تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > تېز خەۋەر

دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-10 مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر : پەزىليە كۆرۈلۈش سانى :

‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلايلى

ـــ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت (3)

2014 – يىلى 28 – نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم 2015 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ نىزامنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 1994 – يىلى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان. بۇ نىزام 21 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇھىم ھەم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇ نىزامغا نېمە ئۈچۈن تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ؟ بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەبى نېمە؟ گېزىتخانىمىز شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن تەتقىقاتچى ليۇ جۇڭكاڭ، تەتقىقاتچى گۈلىيە ۋە ياردەمچى تەتقىقاتچى رەمىلە رەجەپنى ئوقۇرمەنلەرگە بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى.

نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىندى، كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىندى

گۈلىيە: ھازىر شىنجاڭنىڭ دىن ئىشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ساغلام، باشقۇرۇلۇشى تەرتىپلىك بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتنى، بولۇپمۇ خەلقئارا سىياسىي مۇھىتتىكى ئۆزگىرىش، دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ خەلقئارادا يامراۋاتقانلىقى، دىن ساھەسىدە نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە كۆرۈلۈپ، دىنلار ئىناقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقانلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىلگىرىكى نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالمىدى، شۇڭا، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەرلىك نىزام تۈزۈش قارالمىسى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، 2012 – يىلىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىشلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس دوكلات ئاڭلاپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى ھەم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رەمىلە: نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى، نۇرغۇن قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن سىرت، 20 قېتىمدىن ئارتۇق دەلىللەش يىغىنى ئېچىلىپ، 200دىن ئارتۇق پىكىر ئېلىنىپ، 40تىن ئارتۇق لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. بۇ ئاساستا يېڭى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى›› شەكىللەندى.

تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامنىڭ ئالاھىدىلىكى

ليۇ جۇڭكاڭ: نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەھمىيەت بېرىلدى؟ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

گۈلىيە: بىرىنچىدىن، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى. پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىمۇ ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش››تىن ئىبارەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېھتىياجى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى خىزمىتى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت ھېسابلىنىدۇ، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش شىنجاڭنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى دىن ئىشلىرى خىزمىتىدىكى ئىلمىي يەكۈنى بولۇپ، ئۇنىڭدا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنىڭ تۈپ فاڭجېنى ۋە پىرىنسىپىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

ليۇ جۇڭكاڭ: بۇ نىزامنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟

گۈلىيە: بىرىنچىدىن، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ – چوڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تولۇق نامايان قىلىندى؛ ئىككىنچىدىن، ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتى قانۇن بويىچە قوغدىلىش بىلەن بىللە، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر قەتئىي چەكلىنىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە زەربە بېرىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، دىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش نۇقتىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىغا قارىتىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىمىزنىڭ مۇقىملىقى قوغدالدى.

دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇن بويىچە كۈچەيتىلدى

ليۇ جۇڭكاڭ: پارتىيەمىزنىڭ دىن سىياسىتىدە ئالدى بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ، بۇ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن، بۇ خىل روھ بۇ نىزامدا تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلغان.

گۈلىيە: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى بار، نىزامدا بۇ ماددىغا تېخىمۇ تەپسىلىي ئىزاھات بېرىلىپ، پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقى، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ باشقىلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا ئازدۇرۇشقا، تەھدىت سېلىشقا، مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى كەمسىتىشكە ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى كەمسىتىشكىمۇ بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ليۇ جۇڭكاڭ: دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامدا قانداق كونكرېت بەلگىلەنگەن؟

گۈلىيە: دىنىي پائالىيەت سورۇنى ئېتىقادچى ئامما نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغان جاي. نىزامدا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش تەشكىلاتى قۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. باشقۇرۇش تەشكىلاتى دېموكراتىك ئاساستا باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەشكىلاتتىكى خادىملارنى دېموكراتىك كېڭىشىپ سايلاپ چىقىدۇ، شۇنداقلا دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى تىزىملاش ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، مۇئەييەن دەرىجىدە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى، يەنە ئىشنى ئادىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ليۇ جۇڭكاڭ: دىنىي خادىملارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا قايسى بەلگىلىمىلەر بار؟

رەمىلە: دىنىي خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىزمەتنى ياخشى قىلىشى كېرەك، يەنى بىرىنچى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشى، توغرا ئېتىقادنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، دىنىي ئەقىدە – ئەھكاملارغا بويسۇنۇپ، دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ؛ ئۈچىنچى، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى كەمسىتىشكە، چەتكە قېقىشقا، ھاقارەتلەشكە ياكى ئېتىقادچى ئاممىنى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ئەمما، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغان ئاممىنى كەمسىتىشكە، چەتكە قېقىشقا، ھاقارەتلەشكە كۈشكۈرتۈشكە بولمايدۇ؛ تۆتىنچى، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەر بەرگەن نام – شەرەپلەرنى قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ؛ بەشىنچى، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلىپ، دىن ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ؛ ئالتىنچى، شەكلى ئۆزگەرگەن دىنىي فېئوداللىق ئىمتىيازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ؛ يەتتىنچى، ئۆزىگە دىن تارقاتقۇچى دەپ نام بېرىپ، شاگىرت تەربىيەلەپ، دىنىي تەشكىلات قۇرۇشقا بولمايدۇ؛ سەككىزىنچى، ئۆز ئالدىغا گېگەننىڭ دۇنياغا قايتا تۆرىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، رايون ھالقىپ قايتا تۆرەلگەن گېگەننى ئىزدەش ۋە ئېتىراپ قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ؛ توققۇزىنچى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا دۆلەتنى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇندىكى گەپ – سۆزلەر تەشۋىق قىلىنغاندا ھەم دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە چەكلەش ھەم ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە ج خ ئورگانلىرىغا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك.

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

ليۇ جۇڭكاڭ: بىز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىقادچى ئامما بىلەن دىنىي زاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ يوللۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز كېرەك. دىنىي بىلىم جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بۇنىڭ بىر مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ.

گۈلىيە: نىزامدا ئېيتىلغان نەشر بۇيۇملىرى دىنىي مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئاشكارا نەشر قىلىپ تارقىتىلغان دىنىي مەزمۇندىكى نەشر بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىنىي مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان ئىچكى ماتېرىيال نەشر بۇيۇملىرىدا ئۈچ نۇقتىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك، يەنى بىرىنچى، پەقەت دىنىي تەشكىلات تۈزۈپ باسسا بولىدۇ، باشقا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ تۈزۈپ بېسىشىغا بولمايدۇ؛ ئىككىنچى، پەقەت دىنىي تەشكىلاتلارلا ئىچكى ماتېرىيال ۋە ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىپ كۆپەيتسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت ئۆتەپ، جەزمەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بېكىتىشى ۋە ماقۇللىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئاندىن تەستىقنى ئېلىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىيات مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ، بېسىشقا ئىجازەت قىلىش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، ئاندىن باسسا ۋە كۆپەيتسە بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى پەقەت ئىجازەت بېرىلگەن دائىرە ئىچىدە تارقىتىشقا بولىدۇ، ئاشكارا تارقىتىلىدىغان دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈپ بېكىتىپ نەشر قىلىش كېرەك.

ليۇ جۇڭكاڭ: نىزامدا دىنىي پائالىيەتلەر توغرىسىدا قانداق كونكرېت بەلگىلىمىلەر بار؟

گۈلىيە: بىرىنچىدىن، ئېتىقادچى ئامما قاتنىشىدىغان كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەتلەر جەزمەن قانۇن بويىچە تىزىملاتقان دىنىي پائالىيەت سورۇنىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، ئېتىقادچى ئامما شەخسىي دىنىي پائالىيەتلەردە ئىجتىمائىي تەرتىپ، خىزمەت تەرتىپى، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچى، دۆلەت ئورگانلىرى، مەكتەپ ۋە ئاممىۋى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلىرىدا دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش چەكلىنىدۇ.

ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرايلى

ليۇ جۇڭكاڭ: دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىپ يامرىشى ھازىر ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا ئەڭ چوڭ رېئال تەھدىت بولۇپ قالدى، نىزامدا دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى چەكلەش جەھەتتە قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

رەمىلە: بىرىنچى، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشى، تارقىتىشى، تەرغىب قىلىشى چەكلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىن ئەسەبىيلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ؛ ئۈچىنچى، دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت، نىكاھ ۋە پىلانلىق تۇغۇت، شۇنداقلا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىش چەكلىنىدۇ؛ تۆتىنچى، دىندىن پايدىلىنىپ، ياكى دىنىي پائالىيەتنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيەتلىرىگە، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ قاتارلىق ئۆرپ – ئادەت ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگە، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىش چەكلىنىدۇ؛ بەشىنچى، قانۇن بويىچە تىزىملاتمىغان توي مۇراسىمىدا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ ئالتىنچى، سىرتقى كۆرۈنۈش، كىيىم – كېچەك ئارقىلىق دىن ئەسەبىيلىكىنى ئىپادىلەپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى تارقىتىشقا بولمايدۇ؛ يەتتىنچى، باشقىلارنى دىنىي بەلگىلەر چۈشۈرۈلگەن كىيىم – كېچەك كىيىشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ؛ سەككىزىنچى، دىنىي مەزمۇنغا ئالاقىدار نەشر بۇيۇملىرى، ئۈن – سىن بۇيۇملىرىدا دىن ئەسەبىيلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان، دىنلار ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ليۇ جۇڭكاڭ: نىزامغا خىلاپلىق قىلغانلار قانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟

رەمىلە: نىزامدا جازالاش تەدبىرلىرى ئۈچ نۇقتىغا بۆلۈپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى بىرىنچى، دىندىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى ئەدلىيە تارماقلىرى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە جازالايدۇ؛ ئىككىنچى، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەھۋالى ئېغىر بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، ئالاقىدار تارماقلار مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ ئۈچىنچى، قانۇنغا يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلارغا تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەش ئاساس قىلىنىپ، مەمۇرىي ۋاسىتە ۋە ئىقتىسادىي جازالاش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. بۇ نىزامنامىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار بولسا، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

ليۇ جۇڭكاڭ: نىزامنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭدا دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، بىز بۇنىڭدىن تولۇق ئۈمىدۋارمىز.

(مۇخبىرىمىز ليۇ چيەنشېڭ رەتلىگەن)

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش