تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > ئىسلام دىنى بىلىملىرى

«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-08 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى مۇھەررىر : ئىدرىس كۆرۈلۈش سانى :

«قۇرئان كەرىم» جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پاساھەتلىك ئەرەب تىلىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە دەۋەت ئېلىپ بارغان 23 يىل جەريانىدا ۋەھىي قىلىپ چۈشۈرۈلگەن كالامۇللاھ (ئاللاھنىڭ كالامى) دۇر. قۇرئان ئىنسانلارنى زالالەتتىن ھىدايەتكە، مۇشرىكلىقتىن بەرھەق بىر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان مۇقەددەس كىتاب. «قۇرئان كەرىم» دە جەمئىي 114 سۈرە بار بولۇپ، ئۇ سۈرە ”فاتىھە“دىن باشلىنىپ، سۈرە” ناس“ بىلەن تاماملىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ مۇقەددەس كىتابنى ئۆز دەرگاھىدا قوغدايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ ئېيتىدۇركى: ﴿ قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز ﴾{سۈرە”ھىجر“ (15-سۈرە)، 9-ئايەت}. شۇڭا، قۇرئان ھەرقانداق دەۋردە ئۆز ھەقىقىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدۇ.

(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

 
ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش