تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > مۇسۇلمانلار تۇرمۇشى

گۈزەل ياشلىقىنى ئىلىم بىلەن قاناتلاندۇرغان ئارداق ئاشىن

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-17 مەنبە : مۇھەررىر : نىجات كۆرۈلۈش سانى :

مۇخبىرىمىز چېن فېڭ

ئارداق قازاق تىلىدا ‹‹گۈزەل، بەختلىك›› دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىسىم ئىگىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئىززەت – ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، تۇرمۇشىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈمىد قىلىنغان. ئارداق ئارشىن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىش قىلدى. ئارداق ئاشىن 2008 – يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بۇرچىن ناھىيەسى بويىچە 2 – بولۇپ، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى، 2014 – يىلى شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئاسپىرانتلىققا ئۆتتى، ئۇ بۇ ئىككى مەكتەپتە ئوخشاشلا ئېكولوگىيە كەسپىنى ئۆگەندى. ئۇ بۇ كەسىپنى سۆيەتتى، بۇ كەسىپكە ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى تۇرمۇش ئەسلىمىسى، دادىسىغا بولغان سېغىنىش، ئاپىسىغا جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتى سىڭگەندىن باشقا يەنە، ئانا يۇرتى ۋە جەمئىيەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئارزۇسىمۇ مۇجەسسەملەنگەنىدى. ئۇ ياشلىقىدا جاپاغا چىداپ، بوران – چاپقۇنلۇق مۇساپىلەرنى قەيسەرلىك بىلەن بېسىپ، توختىماي ئىلگىرىلىدى. 

قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىش

ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىلىرى، شاڭخەي شەھىرى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مىغ – مىغ ئىدى. ئارداق بۇ ئاۋات شەھەردە ئۆزى ئۆزىگە: ‹‹يۇرتداشلار مېنى شاڭخەي شەھىرىدە ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار مېنىڭ قويۇق ئورمانلىق ئىچىدە چاچلىرىمنى پاخپايتىپ، تاغ – دەريالارنى كېزىپ تەجرىبە ئىشلەۋاتقان بۇ سەت قىياپىتىمنى كۆرسە، مەندىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالارمۇ؟›› دېگەنلەرنى ئويلىدى.

ئۆزىنى ‹‹سەت›› دېگەن بۇ قازاق قىزى ئەمەلىيەتتە تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، پېشانىسى كەڭ، قاڭشارلىق، كۆزى ئۆتكۈر، كۈلسە بەئەينى گۈلگە ئوخشايدىغان، خۇش تەبەسسۇم شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يەر شارى ئىلمى بۆلۈمى ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئاسراش ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتى ئىدى.

بۇ چىرايلىق قىز ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ يۇرتى بىر – بىرىدىن ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان، سۈيى ئەلۋەك، ئوتلىرى بۇلۇق ئۆسكەن، تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، جاھان ئەھلىنىڭ نەزەرى چۈشكەن گۈزەل جاي ئىدى، مەشھۇر قاناس كۆلىمۇ بۇ يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بەئەينى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىتقا ئوخشايتتى.

‹‹ئەنە قاراڭ، بۇرچىن ناھىيەسى <خوراز>نىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا جايلاشقان، 2014 – يىلى جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل ناھىيە(شەھەر) دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان›› دېدى ئارداق جۇڭگو خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ئارداق يۇرتىنى تىلغا ئالغاندا كۆزلىرىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئەكس ئېتىپ، خۇددى تەپەككۇر دېڭىزىدا يۇرتىنى كېزىۋاتقاندەك قىلاتتى.

ئۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىق يالغۇز قىزى بولۇپ، ئەقىللىق، تېتىك ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن باشقا يەنە بالىلىق چاغلىرىدا ئاتىسى بىلەن يايلاقلاردا چېپىپ يۈرگەن چاغلارنى ئەسلىدى، ھالبۇكى، بۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر 2004 – يىلىغا كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قالدى.

2004 – يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئارداق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، مېھرىبان ئاتىسى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئوماق قىزىم چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا بېرىپ ئوقۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تاغۇ – دەريالىرىنى كۆرۈپ باقسىكەن، دېگەنىدى. بىراق كۆيۈمچان ئاتا ئۆز ئارزۇسىنىڭ رىئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرەلمەي، تۇيۇقسىز كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئاپىسى قاتتىق ئازابلىنىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز زەربە بولدى. ئۇ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىشتىن ۋاز كېچىپ، ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى. ئارداق شۇ چاغلاردىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا: ئاپامنىڭ كېسىلى ئېغىر بولۇپ، ئوپېراتسىيەدىن ئالتە سائەتتە چىقتى، بەكلا قورقۇپ كەتكەنىدىم، دېدى.

ئۇ بىر تەرەپتىن، ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ، ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كىچىكىدىن جاپاغا چىداشنى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۆگەندى، ئاپىسىنىڭ ئەھۋالى ئاستا – ئاستا ياخشلاندى، ئارداقنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ يىلدىن – يىلغا ئۆرلەپ، مەكتەپتىلا پارتىيەگە كىردى ھەم 2008 – يىلى لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ ئانچە بازىرى يوق ھېسابلىنىدىغان ئېكولوگىيە كەسپىنى تاللىدى.

ئارداق ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسى ئۈچۈن تېخىمۇ نۇرغۇن جاپاغا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: چوڭ بولغاندىن كېيىن، يۇرتۇمدىكى يايلاقلارنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمدىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدىم، ئىلگىرى يايلاقلار يايپېيشىل ئىدى، ھازىر يايلاقلارنىڭ چېكىنىشى ناھايىتى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ، يۇرتۇم ماڭا مەنىۋى تىرەك، ئۇ يەردە دادام بىلەن مېنىڭ تۇرمۇش ئەسلىمىلىرىم بار، شۇڭا مەن بۇ كەسىپنى تاللىغاندىلا، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە گۈزەل يۇرتۇمنى قوغداش نىيىتىگە كەلگەنىدىم.

ئارداق بۇرچىن ناھىيەسىدە قازاقچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا، خەنزۇچە ئاساسى ئاجىز ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن يىلى ساۋاقداشلىرىم مېنى خەنزۇچىنى بۇزۇپ بىرلا ئاھاڭدا سۆزلەيدىكەنسەن، دېيىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن كۈندە ئەتىگەن سائەت 4تە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئادەم يوق جايلارغا بېرىپ تېكىستلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇپ مەشىق قىلدىم، ھازىر خەنزۇچىنى راۋان ھەم ئۆلچەملىك سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇم.

لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە كەسپى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن ئارداق ئىنتايىن خۇشال بولدى، بىراق ئۆزىگە پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان بۇ كەسىپ، قېلىن – قېلىن كىتابلار ئارداقتا خېلى زور بېسىم پەيدا قىلدى. ئالىي مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدا ئۇنىڭ نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئارقىدا قالدى، ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن خىجىل بولدى، چۈنكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئۇ سىنىپ بويىچە، ھەتتا يىللىقلار بويىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كەلگەنىدى. ئارداق مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ يىغلىۋەتتىم، مېنى چۈشەنمەيدىغانلار، ئىمتىھان نەتىجىسى شۇنچە مۇھىممۇ دېيىشتى.

ئارداق ئۈچۈن بۇ مۇھىم ئىدى، چۈنكى ئۇ ئاتىسىنىڭ ئارزۇسى، ئاپىسىنىڭ تاپشۇرۇقى، ئۆزىگە ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويسا بولمايتتى، ئۇنىڭ باھانە كۆرسىتىشكە ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بېسىم ۋە خىرىسقا بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك ئىدى، ئۆزۈڭ تىرىشمىساڭ ھېچكىم سەن ئۈچۈن تىرىشمايدۇ، دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە مەدەت بەردىم.

شۇنىڭدىن كېيىن ئارداق پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئۆگەندى. ئۆگىنىشتىن سىرتقى چاغلاردا ئىشلىدى، يەنە تەشىكلات ۋە تەشۋىقات ھەيئىتى، ئىنستىتۇت مەدەنىيەت – كۆڭۈل ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىنستىتۇت 2 – پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيەلىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى بولدى، ئىنستىتۇتنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىش كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ۋە پىلانلاپ تالانتىنى نامايان قىلدى. ئۇ ئەنە شۇنداق جەڭگىۋارلىقى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

قەيسەر قىز مانا شۇنداق تاۋلاندى

ئارداقنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، 2014 – يىلى مەكتەپ ئۇنى شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى ئىلمى بۆلۈمى ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى فاكۇلېتىتىنىڭ ئېكولوگىيە ئىلمى كەسپىگە ئاسپرانتلىقتا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. بۇ يەردە ئاسپىرانتلارنىڭ جېيجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان تيەنتۇڭشەن دالا تەجرىبىخانىسىدا ھەر خىل تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، تېما تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا توغرا كېلەتتى. شەھەردىن يىراق بۇ ئىپتىدائىي ئورمانلىققا بېرىپ تەجرىبە ئىشلەش قىزلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن تەس ئىدى.

قورقۇنچنى يېڭىش ئارداق دۇچ كەلگەن تۇنجى سىناق ئىدى. ھەممە تەرەپنى تۇمان قاپلىغان، خەتەرلىك بۇك – باراقسان ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا ھەر خىل قۇرت – قوڭغۇزلار، زەھەرلىك قۇرتلار، ھەتتا زەھەرلىك يىلانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، دائىم قان شورىغۇچى سۈلۈك، زەھەرلىك سەكسەنپۇت، ئىسمى نامەلۇم قورقۇنچلۇق ھاشاراتلار ئادەمنىڭ ئەتراپىدىلا يۈرەتتى، ئارداقنى ھەر خىل ھاشاراتلار چېقىپ، بەدەنلىرىنى قانىتىۋەتتى، ياتاقنىڭ تاملىرىدا دائىم سۈۋەرەك، پاتمىچۇق قاتارلىقلار ئۆمىلەپ يۈرەتتى، دەسلىپىدە ئۇ قورقۇپ يىغلاپ، ساۋاقداشلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ توۋلاپ باقتى، كېيىنچە بۇنىڭغىمۇ تەدرىجىي كۆنۈپ كەتتى، تېخى سەكسەنپۇتنى كۆرگەن چاغلىرىدا تۇتۇۋېلىپ، قايسى تىپتىكى سەكسەنپۇتكەن، دەپ قاراپ باقىدىغان بولدى.

تەن ساپاسى ۋە ئىرادە ئارداق دۇچ كەلگەن يەنە بىر سىناق بولدى. ھەر كۈنى ئورمانلىق ئىچىدە يۈرۈپ، ئېگىز تاغلاردىن، تىك قىيالاردىن ئېشىشقا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەجرىبە ئىشلەشكە ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلار، لازىملىق يېمەكلىكلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، ئارداق ئالا – بۇلىماچ كىيىمنى كىيىپ، يۈكنى ئارتىپ، كۈندە ئەتىگەن سائەت 6دە تاغقا چىقسا، كەچ سائەت 6دە ئاندىن تاغدىن قايتىپ چۈشەتتى، ھەر خىل شاخ – شۇمبىلارنى يىغىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆلچەپ، ئىستاتىستىكا قىلىپ، قايتا – قايتا تەكشۈرەتتى، دائىم يىقىلىپ چۈشۈپ، ئۇ يەر – بۇ يەرلىرى كۆكىرىپمۇ قالاتتى، ھەتتا سۆڭىكى سۇنۇپ، ئايلىنىپ كېتىپ، باشقىلار ئۇنى كۆتۈرۈپ چۈشكەن چاغلىرىمۇ بولغان. بىر قېتىم ئىچى كاۋاك بىر چوڭ دەرەخ ئۇنىڭ يېنىغىلا ئۆرۈلۈپ، جېنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالغانىدى. قىزلارنىڭ بۇ كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇشى ناھايىتى تەسكە چۈشەتتى. ئارداق كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: يىقىلىپ چۈشسەم، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈستبېشىمنى قېقىۋېتىپ كېتىۋەردىم، تاغقا چىقىشتا ئوغۇللار ماڭا يېتىشەلمەيتتى، بەزىدە بەك ھېرىپ كەتسەم تاغدىن چۈشكىچە يىغلايتتىم، بىراق تەجرىبىخانىغا كىرسەملا ھەممىنى ئۇنتۇيتتۇم. قەيسەر قىز مانا مۇشۇنداق پىشىپ يېتىلدى.

تۇرمۇش ئادىتىدىكى ئوخشىماسلىق، مەنىۋى جەھەتتىكى يالغۇزلۇق ئارداق ئۈچۈن سىناق ئىدى. تۇنجى يىلى دالىدا بىر يىلچە قۇرۇق سۇغا چۆپ سېلىپ يېدى. ئارداق ئەزەلدىن ئۆزى تاللىغان يولدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىغانىدى. بىر يىلى ئاپىسىنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاپ يۇرتىغا قايتىپ بارغىنىدا، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئاپىسىنى كۆرۈپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، ئۇ ئاپىسىغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوقۇشىنى توختىتىپ ئاپىسىغا قارىماقچى بولدى. بىراق ئاپىسى كەسكىن رەت قىلىپ، ئۇنى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئارداق كۆز ياشلىرىنى زورىغا بېسىپ، نىڭبودىكى تەجرىبىخانىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ كەلگەندە يېڭىلا ئوقۇش باشلىغان چاغ بولغاچقا، ساۋاقداشلىرى تېخى كەلمىگەن بولۇپ، تەجرىبىخانىدا ئۇ يالغۇز ئىدى، ئۇ ھەم يالغۇزلۇق ھېس قىلدى، ھەم قورقتى، بىراق ئۇنىڭدىكى بۇ كەيپىيات بىردەمدىلا يوقاپ، تېزلا نورمال خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

ئارداق ھەر 15 كۈندە تاغدىن 187 خالتا شاخ – شۇمبا يىغىپ، تۈرگە ئايرىپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن ئۇلارنى ئانالىز قىلىپ سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايتتى. بۇنىڭغا بىر ھەپتە ۋاقىت كېتەتتى، بۇ مەزگىلدە ھەر كۈنى 12 سائەتتىن كۆپرەك ئىشلەيتتى، ئۇنىڭ قەيسەرلىكى، تىرىشچانلىقى ۋە ئۈن – تىنسىز ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ساۋاقداشلىرى ‹‹ئارداق زاۋۇتنىڭ ئۆزىغۇ›› دېيىشەتتى.

كۆكتە پەرۋاز قىلىشقا ئاتلانغان ياشلىق

ئارداقنىڭ ھاياتى باشتىن – ئاخىر مەنىلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان ھايات. ئۇ ياشلىق دەۋرىدە گاڭگىراپ قالمىدى ھەم بوشاپ قالمىدى. غايە ئۈچۈن ھەر بىر قەدىمىنى پۇختا باستى، ئەگرى – توقايلىقلاردا ئۇ ئەزەلدىن يالغۇز قالمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يېنىدا مەدەت بېرىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. بۇنىڭدىن ئۇ چىن كۆڭلىدىن سۆيۈنەتتى ھەم ھاياجانغا تولاتتى.

ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار كادىرى››، ‹‹سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇنەۋۋەر كادىرى›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى، بۇ يىل يەنە شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنستىتۇتى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى›› شەرىپىگە نائىل بولدى. بۇ، ئۇنى ئېتىراپ قىلغانلىق ھەم ئۇنىڭغا بېرىلگەن مەدەت ئىدى.

ئارداق مۇنداق دېدى: دادام ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئائىلە ئىقتىسادىمىز ياخشى ئەمەس ئىدى، مەكتەپ مېنىڭ قىسمەن ئوقۇش خىراجىتىمنى كۆتۈرۈۋەتتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىدا ئىچكىرىدىكى ئىسمى نامەلۇم بىر ئاچامنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، ئالىي مەكتەپ ۋە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنىمۇ دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ياردىمى بىلەن داۋاملاشتۇردۇم. مەن ئازغىنە تۇرمۇش خىراجىتىمدىن تېجىگەنلىرىمنى قىيىنچىلىقى مېنىڭكىدىنمۇ ئېغىر نامرات ئوقۇغۇچىلارغا بەرمەكچىمەن.

قۇربان ھېيت كۈنى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار تيەنتۇڭشەن تەجرىبە بازىسىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق ئېتىپ، قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يۇرتىدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوست – بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغانىدى. ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسى خەنزۇ بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەتتى، ئاپىسى بىكار چاغلىرىدا بىنانىڭ كارىدورلىرىنى سۈپۈرۈپ تازىلايتتى، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە پېچىنە – پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇپ، قولۇم – قوشنىلىرىغا ئەكىرىپ بېرەتتى، قوشىنىلىرىمۇ ئارداقنىڭ ئاپىسىغا توردا يىراقتىكى قىزى بىلەن قانداق سۆزلىشىشنى ئۆگىتىپ قويدى.

ھازىر، ئاسپىرانتلىقنىڭ 2 – يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقان ئارداق ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسى ئۈچۈن تەتقىقات تېمىسى تاللاۋاتىدۇ، مەكتەپ پۈتكۈزگەندە، ئاپىسىنى شاڭخەيگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆزى ئوقۇغان جايلارنى كۆرسەتمەكچى. ئۇ يەنە مۇۋاپىق لايىق تېپىپ، توي قىلىپ كىشىلىك تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدۇ. ئارداق تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق – چۈچۈكلىرىنى تېتىپ، قىيىنچىلىق ۋە جاپا – مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆز يېشىنى يوشۇرۇشنى ئۆگەندى، تۇرمۇشقا ھەر دائىم تەبەسسۇم بىلەن قارىغاندىلا، تۇرمۇشنىڭ ئادەمگە خۇشاللىق ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. چۈنكى ئۇ ياش، ئۇ كۆكتە پەرۋاز قىلىشقا تەييارلانماقتا. 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش