تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > ماقالىلەر

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇننىڭ « ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنى » دىكى سۆزى

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-16 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى مۇھەررىر : نىجات كۆرۈلۈش سانى :

ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن

بسم الله الرحمن الرحيم

( ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ئالىم-ئۆلىمالار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ياخشىمۇ سىزلەر!

ئەتىياز كۈنلىرىدە، بىز گۈزەل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ « ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنى » نى ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەش، خاتا چۈشەنچىنى يوقىتىش، بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئوڭشاش، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا، ئەسەبىيلىكتىن يىراقلىشىشقا، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولغان جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھەسسىلەرنى قوشۇشقا چاقىرىق قىلىشتىن ئىبارەت.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، دىنىي ئىدىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىزدىنىش بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا زور نەزەرىيەۋى قىممەتكە ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئالىم-ئۆلىمالار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى شەخسلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئوتتۇراھاللىق ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلەر ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدە چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق پىرىنسىپتۇر.

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ( ئى مۇھەممەد! )، ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن، ( مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ ) ئاللاھنىڭ چەكلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ( سۈرە ھۇد، 112-ئايەت )

ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. (سۈرە ئەنئام، 153-ئايەت)

يۇقىرىقى ئايەتتىكى « مېنىڭ توغرا يولۇم » دەل ئوتتۇراھال يولنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يولغا چاقىرىدىغان، ئوتتۇراھال يول تۇتىدىغان دىن. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتە ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسىگە ئالاقىدار نۇرغۇن مەزمۇنلار بار بولۇپ، ئاساسلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە كىشىلەرگە مېھرىبان بولۇش، توغرا يولدا مېڭىش ۋە ئۆزىنى پاكلاش، كەڭ قورساق ۋە شەپقەتلىك بولۇش، تىنچلىقپەرۋەر ۋە دوستانە بولۇش، ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەت، ئادىللىق، ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىش، كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتىش، قارىغۇلارچە ھۆكۈم قىلىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرىلاش، ئەمەل-ئىبادىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە سۆز-ھەرىكىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسىنىڭ يېتەكلىشىدە مۇسۇلمانلار ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، پارلاق ئىسلام مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن زىچ ئالاقىسى بار. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. مىڭ سۇلالىسى جياجىڭ يىللىرىدا، مەدرىسە مائارىپى پېشۋاسى خۇ دېڭجۇ مەدرىسە مائارىپىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ مەدرىسە مائارىپى بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى مائارىپىنى بىرلەشتۈرگەن، ئوقۇتۇش داۋامىدا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىسلام دىنى تەلىم-تەربىيە ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئىلىم ساھەسى ليۇ جى، ما شياچۇ ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم مەدرىسە مائارىپىنىڭ ۋارىسلىرى نەنجىڭ ۋە يۈننەننى مەركەز قىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە رۇجيا كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ ھەم سېلىشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-ئەھكاملىرىنى خەنزۇتىلى بىلەن شەرھلەپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگو ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىسلام ئىدىيە مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. يېقىنقى دەۋردىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئالىم-ئۆلىمالار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يوقىلىشىغا قارشى تۇردى، مىللى ئازادلىقنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ۋە دىننى سۆيۈش بىردەك بولغان، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرىدىغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە جۇڭگو ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىسلام دىنىنى بارلىققا كەلتۈردى، خۇددى بۈيۈك ئۇيغۇر تارىخىي داستانى « قۇتادغۇ بىلىگ » نىڭ بىزگە ئېيتقىنىدەك: بىلىم ۋە پاراسەت بولغاندىلا كىشىلەرنى بەخت-سائادەتكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ، پاراسەت ۋە بىلىمنى ئىشلەتكەندە بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئېتىقادلىق بولۇشى ۋە ياخشى ئىش قىلىشى، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە پايدا يەتكۈزۈشى، مېھىر-مۇھەببەتلىك، ئادىل، شەخسىيەتسىز بولۇشى، شۇ ئارقىلىق بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشى لازىم.

ئىسلاھات ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى، جۇڭگو ئىسلام دىنى پۈتۈنلەي يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، بىراق ئېغىر سىناققىمۇ دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئاستىدا، « ئۈچ خىل كۈچ » پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىپ، ساپ ئېتىقادنىڭ بۇرمىلىنىشى، بىر قىسىم ئېتىقادچى ئاممىنىڭ خاتا يېتەكلىنىشى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەر ئىسلام دىنىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىدىن قەستەن يىراقلىشىپ ياكى چەتنەپ، باشقىلارغا خالىغانچە تون پىچىدىغان، « جىھاد » نىڭ ئەسلىي مەنىسىنى بۇرمىلاپ، ئاتالمىش « مۇقەددەس ئۇرۇش » قا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئەسەبىيىلىكنى تەشۋىق قىلىپ، زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەر ئۇتتۇرىسىغا ئۆچ-ئاداۋەت سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار دىنىي زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىشتىكى « ھىجرەت » نى بۇرمىلاپ، ئۇنى مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتتىن ئايرىلىش دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلار فىقھەدىكى «ھالال» ۋە « ھارام » نىڭ ئۇقۇمى ۋە دائىرىسىنى خالىغانچە بۇرمىلاۋاتىدۇ ۋە چوڭايتىۋاتىدۇ. بۇنداق بۇرمىلاشلار ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىغا خىلاپ ئەسەبىي ئىدىيەلەر بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى توغرا يولدىن چەتنەتتى، ھەتتا بەزى كىشىلەر جىنايى قىلمىش يولىغا كىرىپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلار قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ تەشەببۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھوقۇقىغىمۇ پىسەنت قىلماي كىشىلىك ئادالەتنى دەپسەندە قىلىپ قانلىق پاجىئەلەرنى ئۈزۈكسىز پەيدا قىلدى، بىگۇناھ ئاممىغا رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلدى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى، شۇنداقلا باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا خاتا چۈشەنچىسىنى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا زور خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىنمۇ ھالقىغانلىق بولۇپ، بۇ مىللەت مەسىلىسى ياكى دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنىدۇر.

بۈگۈن، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى مەقسەت، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەسى توغرىسىدىكى ئېسىل بايانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا ئەقىدىگە تەشەببۇس قىلىدىغان، ئوتتۇراھال يول تۇتىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى چۈشىنىش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، دىنىي ئەسەبىيىلىكتىن يىراقلىشىش، تىنچلىققا چاقىرىش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى كۈچەيتىش، مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ساغلام ئېتىقاد ۋە ساغلام ھەرىكەتتە بولۇش، ھىدايەتكە ئەگىشپ زالالەتنى يوقىتىش، توغرا يولدا بولۇش، پاكىز بولۇشقا چاقىرىش، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنى ئوتتۇراھال يولدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يارقىن ئوبرازىنى تىكلەشتىن ئىبارەت.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رادىكال ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە ئوتتۇراھال ھال يولنى ياقلاش ئۈچۈن خەلقئارا ئىسلام دىنى ساھەسى كۆپ قېتىملىق خەلقئارا يىغىن ۋە مەخسۇس تېمىدىكى يىغىندا، ئوتتۇراھال يولغا يېتەكلەش، تىنچ يول بىلەن سۆزلىشىش، دىنىي ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشقا پائال چاقىرىق قىلدى، تەكرار باياناتلارنى ئېلان قىلدى ھەمدە بىر قاتار ئوتتۇراھال ئىدىيەگە ئىگە تارىخىي چاقىرىقنامە ۋە خىتابنامىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ كۆلەملىك، چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. مەسىلەن: «مادرىد خىتابنامىسى» دا مۇنداق دېيىلگەن: ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلىي مەنبەسى بىر، رەڭگى، مىللىتى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئىززەت-ھۆرمەت جەھەتتە باراۋەر. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتى، ھازارىتىنىڭ خىلمۇخىللىقى ئاللاھنىڭ بىر مۆجىزىسى، گەرچە ئىنسانىيەتنىڭ مىللەت، رەڭ ۋە تىل قاتارلىق پەرقى بولسىمۇ، ھەرخىل ئېتىقادنىڭ ھەممىسى پاراسەت ۋە ياخشى سۆز بىلەن گۈزەل ئەخلاق تارقىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەممىسى دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېروررزىمنى چەكلەيدۇ. ھازىر مەيلى بىز قەيەرگە بارايلى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ داھىيلىرى، ئىماملار، مۇسۇلمان سىياسىيونلارنىڭ ئوتتۇراھال يولنى جاكارلاپ، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىيالايمىز. ئوتتۇراھال يولنى جاكارلاشتىكى مەقسەت مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا يولغا يېتەكلەش، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ھەرىكىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.

بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىنىي خىزمەت توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇپ، شەرىئەتنى ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈرۈپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسنى دىنىي ئېتىقاد، دىنىي ئەھكاملارنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، رادىكال دىنىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارىشى تۇرۇشىمىز لازىم. ئىسلام دىنى بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئوتتۇراھاللىق ئىدىيەنىڭ ئىجراچىلىرى، ئوتتۇراھاللىق قىممىتىنىڭ ۋارىسلىرى ۋە ئوتتۇراھاللىق روھنىڭ جارى قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشىغا يېتەكلەش لازىم. پۈتۈن جەمئىيەتكە ئىسلام دىنىنىڭ تىنچ، ئوتتۇراھال، مۇھەببەتلىك ۋە كەڭچىل بولغان ھەقىقىي روھىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇتۇشىمىز كېرەك. ھەممىمىز مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاق، دوستانە، تىنچ بولغان ئىناق جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشپ كۈرەش قىلايلى!

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە رەھمەت، مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي، ئامىن!

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش