تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > تېز خەۋەر

مىللەتلەر، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-10 مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر : پەزىليە كۆرۈلۈش سانى :

تويا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 28 – مايدىن 30 – مايغىچە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر، دىن خىزمىتىنى ئەتراپلىق پۇختا ئىشلەپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر ئۈچ كۈن جەريانىدا ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، يېزا، كەنت، مەكتەپ، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ ئىككى جاينىڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش بىلەن بىللە، يېڭى ۋەزىيەتتىكى كادىرلار قوشۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئاقتۇ ناھىيەسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى قوغۇنچى كەنتىنىڭ شىپاخانىسىدا، بىرنەچچە كەنت ئاھالىسى كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆچىرەت كۈتۈۋاتقان بولۇپ، 70 ياشلىق ئىمىن توختى دورا ئالغىلى كەلگەنىدى. شۆھرەت زاكىر ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە دورا ھەققى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىغاندا، ئىمىن توختى داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىنى كۆرسىتىپ: داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسى بىلەن كېسەل كۆرسىتىش ئىنتايىن قولايلىق، ئادەتتىكى دورىلارنى دەرھال ئاتچوت قىلدۇرالايمىز، دېدى. شۆھرەت زاكىر كەنتنى ساقلاۋاتقان قوراللىق قىسىم جەڭچىلىرىدىن ھال سوراپ، ئۇلاردىن ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، بۇ رايون بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 10 مىليارد يۇەن مەبلەغ سالدى. بۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدۇ. بۇلتۇر 6 – ئايدا بۇ تەرەققىيات رايونىدىكى شېنجېن كەسىپ رايونىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 40 مىليون يۇەنگە يەتتى. توپلاشتۇرۇلغان توك يولى تاختىسى قۇراشتۇرۇش سېخىدا، شۆھرەت زاكىر ئىشچى رەيھانگۈل كېرىمدىن: ئائىلىڭىزدىكىلەر خىزمىتىڭىزنى قوللامدۇ؟ ئايلىق كىرىمىڭىز قانچىلىك؟ دەپ سورىدى. رەيھەنگۈل: ئائىلەمدىكىلەر خىزمىتىمنى قوللايدۇ، ئايدا 2500 يۈەن كىرىم قىلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. شۆھرەت زاكىر رەيھانگۈل كېرىمنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، تېخنىكا سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەڭگۇڭتىڭىدىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسىدىكى 3 – كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلاردىن ھال سورىدى ھەم ئۇلار بىلەن ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا قىزغىن پاراڭلاشتى.

شۆھرەت زاكىر شېنجېن نىشانلىق ياردەم قىلغان قەشقەر 2 – ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى، مىللىي تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. قەشقەر شەھەرلىك 19 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن روشەنگۈل ئەمەت: بۇ بىر قانچە يىلدا قەشقەردىكى مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ‹‹قوش تىل›› ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دېدى. شۆھرەت زاكىر كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى قوللاپ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ياخشىلاش ھەممىدىن مۇھىم. يوشۇرۇن كۈچۈڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ھەر مىللەت كادىرلار بۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار مىللەتلەر خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. دىن خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ توغرا ئېتىقادقا يېتەكلەش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى قوغداشتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ‹‹بەش ئاچقۇچ››نىڭ جەۋھىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى خىزمەتنى ئەستايىدىل، ئۈنۈملۈك ۋە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەپەككۇرى، قارىشى ۋە تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ‹‹تۆتتە كۈچلۈك كادىر بولۇش›› تەلىپى بويىچە، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، خىزمەتتە ئىقتىدارلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش