، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىنغان ئىجابەت تېلەش دۇئاسىدۇر. ئىمام بۇخارىمۇ ئۆز كىتابىدا «ئامىن دېگەن دۇئادۇر» دېگەنىدى . شۇنداق بولغانىكەن «ئامىن»نى جامائەتنىڭ مەخپى دېگىنى ئەۋزەلدۇر . چۈنكى ‹1›«قۇرئان كەرىم »دە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا يېلىنغان ۋە مەخپى ھالەتتە دۇئا قىلىڭلار» دېگەن ئايەت نازىل قىلىنغان . ‹2›ئىسنادى سەھىھ بولغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : «مەخپى قىلىنغان دۇئا ئاشكارە قىلىنغان دۇئادىن 70 دۇئا بىلەن تەڭ كېلىدۇ» . ئىبنى ھەببان ئۆز كىتابىدا رىۋايەت قىلغان مۇنداق بىر ھەدىسنى خاتىرلىگەن :«دۇئالارنىڭ ياخشىسى مەخپى قىلىنغان دۇئادۇر » .

يۇقىرقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھى دۇئادىن ئىبارەت «ئامىن» دېگەن بۇ جۈملىنى مەخپى دېيىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئسپاتلايدۇ .

3 سۈرە«فاتىھە»دىن كېيىن دېيىشكە بۇيرۇلغان «ئامىن» سۆزى سۈرە «فاتىھە»نىڭ جۈملىسىدىنمۇ ئەمەس، شۇنداقلا قۇرئاننىڭ جۈملىسىدىنمۇ ئەمەس . ئەگەر بىز سۈرە «فاتىھە»دىن كېيىنلا شۇنىڭغا ئۇلاپ «ئامىن»نى ئوخشاشلا ئاۋازدا دېسەك، ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر سۈرە ياكى 3 ئايەت قوشۇپ ئوقۇساق، ئاز بولمىغان كىشىلەرگە «ئامىن» دېگەن سۆز قۇرئاننىڭ جۈملىسىدىن ئوخشايدۇ دېگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ . شۇڭا بۇ ئېھتىماللىقنى يوق قىلىش يۈزىسىدىن «ئامىن»نى مەخپى دېيىش ئەۋزەل دەپ قارالغان .

4 «ئامىن» دېگەن سۆزنى ئەلۋەتتە «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم» يەنى قوغلاندى شەيتاندىن (ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ) پاناھ تىلەيمەن دېگەن ئايەتتىن ئۈستۈن ياكى ئەلا دېگەن گەپنى ھېچكىم ئېيىتمايدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا : سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولساڭ قوغلاندى شەيتاندىن (ئاللاھغا سېغىنىپ) پاناھ تىلىگىن دېگەن بۇيرۇقنى نازىل قىلغان تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن « ئەئۇزۇ بىللاھى»نى ئاشكارا دېگەن دەپ ھېچقانداق سابىت بولمىدى . شۇنداق بولغان ئىكەن، يەنى «ئەئۇزۇ بىللاھى» مەخپى دېيىلگەنىكەن، «ئامىن»دىن ئىبارەت بۇ دۇئا كەلىمىسىنى مەخپى دېيىش ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر .

5 ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد قاتارلىق نۇرغۇن ساھابىلەر، شۇنداقلا ئاز بولمىغان تابىئىنلار، جۈملىدىن ئىبراھىم نەخەئى، شەئبى ۋە ئىبراھىم تەيىمى قاتارلىقلار «ئامىن»نى مەخپى دېگەن ھەم بۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى دەلىل ئىسپاتلىق قىلغان .

بىزنىڭ «ئامىن»نى مەخپى دېيىش توغىرسىدىكى ھەدىسلەرنى كۈچلەندۈرۈشىمىزدىكى سەۋەپ تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىدا ئېپادىلىنىدۇ :

‹1›«ئامىن»نى مەخپى دېيىش توغرىسىدا بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر قايىل قىلارلىق دەلىل ئىسپات بولالايدۇ .

‹2›نۇرغۇن ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى «ئامىن»نى مەخپى دېيىش توغرسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئۆز ئەمەلىيتىدە ھۆججەت قىلغان .

‹3›«ئامىن»نى ئۈنلۈك دېيىش شۇنداقلا مەيلى قايسى خىلدىكى دۇئا بولسۇن، ئۇ دۇئانى ئۈنلۈك قىلىش توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇق قىلغانلىقى ياكى تەرغىپ قىلغانلىقى ھەققىدە رىۋايەت خاتىرلەنمىگەن . پەقەت بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئامىن دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدۇق دېگەنگە ئوخشاش ياكى پەيغەمبىرىمىز ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ «ئامىن» دەيتتى دېگەنگە ئوخشاش، تەشەببۇس تۈسىنى ئالمىغان پائالىيەت خاراكتىرلىك رىۋايەتلەرلا نەقىل قىلىنغان . بىز مەخپى دېگەن سۆزگە كەلسەك، ئۇ يەنى مەخپى دېيىش ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ يىنىدىكى يىقىن تۇرغان كىشىلەر ئاڭلىغۇدەك ئاۋاز چىقىرىشنى ئىپادىلەيدۇ . شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنىڭ بىلەن نامازدا يېقىن تۇرغانلار پەيغەمبىرىمىز «ئامىن»نى ئۈنلۈك دەيتتى دېگەن ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان، ھالبۇكى «ئامىن»نى ئۈنلۈك دېيىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئوموملاشقان بولسا، ئۇ ھەقتىكى ھەدىس مۇتىۋاتىر ۋە مەشھۇر بولۇپ كەتكەن بولاتتى، لىكىن ئەكسىچە نۇرغۇن ساھابىلەر بۇ ھەقتە ھەدىس رىۋايەت قىلمىغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن دىنىي ئەھكاملارنى ۋە زىكرى – تەسبىھلەرنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىبادەتتىكى ئورنىنى مەخپى دېيىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۈگىتىپ قويۇش مەقسىتىدە بىر مەزگىل ئۈنلۈك دەپ ساھابىلەرگە ئۆگىتەتتى . «ئامىن» مەسلىسىمۇ بۇ خىل تەلىمات ئۇسۇلىدىن خالىي ئەمەستۇر . شۇنداق بولغاچقا بىز سۈرە فاتىھەدىن كېيىن «ئامىن»نى مەخپى دېيىشكە تولۇق ئاساسقا ئىگىمىز .

بىز مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇغاندا پەيغەمبىرىمىز ئوقۇغان نامازنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىگە ۋە ئۇنىڭ كەيپىياتىغا رىئايە قىلشىمىز لازىم.شۇنداق قىلغاندا قىلغان ئىبادىتىمىز،ئوقۇغان نامزىمىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۆز رولنى ۋە ئەھمىيتىنى نامايەن قىلدۇ.

ئاخىرىدا ھەممىزنى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا توغرا يولغا باشلىغاي،بىر- بىرىمىزنىڭ دىللىرىمىزنى ئىتتىپاق قىلغاي، ئىبادەتلىرىمىزنى مەقبۇل قىلغاي!ئامىن.

ئاپتور: شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستتوتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىن

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش