تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > مۇسۇلمانلار تۇرمۇشى

مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئەدەپ-قائىدىلىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-08 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى مۇھەررىر : نىجات كۆرۈلۈش سانى :

ئىسمائىل ياقۇپ

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ئاللاھ تائالا بارلىق ئىنسانلارنى ۋە ھايۋانلارنى يېيىش، ئىچىش تەبىئىتى بىلەن ياراتقان. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېيىش، ئىچىشكە ھەر ۋاقىت موھتاج بولىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقلىرىنى نۇرلاندۇرۇش، سالامەتلىكىمىزنى ئاسراش ۋە يېمەك-ئىچمىكىمىزنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىشىمىز لازىم:

1. يېمەك-ئىچمىكىمىز ھالال، پاكىز ۋە باشقىلارنىڭ ھەققى ئارىلاشمىغان، ئۆزىمىز قىلچە گۇمانلىق دەپ قارىمىغان نەرسىلەردىن بولۇشى لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ بىزگە خىتاب قىلىپ: ”ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال-پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 168-ئايەت} دەپ، بىزنى شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگىشىپ ھارام يەپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئاللاھ تائالا يەنە ئۆزىگە ھەقىقىي ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھالال رىزىقتىن باشقىسىنى يېمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”ئى مۇئمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا(يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى-ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 172-ئايەت}.

2. تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى قولنى يۇيۇش سۈننەت. بۇ ھەقتە سەلمان فارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”تاماقنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىككى قولنى يۇيۇش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىككى قولنى يۇيۇشتىدۇر“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دەيدۇ: ”كىمكى ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆپ ياخشىلىق بېرىشنى دوست تۇتسا، ئۇنىڭ تامىقى ھازىر بولغاندا ۋە كۆتۈرۈلگەندە ئىككى قولىنى يۇيسۇن“(ئىبنى ماجە، بەيھەقى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىسلەردىن قولدا ياكى قوشۇق-چوكىدا يەيدىغان تاماق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تاماقتىن بۇرۇن قولنى يۇيۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەلۇم بولىدۇ.

تاماقتىن كېيىنمۇ قولنى يۇيۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئەگەر بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەندە قولدىكى تاماقنىڭ يۇقۇندىلىرى كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرگە يۇققاندىن سىرت، ھەر خىل كېسەللىك مىكروبلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە سەۋەب بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”شەيتان ھەقىقەتەن بەك سەزگۈر، بەك يالىغۇچىدۇر، ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار! كىمكى قولىدا تاماق يۇقى بار ھالدا ئۇخلاپ قېلىپ بىرەر نەرسىگە(كېسەلگە) يولۇقسا، ئۆزىدىن باشقىسىنى مالامەت قىلمىسۇن“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

3. تاماق يېيىش ۋە ئىچىشتىن بۇرۇن ”بىسمىللاھ“ دېيىش مۇھىم سۈننەت. بۇ ھەقتە ئۆمەر ئىبنى ئەبى سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: ”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسىدە تۇرۇۋاتقان بالا ئىدىم، تاماق يەۋاتقان چاغدا قولۇم لېگەندە چېپىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’ئى بالا، تاماق يېگەندە ‹بىسمىللاھ›(يەنى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن) دەپ، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىن يېگىن‘ دېگەن. شۇنىڭدىن بۇيان تاماق يېيىش ئۇسۇلۇم ھامان رەسۇلۇللاھ دېگەندەك بولۇپ كەلدى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىس تاماق ۋە يەل-يېمىش يېگەندە باشقىلارنىڭ ئالدىدىكىگە قول ئۇزۇتۇشتەك ناچار ئىللەتلەرنىمۇ قامچىلايدۇ.

بىر ئادەم تاماقتىن بۇرۇن ”بىسمىللاھ“ دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئېسىگە كەلگەن ھامان دېيىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاماق يېگەندە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ياد ئەتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ(تاماق يېيىشنىڭ) ئەۋۋىلىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا(ئېسىگە كەلگەن ھامان): ’بىسمىللاھى ئەۋۋەلەھۇ ۋە ئاخىرەھۇ(ئۇنىڭ ئەۋۋىلىدە ۋە ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)‘ دەۋەتسۇن“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

تاماققا شەيتاننىڭ شېرىك بولۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ”بىسمىللاھ“ دېيىش لازىم. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: ”بىر ئادەم ئۆيىگە كىرگەندە ۋە تامىقىنى يېگەندە ئاللاھنى ياد ئەتسە(يەنى بىسمىللاھ دېسە) شەيتان ھەمراھلىرىغا: ’سىلەر ئۈچۈن قونالغىمۇ يوق ۋە كەچلىك تاماقمۇ يوق(قايتىڭلار!)‘ دەيدۇ؛ ئەگەر(ئادەم ئۆيىگە) كىرگەندە ۋە تامىقىنى يېگەندە ئاللاھنى ياد ئەتمىسە، شەيتان(ھەمراھلىرىغا): ’سىلەر قونالغۇنىمۇ ۋە كەچلىكتاماقنىمۇتاپتىڭلار‘دەيدۇ“(مۇسلىمرىۋايەتقىلغان).

4. يېمەك-ئىچمەكنى ئوڭ قول بىلەن يېيىش ۋە ئىچىش مۇھىم سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ھەفىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماق يېگەندە، سۇ ئىچكەندە، كىيىم كىيگەندە ئوڭ قولىنى ئىشلىتەتتى، سول قولى بىلەن باشقا ئىشلارنى قىلاتتى“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن بىر ئادەم تاماق يېگەندە ئوڭ قولى بىلەن يېسۇن، ئىچكەندە ئوڭ قولى بىلەن ئىچسۇن، ھەقىقەتەن شەيتان سول قولى بىلەن يەيدۇ ۋە سول قولى بىلەن ئىچىدۇ“(مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن شەيتاننىڭ سول قول بىلەن تاماق يەيدىغانلىقى، شەيتانغا ئوخشاپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، تاماقنى ئوڭ قولىمىز بىلەن يېيىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكى مەلۇم بولىدۇ.

5. يېمەك-ئىچمەكنى ئۆزىدىن چوڭلاردىن(يەنى ئاتا-ئانا، ئۇستاز قاتارلىق چوڭلاردىن) باشلاش سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتە ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تاماق يېيىشكە كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماققا قولىنى تەگكۈزمىگىچە، بىز قولىمىزنى تەگكۈزمەيتتۇق“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىس ئالدىمىزغا تاماق كەلگەندە ئۆزىمىزدىن چوڭلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى: ”خوش، تاماققا بېقىشسىلا“ دەپ تەكلىپ قىلىپ، ئاندىن تاماق يېيىشىمىزنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

يېمەك-ئىچمەكنى بالىچاقىسىدىن بۇرۇن ئاتا-ئانىسىغا بېرىپ ئادەتلەنگەن بىر ئادەم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە غارغا سولىنىپ قېلىپ چىقىش يولى تاپالمىغاندا يۇقىرىقىدەك ياخشى ئادىتىنى ئاللاھقا ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئىلتىجا قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلۇپ چىققانلىقى ھەققىدە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئۈچ ئادەم بىرلىكتە سىرتقا چىقىدۇ، ئۇلار يامغۇردا قېلىپ بىر غارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدۇ، بۇ چاغدا بىر قۇرام تاش يۇقىرىدىن دومىلاپ چۈشۈپ غارنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزئارا ھاياتىمىزدا ئىشلىگەن ئەڭ ئەۋزەل ئەمىلىمىزنى تىلغا ئېلىپ، ئاللاھقا سېغىنايلى دېيىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى: ’ئى ئاللاھ! مېنىڭ ياشىنىپ قالغان قېرى ئاتا-ئانام بار ئىدى، مەن پادا باقاتتىم، ماللارنى سېغىپ كېلىپ ئالدى بىلەن سۈتىنى ئاتا-ئانامغا ئىچكۈزۈپ ئاندىن سەغىرە بالىلىرىمغا ۋە ئەھلى ئايالىمغا ئىچكۈزەتتىم، بىر ئاخشىمى كېچىكىپ قالدىم، سۈتنى ئېلىپ كەلسەم، ئاتا-ئانام ئۇخلاپ قاپتۇ، ئۇلارنى ئويغىتىشنى خوپ كۆرمىدىم، بالىلار قورسىقى ئاچ ھالدا ئايىغىمدا يىغلاپ تۇرۇشاتتى، سۈتنى ئالدى بىلەن ئاتا-ئانامغا ئىچكۈزۈش ئۈچۈن، سۈبھى يورۇپ ئۇلار ئويغانغۇچە قاچىدىكى سۈتنى تۇتۇپ كۈتۈپ تۇردۇم، ئى ئاللاھ! ئەگەر مۇشۇ ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلغانلىقىمنى بىلگەن بولساڭ، بىزگە ئاسماننى كۆرەلىگۈدەك يوچۇق ئېچىپ بەرسەڭ‘ دېۋىدى، قۇرام تاش ئازراق كۆتۈرۈلدى...“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

6. يېمەك-ئىچمەكنى مېھمانلارنىڭ چوڭىدىن باشلاپ ئوڭ تەرەپتىن ئايلاندۇرۇش، ساھىبخانا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇش مۇھىم سۈننەت. بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ھويلىغا كىرىپ: ’ئىچكۈدەك نەرسە بارمۇ؟‘ دەپ سورىدى، بىز بىر قوينى سېغىپ، ئۇنىڭغا سۇ ئارىلاشتۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سول تەرىپىدە ئەبۇ بەكرى، ئۇدۇلىدا ئۆمەر، ئوڭ تەرىپىدە بىر سەھرالىق ئادەم بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆمەر: ’ئەبۇ بەكرى ئىچسۇن‘ دېدى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ تەرەپتىكى سەھرالىق ئادەمگە بېرىپ: ’ئوڭ تەرەپتىن باشلاش كېرەك، ئوڭ تەرەپتىن باشلاش كېرەك، ئوڭ تەرەپتىن باشلاش كېرەك‘ دېدى. ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: ’مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى‘ ئۇ گېپىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). يەنە سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”بىرسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر قاچا ئىچىملىك بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئېلىپ ئىچتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر ياش بالا بار ئىدى، سول تەرىپىدە بىر نەچچە ياشانغان ئادەم بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياش بالىغا: ’بۇ ئىچىملىكنى بۇ بىر نەچچە ياشانغان ئادەمگە بەرسەم قوشۇلامسىز؟‘ دەپ سورىدى. ھېلىقى ياش: ’ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەن سىلىدىن ئاشقان سۇنى ئىچىش نۆۋىتىنى ھەرگىز باشقىلارغا ئۆتۈنمەيمەن‘ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىكنى ئاشۇ ياش بالىغا بەردى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). يەنە ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىشىلەرنى سۇغارغۇچى ئۇلارنىڭ ئاخىرىدا ئىچىدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

7. كەمتەرلىك يۈزىسىدىن تاماقنى بىر نەرسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ يېمەسلىك كېرەك. كىشى چازا قۇرۇپ بەخىرامان يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە تاماقنى كۆپ يېگۈسى كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاماقنى ئارقىمۇئارقىدىن كۆپ ئىستېمال قىلىۋېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ھەزىم قىلىپ بولالماي سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئەبۇ جۇھەيفە سەۋائى رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: ”مەن تاماق يېگەندە يۆلىنىپ تۇرۇپ يېمەيمەن“(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرسى بىر قوي ھەدىيە قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يېگەن، بىر ئەرەبى ئۇنىڭغا: ”بۇ قانداق ئولتۇرۇش؟“ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاللاھ مېنى رەھىمدىل قىلدى، زالىم، مۇستەبىت قىلغىنى يوق“ دېدى)(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

8. ئۆزىنىڭ كۆڭلى تارتمىغان تاماقنى ئەيىبلەپ، باشقىلارنىڭ يېيىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچقاچان تاماقنى كەمسىتمىگەن ئىدى. كۆڭلى تارتسا يەيتتى، كۆڭلى تارتمىسا قويۇپ قوياتتى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بىرسى كېلەنى پىشۇرۇپ قويغاندا ئۇ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ: ”مېنىڭ يۇرتۇمدا كېلە بولمىغاچ ئۇنى يېيىشتىن سەسكىنىمەن“ دېگەن. ئىبنى بەتتالنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ئىشى ھۆسنى ئەدەپكە ياتىدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كۆڭلى تارتمىغان نەرسىنى ئىككىنچى بىر ئادەمنىڭ كۆڭلى تارتىشى مۇمكىن. شەرىئەت رۇخسەت قىلغان نەرسىدە چاتاق يوق، شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىكى كىشىلەر مەزكۇر كېلەدىن يېگەن(«سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى»، 261-بەت).

9. تاماق يېگەندە شۇ يەۋاتقان تاماقنىڭ ياخشى پىشقانلىقىنى ۋە يېيىشلىك بولغانلىقىنى ماختاپ، ساھىبخاننىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بالىچاقىسىدىن نان بىلەن قوشۇپ يەيدىغان يېمەكلىكنىڭ(بار-يوقلۇقىنى) سورىدى، ئۇلار: ”بىزنىڭ قېشىمىزدا سىركىدىن باشقا نەرسە يوق“ دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى تەلەپ قىلدى، ئاندىن ئۇنى يېگەچ: ”نان بىلەن قوشۇلغان سىركە نېمىدېگەن ياخشى! نان بىلەن قوشۇلغان سىركە نېمىدېگەن ياخشى!“ دېدى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ بەرگەن نېمەتنىڭ بارىغا رازى بولۇش ئۇنىڭ كۆپ بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: ’نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى)تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر(كۇفرانى نېمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم ئەلۋەتتە بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ‘ دەپ جاكارلىدى“{سۈرە«ئىبراھىم»(14-سۈرە)، 7-ئايەت}.

10. يېمەك-ئىچمەكنى ئىسراپ قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەش لازىم. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئاغىنىدارچىلىق ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئۇلار ئاشخانا، رېستورانلاردا ئاتا-ئانا ۋە بالىچاقىلىرىغا خەجلىمىگەن پۇلىنى دوست-بۇرادەرلىرىگە كۆز-كۆز قىلىپ بولۇشىغا خەجلەپ، ئۈچ-تۆت خىل تاماق بۇيرۇپ قويۇپ، تاماق كەلتۈرۈلگەندە ئۇنى يەپ بولالماي ئىلغاپ يەپ، بۇزۇپ-چېچىۋېتىدىغان ئەھۋاللار خېلىلا كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مىللىتىمىزنىڭ ئانىلىرى بولغان خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان قاتار چايلار يۇقىرىقىلاردىن مۇستەسنا ئەمەستۇر. مېنىڭ ئاشۇنداق بىر قىسىم ئىسراپخورلارغا قارىتا مۇراجىئىتىم شۇكى، سىز ئىقتىسادنى ئىسراپ قىلغاندىن سىرت، يېمەك-ئىچمەكنى ئىسراپ قىلدىڭىز، سىز بۇزۇپ-چېچىۋەتكەن يېمەك-ئىچمەك ئەنە، قاراڭ، ئاۋۇ كوچا دوقمۇشىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تۆكۈلۈپ تۇرۇپتۇ. ئاللاھ ئىسراپخورلۇقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 31-ئايەت}.

11. ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزى نېمىنى يېسە ئايالى ۋە بالىلىرىغا شۇنى يېگۈزۈش سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتە مۇئاۋىيە قۇشەيرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: ”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ’ئاياللىرىمىز ھەققىدە نېمە دەيسەن؟‘ دېدىم، رەسۇلۇللاھ: ’ئۇلارغا ئۆزۈڭلار نېمىنى يېسەڭلار شۇنى يېگۈزۈڭلار، نېمىنى كىيسەڭلار ئۇلارغا شۇنى كىيگۈزۈڭلار، ئۇلارنى ئۇرماڭلار، ئۇلارنى سەتلىمەڭلار‘ دېدى“(«قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما»دىن). بۇ ھەدىسكە ئاساسەن بازارلاردا قورسىقىنى پولۇ، كاۋاپ، شورپا بىلەن تويغۇزۇۋېلىپ، ئائىلىسىدىكى بالىچاقىلىرىنى سۇيۇقئاش بىلەن قۇرۇق نانغا تاشلاپ قويىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىپ، بالىچاقىلار بىلەن يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئادالەت بەرپا قىلىش كېرەك.

12. قاچا ۋە ياكى لېگەندىن تاماق يېگەندە ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يېمەي، چۆرىسىدىن يېيىش مۇھىم سۈننەت. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بەرىكەت تاماقنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ، ئۇنىڭ چۆرىسىدىن يەڭلار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يېمەڭلار“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

13. يەۋاتقان يېمەكلىك تاسادىپىي چۈشۈپ كەتسە بۇزۇلغان يېرىنى پاكىز ئېلىۋېتىپ يېيىش مۇھىم سۈننەت. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىرىڭلارنىڭ (تامىقىدىن)بىر لوقمىسى چۈشۈپ كەتسە ئېلىپ بۇزۇلغان يېرىنى ئېلىۋېتىپ يېسۇن، ئۇنى شەيتانغا تاشلاپ قويمىسۇن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

14. ئىچىملىك ئىچكەندە باشنى چۆكۈرۈپ، بىر قېتىمدىلا سۈمۈرۈپ ئىچىۋەتمەي، ئىككى، ئۈچ تىنىپ ئىچىش مۇھىم ئەدەپ-ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەر(ئىچىملىكنى) بىر قېتىمدىلا تۆگە ئىچكەنگە ئوخشاش ئىچمەڭلار، لېكىن ئىككى، ئۈچ(تىنىپ) ئىچىڭلار، (ئىچىملىك)ئىچكەندە’بىسمىللاھ‘دەڭلار،ئىچىپبولغاندا ’ئەلھەمدۇلىللاھ‘ دەڭلار“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

15. ئىچىملىك ئىچكەندە سۇدان، كورا ۋە چەينەك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ئىچمەي، بىرەر نەرسىگە قۇيۇپ ئىچىش مۇھىم سۈننەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇدان ياكى تۇلۇم ئېغىزىدىن (ئىچىملىك)ئىچىشتىن توستى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىس شەرىفتىن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئىچىملىك ئىچىش ئارقىلىق بىر-بىرىگە كېسەل يۇقۇشنىڭ ياكى ئىچىملىكتە تەن سالامەتلىككە زىيانلىق مىكروبلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى، ئىسلام دىنىمىز ساقلىقنى ساقلاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى تەلىماتلىرىنى 1400 يىل ئىلگىرىكى ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلمىغان زامانلاردىلا بارلىق ئىنسانلارغا بىلدۈرۈپ بولغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان بولىدۇ.

16. يېمەك-ئىچمەك بار قاچىغا تىنىپ قويۇشتىن ياكى سۈفلەپ(ھۈرۈپ) قويۇشتىن ۋەياكى پۈۋلەپ ئىچىشتىن ئالاھىدە ھەزەر ئەيلەش لازىم. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىغا تىنىپ قويۇشتىن ياكى ئۇنىڭغا پۈۋلەپ قويۇشتىن توستى“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ قەتادە ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەر سۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىچكەندە قاچىغا تىنىپ ئىچمەڭلار“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسلانغاندا، يېمەك-ئىچمەك بار قاچىغا تىنىپ ياكى سۈفلەپ(ھۈرۈپ) قويۇلسا، ئۇنىڭغا مىكروب يۇقۇپ قالىدىغانلىقى سەۋەبلىك ھەر خىل كېسەل تارقىلىشقا تۈرتكە بولۇپ قالىدۇ.

17. ئالتۇن، كۈمۈش قاچىلاردا يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى ئۇ جەننەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قاچىسىدۇر. شۇڭا بۇ دۇنيادا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىسى بار كىشىلەر ئۆزىگە پەخىر قىلىپ، ساپال قاچىسى بار پېقىرلار ھەسرەتلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كۈمۈش قاچىدا ياكى ئالتۇن قاچىدا ئىچكەن ئادەمنىڭ قورسىقىدا دوزاخ ئوتى تۆگىنىڭ بۇقۇلدىغان ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقىرىپ تۇرىدۇ“.

18. يېمەك-ئىچمەكنى مۇمكىنقەدەر ئولتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش ياخشى ئىشتۇر. بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلۇم بىر كىشىنى ئۆرە تۇرۇپ(ئىچىملىك) ئىچىشتىن توستى“، قەتادا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”بىز ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ’يېيىش قانداق؟‘ دېسەك، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ’ئاشۇنداق يېيىش تېخىمۇ يامان ئىشتۇر‘ دېدى“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆرە تۇرۇپ(ئىچىملىك) ئىچمىسۇن، كىمكى ئۇنتۇپ قالسا ئىچكىنىنى ياندۇرۇۋەتسۇن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىسلەردىن يېمەك-ئىچمەكنى ئۆرە تۇرۇپ ياكى مېڭىپ كېتىۋېتىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق پىرىنسىپىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. لېكىن ئولتۇرۇش قولايسىز بولۇپ قالغاندا ئۆرە تۇرۇپ ياكى مېڭىپ كېتىۋېتىپ يېيىش، ئىچىش جائىزدۇر. بۇ ھەقتە ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەيسەرە نەززالىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ھەزرىتى ئەلى مەسچىتنىڭ سەيناسىغا كېلىپ ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچتى، ئاندىن مۇنداق دېدى: ’كىشىلەر ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشىنى يامان كۆرىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭا ئوخشاش ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكەنلىكىنى كۆرگەنىدىم‘ “(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”بىز رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىسىدا مېڭىپ تۇرغان ھالەتتە تاماق يەيتتۇق ۋە ئۆرە تۇرغان ھالەتتە سۇ ئىچەتتۇق“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). يەنە ئەمىر ئىبنى شۇئەيىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆرە تۇرۇپ ۋە ئولتۇرۇپ سۇ ئىچكەنلىكىنى كۆردۈم“ (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

19. كەچ كىرگەندە يېمەك-ئىچمەك بار قاچا، چېلەك ۋە كۇپ قاتارلىقلارنىڭ ئېغىزلىرىنى مەھكەم يېپىپ، ئۇنىڭغا تارقىلىشچانلىقى تېز بولغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”قاچىلارنى يېپىڭلار، تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى چىگىڭلار، ھەقىقەتەن بىر يىلنىڭ ئىچىدە ۋابا كېسەل چۈشىدىغان بىر كېچە باردۇر، (شۇ كېچىدە) يېپىلمىغان قاچا، چىگىلمىگەن تۇلۇم بار يەردىن ئۆتۈپ قالسىلا ئۇنىڭ ئىچىگە ئاشۇ ۋابا كېسەلدىن چۈشۈپ قالىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىستىن ئۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ قايسى كېچىدە تارقىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكى، جۈملىدىن يېمەك-ئىچمەك ساقلايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئېغىزىنى داۋاملىق يېپىپ تۇرۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.

20. بىر قانچە كىشىلەر مېھمان بولۇپ ئولتۇرغاندا قورسىقى تويغان بىر ئادەمنىڭ داستىخان كۆتۈرۈلمىگۈچە باشقىلارغا ئۆزرە ئېيتماي ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشى ياكى تاماقتىن توختاپ قولىنى ئېرتىۋېلىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى بۇنداق قىلىش تاماق يەۋاتقان كىشىلەرنى خىجىل قىلىپ، تاماقتىن توختاپ قېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھەر قاچان داستىخان قويۇلسا بىرەر ئادەم داستىخان كۆتۈرۈلمىگۈچە قوپۇپ كەتمىسۇن، (بىرەر ئادەم) ئۆزىنىڭ قولىنى، تويۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ جامائەت(تاماقتىن) بىكار بولمىغۇچە كۆتۈرۈۋالمىسۇن، (ئەگەر قوپۇپ كەتمەكچى ياكى قولىنى تاماقتىن توختاتماقچى بولسا) ئۆزرە ئېيتسۇن، (شۇنداق قىلمىسا) ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى خىجىل قىلىپ قويىدۇ، ئاندىن(ھەمراھى) قولىنى تاماققا موھتاج بولغان بولسىمۇ توختىتىۋالىدۇ“(ئىبنى ماجە، بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

21. تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن تاماقنىڭ دۇئاسىنى ئوقۇش مۇھىم سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتە سەھل ئىبنى مۇئاز ئىبنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى تاماق يېگەندىن كېيىن: ’ئەلھەمدۇلىللاھىللەزى ئەتئەمەنى ھەزەتتەئامە ۋە رەزەقەنىھى مىن غەيرى ھەۋلىن مىننى ۋەلا قۇۋۋەتتىن‘(مېنىڭ چارەمسىز ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمسىز ماڭا بۇ تاماقنى بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر) دېسە، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلىرىمىزنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئەدەپ -ئەخلاقلىرىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىدىغان قىلغاي، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2005-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش