تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > ۋىلايەت—ئوبلاست خەۋەرلىرى

بورتالا ئوبلاستى‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-16 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى مۇھەررىر : نىجفت كۆرۈلۈش سانى :

ئابدۇغېنى ھاجىيۇپ خەۋىرى: بورتالا ئوبلاستى ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تېمىسىدىكى تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغاندىن سىرت لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللىدى، لېكسىيە ئۆمىكىدىكىلەر 492 مەيدان سەييارە لېكسىيە سۆزلەپ، 70 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى.

ئوبلاست ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى، دېھقان – چارۋىچىلار ئارا قول ھۈنەرۋەنچىلىك مۇسابىقىسى، سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىش مۇسابىقىسى، دېھقانلار ئېتۇت مۇسابىقىسى، دېھقانلار رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنى ۋە ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ كۆرسەتتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. ئوبلاست بۇ پائالىيەتلەر ئۈچۈن 2 مىليون 120 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاممىنى دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، قويۇق زامانىۋى مەدەنىيەت كەيپىياتى ياراتتى.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش