تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > ھەج ئىشلىرى

ھەجنىڭ تۈرلىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-09 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى مۇھەررىر : نىجات كۆرۈلۈش سانى :

ھەج خاراكتېر جەھەتتىن ھەج (پەرز ھەج) ۋە ئۆمرە دەپ ئىكىگە بۆلۈنىدۇ.

1) ھەج (پەرز ھەج) ـ بەلگۈلىك ھەج كۈنلىرى يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ (ھىجرىيە 12-ئاينىڭ) 8-، 9-، 10-كۈنلىرى ئىچىدىلا ئېھرام باغلاپ، ئەرەفاتتا ۋە بەيتۇللادا مەخسۇس مەزمۇنلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالاھىدە پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

2) ئۆمرە – بەلگىلىك ھەج كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلىرى ئېھرام باغلاپ بەيتۇللادا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ھەج ئېلىپ بېرىلىش ئۇسۇلى، ئېھرامغا كىرىش قائىدىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھەج ئېفراد (يەككە ھەج)، ھەج قىران (ئۇلانما ھەج)، ھەج تەمەتتۇئ (بەھرىمان ھەج) دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. جۇڭگو ھەج قىلغۇچىلىرى ئادەتتە تەمەتتۇئ (بەھرىمان ھەج) ئۇسۇلى بويىچە ھەج قىلىدۇ.

جۇڭگو ھەج قىلغۇچىلىرى ھەج تەمەتتۇئ قىلغاچقا، سەپەرنىڭ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئاندىن مەدىنە مۇنەۋۋەردن چىقىپ، مەككەمۇرەمەگە بارار يول ئۈستىدىكى مىقاتتا ئۆمرەگە نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلاپ مەككەمۇرەمەگە قاراپ يول ئالىدۇ.

 

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش