ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلى ئەخەت خەۋىرى، فوتوسى: يوپۇغا ناھىيە يەكشەنبە بازار بازىرى ئوسۇت كەنتى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇش ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىن 50 دىن ئارتۇق ماھىرنى تەكلىپ قىلىپ، 14-دېكابىر ئوغلاق تارتىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.