تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > ماقالىلەر

ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-16 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى مۇھەررىر : نىجات كۆرۈلۈش سانى :

ئابدۇلېتىپ داموللا ھاجى

بِسمِ اللهِ الرَّحمنِ الرَّحِيمِ

(ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

إِنَّ الحَمدَ لِلهِ نَحمَدُهُ وَنَستَعِينُهُ وَ نَستَغفِرُهُ وَ نَعُوذُ بِاللهِ مِن شُروُرِ أَنفُسِنَا وَ مِن سَيِّئَاتِ أَعمَالِنَا مَن يَهدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ وَ مَن يُضلِل فَلاَ هَادِىَ لَهُ وَ أَشهَدُ أَن لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ وَ أَشهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبدُهُ وَ رَسُولُهُ صَلىَّ اللهُ عَلَيهِ وَ عَلىَ آلِهِ وَ أَصحَابِهِ وَ مَن تَبِعَهُم بِإِحسَانٍ إِلَى يَومِ الدِّينِ وَ سَلَّمَ تَسلِيمًا كَثِيرًا .

أَمَّا بَعدُ:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت!

ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تەئالا مۇبارەك « قۇرئان كەرىم » دە ئېيتىدۇركى:

﴿وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلاَ تَتَّبِعُواْ السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَن سَبِيلِهِ ذَلِكُمْ وَصَّاكُم بِهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾

بۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر. شۇڭا، سىلەر مۇشۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇ ناتوغرا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. دوزاختىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى. (سۈرە ئەنئام 153-ئايەت)

يۇقىرىقى ئايەتى كەرىمدە زىكرى قىلىنغان توغرايول بۇيەردە ئوتتۇراھال يولنى كۆرسىتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرگە بۇ ئايەتى كەرىمدە زىكرى قىلىنغان توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر سىزىقنى سىزغان، ئاندىن بۇ سىزىقنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە يەنە ئايرىم - ئايرىم ئىككى سىزىقنى سىزغان ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇبارەك قولىنى ئوتتۇرىدىكى سىزىققا قويۇپ، يۇقىرىقى ئايەتى كەرىمنى تىلاۋەت قىلغان، دەيدۇ.

توغرا يول ئىسلامنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز ئارا قارىمۇ قارشى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك، ئادىللىق ۋە تەڭپۇڭلۇق دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، يەنى ئۆز ئارا قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئىگىلىۋالمايدۇ، بىر تەرەپنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك يەنە بىر تەرەپ يوقاپ كەتمەيدۇ.

ئۆز ئارا قارىمۇ قارشى تەرەپلەر دېگەندە: رەببانىيلىق بىلەن ئىنسانىيلىق، روھ بىلەن ماددا، دۇنيالىق بىلەن ئاخىرەتلىك، ۋەھىي بىلەن ئەقىل، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى، شەخس بىلەن كوللېكتىپ، رېئاللىق بىلەن خىيال ۋە مۇشۇلارغا ئوخشاشلار. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بولسا، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆز دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك ۋە قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئاشۇرۇپ كېمەيتمەستىن ئادىللىق بىلەن ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. يۇقىرىقىلارغا ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَالسَّمَاء رَفَعَهَا وَوَضَعَ الْمِيزَانَ أَلَّا تَطْغَوْا فِي الْمِيزَانِ وَأَقِيمُوا الْوَزْنَ بِالْقِسْطِ وَلَا تُخْسِرُوا الْمِيزَانَ﴾

ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە كەم-زىيادە قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى. ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار. ( سۈرە رەھمان 7-،8-،9-ئايەتلەر).

ئوتتۇراھال يول نىڭ ئىسلام دىنىدىكى كۆرۈنۈشلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ناھايىتى ئوچۇق جىلۋىلىنىدۇ.

1. ئىسلامنىڭ ئىبادەتتىكى ئوتتۇراھال يولى

ئىسلام ئۆزىنىڭ ئىبادەتلىرىدە ۋە باشقا دىنلار ئىچىدە ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ بولسا مۇسۇلماننىڭ دىن ۋە دۇنيالىققا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىدۇر. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى باشقا ئۈممەتلەردىن ئالاھىدە ئايرىشى جەھەتتىكى ئاساسىي كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ:﴿ وَكَذَلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِّتَكُونُواْ شُهَدَاء عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا ﴾

بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك، سىلەرنىڭ كىشىلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى ئادىل ئۈممەت قىلدۇق.(سۈرە بەقەرە 143-ئايەت)

ئىسلام ئۈممىتى ئادىل ۋە ئوتتۇراھال يولدىكى ئۈممەت بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئوتتۇراھال يولدىن ۋە توغرا يولدىن ئوڭغا ياكى سولغا قېيىپ كەتكەنلەرگە گۇۋاھچى بولىدۇ.

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى رامىزان روزىسىدىن باشقا ئادەتتىكى نەفلە روزىلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۇتۇشىدىن توسۇمايدۇ، شۇنداقلا ھەمىشە روزا تۇتۇشنىمۇ تەشەببۇس قىلمايدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئادەم رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلىدىغان تائەت-ئىبادىتىدىن سورىدى، ئۇلار رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تائەت-ئىبادىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئاز ساناپ: ئاللاھ تائالا رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ئاخىرقى گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلەيتتۇق؟ دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى: مەن ھەمىشە كېچىسى ئوخلىماي ناماز ئوقۇپ چىقىمەن دېدى. يەنە بىرى: مەن ھەمىشە روزا تۇتىمەن، ھەرگىز ئېغىزىم ئوچۇق يۈرمەيمەن دېدى. يەنە بىرى: مەن ئاياللاردىن يىراق بولىمەن، ھەرگىز ئۆيلەنمەيمەن دېدى. رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ ئۇلارغا دىدىكى:

عَن أَنَسٍ بِن مَالِكٍ رَضِىَ اللهُ عَنهُ قَالَ: جَاءَ ثَلاَثَةُ رَهطٍ إِلَى بُيُوتِ أَزوَاجِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيهِ وَ سَلَّمَ يَسأَلُونَ عَن عِبَادَةِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيهِ وَ سَلَّمَ فَلَمَّا أُخبِرُوا كَأَنَّهُم تَقَالُّوها فَقَالُوا: وَمَن نَحنُ مِنَ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيهِ وَ سَلَّمَ قَد غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِن ذَنبِهِ وَ مَا تَأَخَّرَ قَالَ أَحَدُهُم أَمَّا أَنَا فَإِنِّى أُصَلِّى الَّيلَ أَبَداً وَقَالَ آخَرُ: أَنَا أَصُومُ الدَّهرَ وَلاَ أُفطِرُ وَقَالَ آخَرُ: أَنَا أَعزِلُ النِّسَاءَ فَلاَ أَتَزَوَّجُ أَبَداً فَجَاءَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيهِ وَ سَلَّمَ إِلَيهِم فَقَالَ : أَنتُمُ الَّذِينَ قُلتُم كَذَا وَ كَذَا؟ أَمَا وَاللهِ إِنِّى لأَخشَاكُم للهِ وَ أَتقَاكُم لَهُ , لَكِنِّى أَصُومُ وَ أُفطِرُ وَ أُصَلِّى وَ أَرقُدُ وَ أَتَزَوَّجُ النِّسَاءَ , فَمَن رَغِبَ عَن سُنَّتِى فَلَيسَ مِنِّى . (رواه البخارى)

سىلەر مۇنداق دەپسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرگە قارىغاندا ئاللاھدىن بەك قورقىمەن ۋە ئەڭ تەقۋادارمەن، روزىنىمۇ بەزىدە تۇتىمەن بەزىدە تۇتمايمەن، كېچىسى ھەم ناماز ئوقۇيمەن ھەم ئۇخلايمەن، خوتۇنمۇ ئالىمەن، كىمىكى مېنىڭ سۈننىتىمنى تەرك ئېتىدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). شۇڭا دىنىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز تەقۋادارلىقى نۇقتىسىدىن، ھەمىشە روزا تۇتۇشى ھەتتا يىل بويى روزا تۇتۇشىمۇ بىر خىل چېكىدىن ئاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا تەن ساغلاملىققا زىيان يېتىدۇ.

2 . ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى ئوتتۇراھال يولى

ئىسلام ئەخلاق جەھەتتىمۇ ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مەسىلەن: ھەددىدىن ئاشقان غايىچىلار ئىنساننى پەرىشتىدەك ئويلاپ، ئىنسانغا مۇمكىن بولمايدىغان نۇرغۇنلىغان ئەدەپ-ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلارنى يۈكلەيدۇ، ئەمما چەكتىن ئاشقان رېئالىزمچىلار بولسا، ئىنساننى ھايۋان ياكى ھايۋانغا ئوخشاش دەپ ئويلاپ، ئىنسانىيلىققا يات بولغان يوللارنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاۋۇلار ( غايىچىلار ) ئىنسان تەبىئىتىنى ياخشى گۇمان قىلىپ، ئىنساننى نوقۇللا ياخشى دەپ قارىدى، ماۋۇلار ( رېئالىزمچىلار ) بولسا ئىنسان تەبىئىتىنى يامان گۇمان قىلىپ، ئىنساننى نوقۇللا يامان دەپ قارىدى. ئەمما، ئىسلامنىڭ نەزىرىدە ئىنسان ئەقىل ۋە شەھۋەتتىن تەركىب تاپقان مەخلۇقتۇر، ئۇنىڭدا ھايۋانىي تەبىئەت بىلەن پەرىشتىدەك روھانىي تەبىئەت مۇجەسسەملەشكەن، ئىنسان ئۆز تەبىئىتىدە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ياكى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل يولغا ھازىرلانغان بولىدۇ. ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى بولسا خۇددى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا قَدْ أَفْلَحَ مَن زَكَّاهَا ﴾

جان بىلەن ۋە جان ئىگىسىنى بېجىرىم ياراتقان، ياخشىلىق-يامانلىقنى ئۇنىڭغا تونۇتقان زات بىلەن قەسەمكى، قەلبىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. ( سۈرە شەمس 7-،8-،9- ئايەتلەر ) دېگەندەك ئۆز نەپسى بىلەن روھى پاكلانغىچە كۈرەش قىلىشتۇر.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسلىرى ناھايىتى كۆپ، ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە جەھەتلىرىگە سىڭگەن.

ئوتتۇراھال يول تۇتۇش تەشەببۇسى ئىسلام دىنىمىزدىكى بىرخىل ئالىي روھ بولۇپ، ئۇ يۈكسەك ئىنسانىيلىقنى ۋە چوڭقۇر ھېكمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىسلام دىنىمىز باشقىلارغا دوستانە، مېھرىبان، كەڭ قورساق بولۇشنى، ھەرقانداق ئىشنى لايىقىدا قىلىشنى، قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى قىلىشنى، قىلىش بىلەن قىلماسلىقنىڭ چېكى بولۇشنى، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنىمىز ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىشقىمۇ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئەھلى جامائەت! ئوتتۇرا ھال يول ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ھىدايەت قىلىدىغان يولى، رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولى، شۇنداقلا، ئىسلام دىنىمىزنىڭ يولىدۇر، بىز بۇ يولغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇخالىپ ئىش قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز سۈرە فاتىھەدە بايان قىلىنغان:

﴿ اهدِنَا الصِّرَاطَ المُستَقِيمَ صِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيهِمْ غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ ﴾

سەن بىزنى ئىنئامىڭغا ئېرىشكەن، غەزىپىڭگە ئۇچرىمىغان، يولۇڭدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن.( ئامىن ) (سۈرە فاتىھە 6-،7-ئايەتلەر) دېگەن ئايەتلەرنى ھەردائىم يادقا ئېلىپ ئوقۇشىمىز، مۇشۇ ئايەتلەر توغرىسىدا ھەر دائىم پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز لازىم.

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە رەھمەت، مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي، ئامىن!

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش