تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > تېز خەۋەر

ئەل - يۇرت تىنچ - ئامان، بازارلار ئاۋات، تۇرمۇش پاراۋان

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-10 مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر : پەزىليە كۆرۈلۈش سانى :

قادىر ئىسمائىل، ئاينۇر ئابلىمىت

ئىيۇل ئاپتىپى زېمىنغا ئاسايىشلىق، ئىناقلىق نۇرلىرىنى بەخش ئېتىۋاتقان كۈنلەردە، «مۇقام يۇرتى» يەكەن ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولدۇق. يەكەن دىيارىدىكى مەيلى روزا تۇتۇۋاتقان ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلار بولسۇن، ياكى ئۆز ئەركى بويىچە روزا تۇتمايۋاتقان كىشىلەر بولسۇن، ئىشقىلىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ چېھرىدە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە، پاراۋان، بەختىيار دەۋرانغا بولغان رازىمەنلىك ھېسلىرى بالقىپ تۇراتتى.

«روزا تۇتۇش - تۇتماسلىق ئەركىنلىكىمىز، ھېچكىم ئەركىنلىكىمىزنى بوغقىنى يوق»

يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى كېسىمچى كەنتىدىكى سىدىق ئوسماننىڭ پېشايۋانلىق ھويلىسى 12 - ئىيۇل بىر توپ بالىنىڭ ۋاڭ - چۇڭى بىلەن جانلىنىپ كەتكەنىدى.

− خوتۇنۇم ئىككىمىز ئۇدا روزا تۇتۇۋاتىمىز، روزا تۇتۇش - تۇتماسلىق ئەركىنلىكىمىز بولغاچقا ھېچكىم ئارىلىشىۋالمىدى، −− دېدى سىدىق ئوسمان، −− روزا كىرىشى بىلەن ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنىلار ئۆزئارا ئىپتارغا چاقىرىشتۇق، بۇ ئارقىلىق ئىناقلىقىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. سىدىق ئوسماننىڭ دېيىشىچە، يېقىندا ئۇ دۆلەتكە سەككىز مو يېرىدىن چىققان ئاشلىقنى سېتىپ بېرىپتۇ، ئاشلىق تولۇقلىمىسى، سۈپەتلىك ئۇرۇق تولۇقلىمىسى دېگەندەك تولۇقلىما پۇللارنى كەينى - كەينىدىن تاپشۇرۇپ ئاپتۇ. ھويلىسىغا سالغان 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆيگە ھۆكۈمەت 28 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما بېرىپتۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

− پارتىيە، ھۆكۈمەت نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىمىزنى قوغدايدۇ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ نورمال ئۆرپ - ئادىتى ۋە ئەزەلدىن شەكىللىنىپ كەلگەن ئادىتىنى ھۆرمەت قىلىدۇ. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نەپ يەتكۈزۈپ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانماقتا، شۇڭا بىز ھازىرقى تىنچ، ئىناق شارائىتنىڭ قەدرىگە يېتىپ، تۇرمۇشىمىزنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا بەل باغلىدۇق.

«تىنچلىقىمىزنى بۇزۇشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق»

مىشا يېزىسىنىڭ كېسىمچى كەنتىدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەمگەك نەمۇنىچىسى داۋۇت ھاشىمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا روزا تۇتمىغانىدى. ئۇنىڭ يەتتە پەرزەنتىنىڭ ئۈچى قۇرۇلۇش ئورنىدا تامچىلىق قىلىۋاتقاچقا، ئۇلارمۇ روزا تۇتماپتۇ، شۇنداق بولسىمۇ، مەھەللىدە باشقىلارنىڭ يەكلىشى ۋە نارازىلىقىغا ئۇچرىماپتۇ.

− ناھىيەمىزدە يولغا قويۇلۇۋاتقان نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ياشانغانلار تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، داۋالىنىشتا، بالىلارنى ئوقۇتۇشتا غەم قىلمايدىغان بولدۇق. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىمۇ ناھىيەمىزدە پائال ئىزچىللاشتۇرۇلدى. دېمەك، تەستە قولغا كەلگەن بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىز ۋە تىنچلىقىمىزنى بۇزۇشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق.

بازارلار ئاۋات، تۇرمۇش قەنت - ناۋات

يەكەن ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ بازار − يەكشەنبە بازىرىغا كەلگىنىمىزدە، ئاياغ سېتىۋېلىۋاتقان ئەر - خوتۇن دىققىتىمىزنى تارتتى. ئىگىلىشىمىزچە، ئەرنىڭ ئىسمى ئىمىن نىزاخۇن بولۇپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارائۆستەڭ يېزىسىدىن ھېيتلىق كىيىم - كېچەك، يەل - يېمىش سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا كەلگەن ئىكەن. ئۇلار بىرنەچچە سائەت بازار ئايلىنىپ، ئىككى بالىسىغا، ئۆزلىرىگە ھېيتلىق كىيىم - كېچەك، يەل - يېمىش سېتىۋاپتۇ.

− جەمئىيەت تىنچ بولسا، ئەل - يۇرت پاراۋان بولىدىكەن، مانا قاراڭلار، بازاردا توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىلا نەرسە تېپىلىدۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىمىزلا روزا تۇتۇپ ئازراق ئۇسسىغان بولساقمۇ، بىراق روزا ھېيتقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن قىلچە ھارغىنلىق ھېس قىلمىدۇق، −− دېدى ئىمىن نىزاخۇن ھاياجان بىلەن.

مىشا يېزىسىدىن كېلىپ يەكشەنبە بازىرىدا ئاياغ تىجارىتى قىلىۋاتقان مەخمۇت قۇرباننىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى بازار رەتسىز، ئادەم كۆپ بولغاچقا، دائىم قىستاڭچىلىق كۆرۈلەتتىكەن، ھۆكۈمەت يېقىندا بازارنى كېڭەيتىپ، بازارغا تۇتىشىدىغان يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ بەرگەچكە، شارائىت ياخشىلىنىپ، تىجارىتى كۈنسېرى روناق تېپىپتۇ.

− يۇرتىمىزدا روزا تۇتۇش - تۇتماسلىقنى ھەركىم ئۆزى تاللايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە ھېچكىم ئارىلىشىۋالمايدۇ. جەمئىيەت تىنچ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قولى پۇل كۆرگەچكە، بۈگۈن بىر كۈندە ئاياغ سېتىپ 8000 يۈەندەك كىرىم قىلدىم، دېمەك، پىتنە - ئىغۋا بىزنىڭ بېيىش يولىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولالمايدۇ. ھەممەيلەن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغانلا بولساق، پىتنىخورلۇق ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزدە شەك يوق، −− دېدى مەخمۇت قۇربان.

سائەت يەتتە يېرىمدىن كېيىن يەكشەنبە بازىرىدىكى تىجارەتچىلەر يايمىلىرىنى يىغىپ، ئىپتارلىق ئۈچۈن ئۆيلىرىگە ئالدىراشتى. ئۆيىگە قايتىۋاتقان تىجارەتچى ۋە بازارچىلار بىلەن بازار ئالدىدىكى يول ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش