تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > ۋىلايەت—ئوبلاست خەۋەرلىرى

قەشقەر كونىشەھەر رايونىدىكىلەرنىڭ رامىزانلىق تۇرمۇشى

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-10 مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر : پەزىليە كۆرۈلۈش سانى :

خەن چىنيەن

كەچكى شەپەق نۇرى مەيىن شامالدا تەرەپ - تەرەپكە چېچىلىپ، پەلەكنى قىزارتقانىدى. قەدىمكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بالىلار فونتاندىن چىقىۋاتقان سۇنىڭ ئاستىدا ئويناۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چېھرىدىن بەخت جىلۋىسى ئەكس ئېتەتتى.

2015 - يىل 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئەزان مۇنارىدىن ئاڭلانغان ئەزان ئاۋازى بىلەن، مۇسۇلمانلار ئىمامغا ئەگىشىپ ئىخلاس بىلەن دىگەر نامىزىنى ئۆتەشكە باشلىدى.

قەشقەر شەھىرى كونىشەھەر رايونى ئۆستەڭبويى كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 65 ياشلىق مەمەت زۇنۇن ئوبۇلقاسىم مۇنداق دېدى: «مەن كۈندە مەسچىتكە كېلىپ بەش ۋاق ناماز ئۆتەيمەن. ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 3 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، تاھارەت ئېلىپ، مەسچىتكە بامدات نامىزى ئۆتەشكە كېلىمەن».

«روزا تۇتۇش ئارقىلىق يوقسۇللۇق، ئاچارچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ، تېخىمۇ رەھىمدىل بولۇپ، روھىمىزنى پاكلايمىز، بۇ يىلقى رامىزان ئەڭ ئىسسىق مەزگىلگە توغرا كەلدى، بۇ ساغلاملىقىمغا بولغان سىناق»، دېدى مەڭزى قىزىل، تەمكىن كۆرۈنىدىغان مەمەت زۇنۇن.

مەمەت زۇنۇنغا ئوخشاش دىگەر نامىزىغا كەلگەن مۇسۇلمانلار تەرەپ - تەرەپتىن ھېيتگاھ جامەسىگە يىغىلغان بولۇپ، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداننىڭ ئىككى ياقىسى توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىتلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. دوپپا، ئاپئاق كۆڭلەك كىيىشكەن مويسىپىتلار سەنتۈرۈلۈپ، كۆڭلەك ياكى مايكا كىيىشكەن ياشلار ئىلدام كېلىۋاتاتتى.

كىشىلەر ئارىسىدا ئۇزۇن يەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشكەن چەت ئەللىكلەرمۇ بولۇپ، ئۇلار قەشقەرگە قوشنا پاكىستاندىن كەلگەن تىجارەتچىلەر بولغاچقا، ئەتراپتىكى ھېيتگاھ جامائەسىدە ناماز ئوقۇغىلى كەلگەنىدى.

ھېيتگاھ جامەسى شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەسچىت ھەم مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى، ھېيتگاھ جامەسى قەشقەر ۋىلايىتىگە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىمۇ خېلى زور تەسىرگە ئىگە.

ئون مىنۇتتىن كېيىن، دىگەر نامىزىنى ئۆتەپ بولغان مەمەت زۇنۇن ھېيتگاھ جامەسىدىن چىقىپ، ئۆستەڭبويى كوچىسىدىكى ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

مەمەت زۇنۇننىڭ ئۆيى 100 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئۆستەڭبويى كوچىسى يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىغا جايلاشقان. قەشقەر كونىشەھەر رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسىم كۆلىمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ يېرىمچە ئاھالىسى مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان.

2010 - يىلى دۆلەت يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي ۋە خەلقنى بېيىتىپ ئىگىلىك تىكلەش قۇرۇلۇشىنى نەزەردە تۇتۇپ، قەشقەر كونىشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى تەستىقلىدى، ھازىرغىچە، كونىشەھەر رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىنى ئۆزگەرتىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كونىشەھەر رايونىنىڭ يوللىرى كەڭ ھەم رەتلىك قىلىپ ياسالدى، بىراق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى روشەن بولغانلىقتىن، قەشقەر كونىشەھەر رايونى دۆلەتنىڭ AAAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ باھالاشقا سۇنۇلدى.

كونىشەھەر رايونىنىڭ ئەتراپىدا تۇماقچى كوچىسى، تۆمۈرچى كوچىسى قاتارلىق ئالاھىدە رەستىلەر بار. مەمەت زۇنۇن ياش چېغىدا بازاردا مەخمەل دۇكىنى ئاچاتتى. ھازىر ئۇ تىجارىتىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ئۇلار رامىزان مەزگىلىدە كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى زولۇق يەپ بولىدۇ. ئوغلى تىجارەت قىلىدۇ، ئۇ ئۆيدە نەۋرىلىرىگە قارىغاچ ئىنىسىگە ياردەملىشىپ، ئۆيىنى بېزەيدىغانلارغا قاراپ تۇرىدۇ.

«كۆكتات ساتىمەن» دېگەن ئاۋاز قەشقەر كونىشەھەر رايونىغا ئۆزگىچە بازار تۈسىنى ئاتا قىلغانىدى. 39 ياشلىق ياقۇپ غوپۇر ئۇيغۇرچە ۋە ئانچە راۋان بولمىغان خەنزۇ تىلىدا توۋلاپ، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت بىلەن كونىشەھەر رايونىنىڭ كوچىلىرىدا كۆكتات ساتاتتى. 17 يىلدىن بۇيان، ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇنداق توۋلاپ كۆكتات سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

مەمەت زۇنۇننىڭ خوتۇنىغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئاياللىرى ياقۇپ غوپۇرنىڭ ئاساسلىق خېرىدارى. «كونىشەھەر رايونى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بەزىلەر كۆچۈپ كېتىشتى، بەزىلەر كۆچۈپ كېلىپ، تونۇشلارنىڭ ئورنىغا ناتونۇشلار كەلدى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ناتونۇشلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ كەتتىم»، دېدى ئۇ.

«كۆكتات ساتقاندا ھەرگىز كەم جىڭلىمايمەن، دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل مۇسۇلمانلاردىن بولۇشۇم شەرت. ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 2دە ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىمنى ھەيدەپ، شەھەر سىرتىدىكى ئۆيۈمدىن 14 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىغا بېرىپ، توكسىكلىتىمغا لىق كەلگىدەك كۆكتات سېتىۋېلىپ، كونىشەھەر رايونىدا ساتىمەن، ئىشىم جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ئەرزىيدۇ»، دېدى ياقۇپ.

ياقۇپ شوخلا، كۆكمۇچ، پىياز دېگەندەك قەشقەر ئاھالىسى ئۆي تائاملىرىغا ئىشلىتىدىغان كۆكتاتلارنى كونىشەھەر رايونىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ساتىدۇ. ئۇ كۆكتاتلىرىنى سېتىپ بولغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن ك−ېيىن سائەت 2~3لەر بولىدىغان بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدا ئۆيىگە قايتىدۇ.

ياقۇپ رامىزان مەزگىلىدە ۋاقتىدا زولۇق يەپ، روزا تۇتۇۋاتقان بولۇپ، روزا تۇتالمىغان كۈنلىرى چۈشتە ئازراق نانلا يەيدۇ. «ئازراق نان يەۋالمىسام، ماغدۇرۇم قالمايدىكەن، مەن ئامالنىڭ بارىچە بالىلىرىمنى ئوقۇتىمەن، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ماڭا ئوخشاش جاپا تارتماي، ئوقۇتقۇچى، دوختۇر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى ئۇ.

كونىشەھەر رايونىدا ئولتۇرىدىغان تۇرغۇن زۇنۇننىڭ تاكسىسى بار، ئۇ تاكسىسىنى كۈندۈزى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىپ، كەچتە ئۆزى ھەيدەپ، بىر كۈندە 300 يۈەن تاپىدۇ. بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن تۇرغۇن زۇنۇن ئېدىتلىق، تىرىشچان بىرەر قىز بىلەن توي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

كونىشەھەر رايونى بىلەن بىر يول ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھېيتگاھ جامەسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى سۇلتان سودا سارىيىنىڭ ئەتراپى ئىنتايىن ئاۋات سودا كوچىسى بولۇپ، تەرەپ - تەرەپتە ئوچۇق رەڭلىك مىللىيچە كىيىملەرنى كىيگەن ئەر - ئاياللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئويۇنچۇق دۇكىنى ۋە ئاشخانىلارنىڭ ئالدى بالىلار بىلەن لىق تولىدۇ.

«ياز بىر يىلدىكى سودا ئەڭ ياخشى بولىدىغان مەزگىل. رامىزان بولسىمۇ، دۇكاننى ئېچىۋاتىمەن. سودا ياخشى بولسا، كۈنلىرىمىز ياخشى ئۆتىدۇ»، دېدى تۈركچە مارۇژنا دۇكىنىنىڭ خوجايىنى نۇربىيە تۇرسۇن كۈلۈپ تۇرۇپ.

بىر كۈن ئاخىرلاشتى، ئۆستەڭبويى كوچىسىدىكى مۇسۇلمانلار قەشقەردىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش رامىزاننى تىنچ، ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە.

كەچ كىرىشى بىلەن، بىر كۈن ئالدىراش ئۆتكەن مۇسۇلمان ئامما داستىخانغا جەم بولۇپ، دوست - بۇرادەرلىرى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىشىدۇ. «بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق، كۆز ئالدىمىزدىكى گۈزەل تۇرمۇشنى ئەسلەيمىز»، دېدى مەمەت زۇنۇن.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش