تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

ئىسلام دىنى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇ بىلىگ

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-07 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلار تورى مۇھەررىر : نىجات كۆرۈلۈش سانى :

مۇھەممەتجان ئىبراھىمجان

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» ئۆزىگە سىغدۇرغان ئىلاھىي ھېكمەت، تۈگىمەس – پۈتمەس ئىلىم – ئىرپان بىلەن بارلىق مۇسۇلمان ئالىملار، كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئەقلىگە ئەقىل، كۈچىگە كۈچ، ئىرادىسىگە جاسارەت بەخش ئېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات، سەھى ئىجتىھاتلىرىغا كەڭ يول، ئەخلاقى ئۈچۈن نۇرلۇق چىراغ بولۇپ، چەكسىز پەخىرلىنىش ۋە ئۇلۇغلىنىشقا مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى. چەكسىز ئالەمنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشى، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، تەقدىر – ئىرادە، تەبىئەت، جەمئىيەت ھەققىدىكى يۈكسەك ئىزدىنىشلەرگە كۈچلۈك نۇرلۇق چىراغ ۋە چەكسىز ئىلھام مەنبەسى بولدى. ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىدىغان، چۈشەنگەن ئالىملار ئۈچۈن بىلىم – ئىرپان مەنبەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئىزدىنىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرىگە ئىككى ئالەملىك يۈكسەك شان – شەرەپلەرنى بەردى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېتۈك ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» نىڭ پارلاق ئىلھامى ۋە ئۇلۇغ ئىزنىسى بىلەن، يۈكسەك ئىجتىھات بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە زور تۆھپە قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئالىملىق بۇرچىنى ئادا قىلغان، ئىسلامىيەتنىڭ ئۇلۇغ ئەھكاملىرىنى چىن ھەقىقەت بىلەن تەبلىغ قىلغان پارلاق ئابىدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەخمىنەن 1019 – يىلى قاراخانىيلار پايتەختى ئوردۇ كەنت – قەشقەر يېنىدىكى قۇرز ئوردۇ – بالاساغۇندا دۇنياغا كېلىپ، 1085 – يىلى قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ دۇنياغا مەشھۇر شاھ ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» «بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ساپ ئۇيغۇر تىلى، قەشقەر تىلى بىلەن يېزىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىتابنى قاراخانىيلارنىڭ خانى ئەبۇ ھەسەن سۇلايمان بۇغراخانغا تەقدىم قىلغان بولۇپ، خاس ئۇنىڭغا خاس ھاجىپ، يەنى مەخسۇس مەسلىھەتچى مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلغان. پۈتكۈل داستان 85 باب، 6654 بېيىت، 13 مىڭ 300 دىن ئارتۇق مىسرادىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مەسنەۋى (ئىككىلىك شەكىل)، ئارۇز ۋەزىننىڭ مۇتەقارىپ بەھىردە يېزىلغان. ئۇ ئەرەب – پارس تىللىرىنى پەقەت ناھايىتى چوڭ زۆرۈرىيەت ئاستىدىلا ئىشلەتكەن بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان. داستان ھەجمىنىڭ چوڭلۇقى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، بايان قىلىش شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن جاھان مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات – سەنئىتى ساھەسىدە مىسلىسىز كاتتا ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلارنىڭ ئىلىم – مەرىپەت راۋاج تاپقان، داڭلىق ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن مەدرىس – مەكتەپلىرىدە ئاجايىپ دانا پىكىرلىك، قابىل ئالىم – ئۆلىمالاردىن ئۇستاز تۇتۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىلمىي، ئەدەبىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغان. نۇرغۇن پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى پىششىق تەتقىق قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى قابىلىيىتى، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن؛ شۇنداقلا ئۇ قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت دىنى بولغان ئىسلام دىنىنىڭ پارلاق مۇھىتىدا تەربىيە ئېلىپ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدس شەرىفنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن؛ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرگەن، كامىل قابىلىيەتلىك ۋە ئەخلاقىي پەزىلەت جەھەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر شەرەپلىك بىر شەخسكە ئايلانغان. ئۇنىڭ ئەقىل – پاراسەت، بىلىم – مەلۇمات، ئەقىل – تەپەككۇرلىرىنىڭ يۈكسەك نامايەندىسى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىنى ھەقىقەت كۆزى، تارىخ ئەينەنلىكى بىلەن كۆرگەن، ئۆگەنگەن، چۈشەنگەن، ئۇنىڭ ھەربىر باب، ھەربىر بېيىت، ھەربىر مىسرادىن ئىبارەت باغۇ بوستان، گۈل – گۈلستانىغا قەدەم قويغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىكى ئىلىم – ھېكمەت، پەند – نەسىھەت ۋە ئىماننىڭ كۈچلۈك نۇرى، ھەقىقەتنىڭ جاراڭلىق ساداسىدىن ئالىمنىڭ ئۇلۇغ ۋە سائادەتمەن سېيماسىنى، يېتىشكەن پاك، مۆمىن مۇسۇلماننىڭ قىياپىتىنى كۆرگەندەك بولىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ يېگانە ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» نى ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئىزناسى ۋە يۈكسەك ئىلھامى بىلەن ئۆز ۋۇجۇدىدىكى مۇستەھكەم ئىسلام ئېتىقادىنى چىقىش قىلىپ يېزىپ چىققان بولۇپ، داستاننىڭ مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ تاكى خاتىمىسىغىچە بولغان ئۇزۇن مۇساپە جەريانىدا بارلىق مۇسۇلمان ئالىملار قوللىنىپ كەلگەن روھ ۋە ئەنئەنە ئادەتلەرنى قوللىنىپ، داستاننىڭ قۇرۇلما – ئۆلچەملىرىنى پۈتۈنلەي ئۇسۇلى ئىسلامغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان.

«قۇتادغۇ بىلىگ» داستانى شېئىر – نەزمە بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ھەدىس شەرىفتىكى سۆھبەتلەرنى ئەينەن كۆچۈرمە جۈملە شەكلى بىلەن ئېلىشقا مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئاجايىپ سۆز سەنئەتكارى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈستۈن تىل ماھارىتى، بەدىئىي تالانتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كالامى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆھبەتلىرىنىڭ روھىنى ئۇستىلىق بىلەن ناھايىتى مۇۋاپىق، دەل جايىدا ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. مۇنداق يېزىقچىلىق ئىستىلى ئالىمنىڭ مۇۋاپىق مۇسۇلمانلىق، سادىق مۆمىنلىك ئىمان ئېتىقادى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ۋە ئۇنىڭ شەكىل قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلغان.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر ئىش بىسمىللاھ بىلەن، ھەمدى بىلەن باشلانمىسا ئۇ ئىش مۇكەممەل بولماي قالىدۇ». يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇسۇلمان ئالىملارغا خاس پەزىلەت بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۇسۇلى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئاساسىي نۇقتىسى «قۇرئان كەرىم» دىكى باشلانما ئايەت «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم»، يەنى «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن ئايەت بلەن باشلىغان. پۈتكۈل باب 33 بېيت، 66 مىسرا بولپ، خۇددى ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ «سۇبھان ئاللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دىن ئىبارەت تەسبىھى 33 قېتىمدىن ئېيتقان ئۆلچەم بويىچە ئاللاھقا چىن كۆڭۈل، سەمىمىي نىيەت بىلەن ھەمدۇسانا ئېيتقان. ئۇ ئاللاھنى ئەزىزلەپ ۋە ئۇلۇغلاپ ئاللاھنى پۈتكۈل ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى، ياراتقۇچىسى، پادىشاھى، پۈتكۈل مەخلۇقات ۋە مەۋجۇدات ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ۋە تەسەررۇپىدا دەپ قىلچە مۈجىمەللەشمىگەن، دۇدۇقلىمىغان ھالدا قايتا – قايتا مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئاللاھ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر، بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا <ۋۇجۇدقا كەل> دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

-سۈرە «بەقەرە» (2 – سۈرە)، 117 – ئايەت

خۇدا ئاتى بىرلە سۆزۈم باشلىدىم،

تۆرەلتكەن، ئۆستۈرگەن، كەچۈرگەن ئىزىم.

(1 – بېيت)

تولا مەدھى بىرلە تۈمەنمىڭ سەنا،

قادىر بىر خۇداغا، ئاڭا يوق پەنا.

(2 – بېيىت)

قوڭۇر يەر، يېشىل كۆك، كۈن، ئاي بىرلە تۈن،

ياراتتى زامان، ۋاقىت، مەخلۇق ۋە كۈن.

(3 – بېيت)

ئۇ خالاپ ياراتتى، يارالدى پۈتۈن،

ئۇ بىرلا دېدى «بول»، بار ئولدى پۈتۈن.

(4 – بېيت)

بۇ بارچە يارالغان موھتاجدۇر ئاڭا،

ئىگەم سەن بىھاقەت، يوق ھەمراھ ساڭا.

(5 – بېيت)

ئەي قادىر ۋە مەڭگۈ بىھاجەت بايات،

سېنىڭدىن بۆلەككە ياراشماس بۇ ئات.

(6 – بېيت)

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، (ئاللاھ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇر)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.

-سۈرە «ھەدىد» (57 – سۈرە)، 3 – ئايەت

ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇرنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق مىسرالار بىلەن ئىپادىلەيدۇ:

ئىچۇ تاش بىلۇچى، ئەي ھەققۇليەقىن،

كۆزۈمدىن يىراقسەن، كۆڭۈلگە يېقىن.

(11 – بېيت)

ئۇ يۈرمەس، ئۇ ياتماس، ئويغاق، ئۇخلىماس،

ئۇنىڭدىن يىراقتۇر تەسەۋۋۇر – قىياس.

(17 – بېيت)

ئورۇن ئول ياراتتى، ئورۇن يوق ئاڭا،

ئۇنىڭسىز ئورۇن يوق، ئىشەنگىن بۇڭا.

(19 – بېيت)

ئايا ھەققە پۈتكەن، ئاچ ھەمدىگە تىل،

دىلىڭ پۈتسە شەكسىز، يۇرۇتمە ئەقىل.

(25 – بېيت)

ئۇ قانداق دېمەكتىن كۆڭۈلنى كۈزەت،

پۈتۈپ بارلىقىغا ئاسايىشقا يەت.

(26 – بېيت)

نىچۈك، قانچە دەپ يۈرمە، تۇتقىن ئۆزۈڭ،

نىچۈك، قانچىسىز بىل، ئۇزارتما سۆزۈڭ.

(27 – بېيت)

داستاننىڭ مۇقەددىمىسىلا ئەمەس، بەلكى باشقا بابلارنىڭ بېشى ۋە ئاخىرلىرىدا داۋاملىق ھالدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش، ئاللاھدىن مەدەت ۋە ياردەم تىلەش، قىلغان سۆز – ھەرىكەتلىرىدىكى سەھۋە – خاتالىقلارغا مەغپىرەت تىلەشتەك بىر مۇسۇلماننىڭ سەمىمىي، قىزغىن كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدۇ.

داستاننىڭ ئىككىنچى بابى ئۇسۇلى ئىسلام بويىچە نەبۇۋەت، يەنى پەيغەمبەرلەرگە ھۆرمەت – ئېھتىرامنى مەزمۇن قىلغان ماۋزۇسى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدھىيەسى بايانىدا» بولۇپ، 15 بېيت، 30 مىسرا ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سالام ۋە دۇرۇد ئېيتىلغان:

ئەۋەتتى رەسۇلنى رەھىملىك ئىگەم،

كىشى ياخشىسى، تاللىنىلغىنى ھەم.

(34 – بېيت)

چىراغ ئىدى خەلققە قاراڭغۇ تۈنى،

يورۇقلۇقنى چاچتى، يورۇتتى سېنى.

(35 – بېيت)

خۇدادىن دەۋەتچى ئىدى ئۇ ساڭا،

يىگىت، توغرا بىر يولنى تاپتىڭ، شۇڭا.

(36 – بېيت)

ئۇنىڭ مەن يولىغا كۆڭۈل باغلىدىم،

ئىشەندىم، سۆيۈپ ھەم سۆزىن ئاڭلىدىم.

(46 – بېيت)

داستاننىڭ قالغان قىسىملىرىنىڭ مۇۋاپىق جايلىرىدا يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى، سۆھبەتلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، قىزغىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىنغان.

ئۈچىنچى باب «تۆت ساھابىنىڭ مەدھىيەسى بايانىدا» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىن ساھابىلىرىدىن بولغان چاھاريارلار – ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر پارۇق، ئوسمان زەينۇرەيىن، ھەزرىتى ئەلى قاتارلىقلارغا ئاتاپ 14 بېيت، 28 مىسرا قاتارلىق قىزغىن سالام ۋە ھۆرمەت بىلدۈرگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستاننىڭ ئاۋۋالقى ئۈچ بابىدا 62 بېيت، 124 مىسرادا بىر مۇسۇلمان شائىرنىڭ بەجا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىپتىدا سۆزىگە ئورۇن بەرگەن. داستاننىڭ مۇنداق ئايرىم بابلىرىدىن باشقا بابلىرىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشلىرىدا ئالدى بىلەن ئاللاھقا سېغىنىش، پەيغەمبەرلەرگە سالام – دۇرۇت، چاھاريارلارغا ھۆرمەت مۇھىم تەشكىلىي قىسىم قىلىنغان بولپ، بۇنداق كومپوزىتسىيەلىك تەشكىلىي قۇرۇلما نوقۇل ھالدىكى ئەنئەنە، ئۇسلۇب، يېزىقچىلىق ئادىتى بولۇپ قالماي، بەلكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى مۇستەھكەم بولغان مۆمىن مۇسۇلمان ئالىم، مۇسۇلمان شائىر ئىكەنلىكىنى روشەن ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.

ھەرقانداق بىر تارىخىي دەۋردىكى ئالىم ۋە ئىجادىيەتچىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، ئىدىيە پەلسەپىلىرى ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى، ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نامايەندىلىرى بولغان ئەسەرلىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. 11 – ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەشھۇر مۇسۇلمان ئالىم. ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى، ئىلىم پەلسەپىسى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئىسلامىي دۇنيا قاراش ۋە ئىسلامىي پەلسەپە. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» تە كەڭ ساھە، نۇرغۇن مەسىلىلەر، جۈملىدىن مۇھىم قانۇنىيەتلەر، مۇكەممەل پەلسەپىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ بېيت – نەزمىلىرىدە ئۆزىنىڭ ئاساسىي كۆز قارىشى ۋە ئىمان – ئېتىقادىغا ماس كەلمەيدىغان، يەنى ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى، پۈتكۈل ئالەمنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقى، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئاللاھنىڭ تەسەررۇپىدا ئىكەنلىكىگە زىت ياكى مۈجىمەل بولغان ئىدىيە – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۈجىمەللىك ۋە شۈبھىگە قەتئىي ئورۇن قالدۇرمىغان. مۇنداق قىلچە مۈجىمەللىك بولمىغان مۇستەھكەم دۇنيا قاراش ۋە ئاساسىي ئىدىيە پۈتكۈل داستاننىڭ ھەربىر باب، ھەربىر قىسىملىرىغا باشتىن – ئاخىر سىڭگەن بولۇپ، داستاندا چاقناپ تۇرغان پارلاق ئەقىل، پارلاق ئىماننىڭ ئالتۇن نۇرى ئۇنى تېخىمۇ يۈكسەك مەرتىۋە، ئۇلۇغ شان – شەرەپ، قەلبلەرنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، ئاللاھ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى، (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى. قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەدى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق.

-سۈرە «ئەنئام» (6 – سۈرە) 96-97 – ئايەتلەر)

ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە (ۋاقىتلارنىڭ) ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايغا مەنزىللەرنى (يەنى بۇرجلارنى) تەيىن قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق (بەلكى بۈيۈك ھېكمەت ۋە زور پايدىلىق ئۈچۈن ياراتتى)، ئاللاھ ئايەتلىرىنى (قۇدرىتى ئىلاھىنى) بىلىدىغان (ۋە ھېكمەتنى پىكىر قىلىدىغان) قوۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندا ۋە كەڭ زېمىندا ياراتقان شەيئىيلەردە (ئاللاھتىن) قورقىدىغان قوۋم ئۈچۈن ھەقىقەەتەن (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.

-سۈرە «يۇنۇس» (10 – سۈرە)، 5 – 6 – ئايەتلەر

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ بەشىنچى بابى «يەتتە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرج بايانىدا» ئۇ ئىسلام ئېتىقادىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئالىملارغا خاس پىكىر يۈرگۈزىدۇ. يەنى قۇياش بىلەن ئاينىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەت، ئاللاھنىڭ: «بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق» [سۈرە «ساففات» (37 – سۈرە)، 6 – ئايەت] دېگەن سۆزى ۋە «ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇق كۆرەمسەن» [سۈرە «مۇلىك» (67 – سۈرە)، 3-ئايەت] دېگەن سۆزى ھەققىدە پاك قەلبى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، 24 بېيت، 48 مىسرا ئارقىلىق گۈزەل مەنزىرىلەرنى سىزىدۇ. بۇ رەسىمدە ئاسمان كۆكىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ نامى، ئۇلارنىڭ بىپايان كۆكتىكى ئورنى، پەسىل، ۋاقىت ئۆزگىرىشلىرى ئاجايىپ ئوخشىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دانىشمەن مۇنەججىم – ئاسترونوم زاتىنىڭ قىياپىتىنى نامايان بولىدۇ. بۇ بابتا بىر قىسىم يۇلتۇزلارنىڭ دەۋرلىكى ھەققىدە خېلىلا ئېنىق مەلۇمات بېرىلىدۇ. ئاددىي قوراللار، ئىنسان كۆزى بىلەن بىپايان كائىناتقا نەزەر سېلىپ ئېرىشىلگەن مۇنداق مەلۇمات ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىدىغان زامانىۋى قوراللار تۈگۈل، ھەتتا گالىلىينىڭ تۇنجى تېلېسكوپىدىن 6 – 7 يۈز يىل مۇقەددەم نەچچە يۈز مىڭ كىلومېتىر يىراقتىدىكى سەييارىلەرنىڭ ئورنىنى دەل ھېسابلاپ چىقىش بولۇپ، ھازىرقى زامان ھېسابلاش ئىلمىدا ھېسابلانغىنى بىلەن خاتالىق پەرقى چوڭ ئەمەس. بۇ زامان ھېسابلاش ئىلمىدا ھېسابلانغىنى بىلەن خاتالىق پەرقى چوڭ ئەمەس. بۇ پەقەت ساپ ئەقىلنىڭ قۇدرىتى، ھېسابلاش ئىلمىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن بولغان. تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدە ھېسابلاش ئىلمى – ئالگېبرا، گىئومېتىرىيە (ھىندەسە) ۋە ماتېماتىكا ئانالىز قاتارلىق ساھەلەر خېلىلا تەرەققىي قىلغان ۋە ئۇلار بىر ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگەن ھەم چوڭ مەدرىسلەردە ئوقۇلىدىغان دەرسلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنداقلائىلمىي نۇجۇم يۇلتۇزلارنى تۈركۈملەرگە ئايرىپ، ئۇلاردىن يىل – پەسىل قاتارلىقلارنى تولۇق ھېسابلاپ چىققان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستاندا يەتتە يۇلتۇزنىڭ تىزىلىشىنى قىزىقارلىق قىلىپ تەسۋىرلەنگەن:

قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىدا سەكەنتىر (ساتورىن) بولۇپ، بىر بۇرجىدا ئىككى يىل، سەككىز ئاي تۇرىدۇ. ئىككىنچى قاتاردا ئوڭاي (يۇپىتېر) بولۇپ، بىر بۇرجىدا 12 ئاي تۇرىدۇ. ئۈچىنچىسى كۇرۇد (مارس) بولۇپ، ئۇ ئاپەت – ئوت يۇلتۇزى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆتىنچىسى، ياشىق (قۇياش) بولۇپ، ئۇ خۇشاللىق يۇلتۇزى دەپ ئاتىلىدۇ. بەشىنچىسى، سەۋىت (ۋېنېرا) يۇلتۇزى بولۇپ، ئۇ زۆھە يۇلتۇزى ياكى چولپان يۇلتۇزى دېيىلىدۇ. ئالتىنچىسى، ئارزۇ (مېركورى) بولۇپ، ئۇ بەخت يۇلتۇزى دېيىلىدۇ. يەتتىنچىسى، يالچىق (ئاي) بولۇپ، ئۇ تولۇن، غەيرىي تولۇن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. داستاندا تەسۋىرلەنگەن 12 بۇرج (ئۈكەك) مۇنداق ئىپادىلەنگەن: ئۇلار قوزى (ھەمەل)، ئۇي (سەۋر)، ئەرەندىز (جەۋزا)، قۇچى (سەراتان)، ئارسلان (ئەسەد)، بۇغداي بېشى (سۇمبۇلە)، ئۈلگۇ (مىزان)، چايان (ئەقرەب)، يا (قەۋس)، ئوغلاق (جەدى)، سوغا (كونەك، دەلۋە)، بېلىق (ھۇت) تىن ئىبارەت. 12 بۇرج يۇلتۇزلار تۈركۈمى تۆت پەسىلدە ئۈچتىن كۆرۈنۈپ، پەسىل ئالامەتلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ ھەمەل، سەۋر، جەۋزا يۇلتۇزلىرىنى باھارلىق؛ سەرەتان، ئەسەد، سۇمبۇلە يۇلتۇزلىرىنى يازلىق؛ مىزان، ئەقرەب، قەۋس يۇلتۇزلىرىنى كۈزگى؛ جەدى، دەلۋە، ھۇت يۇلتۇزلىرىنى قىشقى يۇلتۇزلار تۈركۈمى دەپ قارىغان ھەمدە بىپايان ئاسماندىكى بىر قىسىم يۇلتۇزلارنىڭ ناملىرىنىمۇ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئالەمدىكى يۇلتۇزلار ھەمدە ئۇلار ھەققىدىكى ھېسابلاشلىرى ھازىرقى زامان يۇلتۇز ئىلمى – ئاسترونومىيەدىكى ئىلمىي ھېسابلاش ۋە پەرەزلەرگە تامامەن ئۇيغۇن. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ يۇلتۇزلارنىڭ ناملىرىنى پۈتۈنلەي نام بىلەن ئاتىغان. داستاندا مۇنداق يېزىلىدۇ:

ياراتتى پەلەك، كۆر، دائىم ئايلىنۇر،

ھايات ھەم ئۇ بىرلە تىنماي چۆرگىلۇر.

(126 – بېيت)

ھازىرقى زامان ئىلىملىرى ئىسپاتلاپ چىقتىكى، ھايات مېتابولىزىمى (ماددا ئالمىشىش) يەر شارىنىڭ ئايلىنىش ۋاقتى بىلەن توغرا تاناسىپ بولىدۇ، يەنى پەلەكنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھاياتلىق ۋە ماددا ئالمىشىش ماس قەدەمدە بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» دىكى ئاللاھنىڭ ھاياتلىق ۋە دۇنيا ھەققىدىكى ئۇلۇغ كالاملىرىدىن ئىلھاملىنىپ، 1000 يىل مۇقەددەم ئالەم بىلەن ھاياتلىق ھەققىدىكى پەلسەپىۋى ۋە ئىلمىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرقى زامان ئالەم ئىلمى ۋە ئالەم تەتقىقاتى بۇ قاراشنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ياراتتى يېشىل كۆكتە يۇلتۇزنى ئۇ،

ياراتتى قاراتۈن ۋە كۈندۈزنى ئۇ.

(127 – بېيت)

كۆكتىكى يۇلتۇزلار بەزىسى بېزەك،

يول باشلار بەزىسى، بەزىسى يەزەك.

(128 –بېيت)

تۆتىنچى قۇياشتۇر يورۇتار جاھان،

يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان.

(134 – بېيت)

بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالچىق تۇرار،

قۇياشقا ئۇدۇل باقسا، تولۇن بولار.

(137 – بېيت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا ناھايىتى روشەن ۋە ئوچۇق پىكىرلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە مۇناسىپ ھالدا ئەينى زاماندىكى مۇسۇلمان ئالخىمىيە ئالىملىرى، مېدىتسىنا – تېبابەت ھەكىملىرىنىڭ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان ۋە راۋاجلادۇرۇلۇپ، ئىلمىي ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگەن «تۆت زات» (تۆت تادۇ) ئاناسىر – ئابى، ئاتەش، بادى، خاك يەنى سۇ، ئوت، شامال ۋە تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت ماددا ھەمدە تېبابەتتىكى تۆت خىلىت، يەنى قان، سەپرا، سەۋدا، بەلغەم ۋە ئىنسان مىجەزىدىكى ھۆل، قۇرۇق، ئىسسىق، سوغۇق قاتارلىق مىجەز، ئىنسان ھاياتىدىكى بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك (ياشلىق)، ئوتتۇرا ياشلىق، قېرىلىقتىن ئىبارەت تۆت مەزگىل ھەققىدە توختىلىپ، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:

ئۈچى سۇ، ئۈچى يەل، ئۈچى بولدى ئوت،

ئۈچ تۇپراق، بۇلاردىن دۇنيا ۋۇجۇت.

(143 – بېيت)

يېغىدۇر بۇلارنىڭ بىرىگە بىرى،

قويۇپ ياۋغا ياۋ، قىلدى جەڭنى نېرى.

(144 – بېيت)

ئۇرۇشماس بۇ ياۋلار، ياراشقان ئۈچۈن،

كۈرەشمەس بۇ ياۋلار كۆتۈرگەچ ئۈچۈن.

(145 – بېيت)

يېتىشلىك ئىلاھىم سېلىپ ئىزغا ئۇز،

ياراتتى ئۇلارنى، ياراشتۇردى تۇز.

(146 – بېيت)

تېگىدۇر قوڭۇر يەر بىلەن يېشىل سۇ،

ئۈستى سۈپسۈزۈك يەل بىلەن ئوتتۇر ئۇ.

(3725 – بېيت)

قۇرۇق، ھۆل بىلەن بۇ ئىسسىق، سوغۇقنى،

ياراشتۇردى، بەدى خەلققە رىزىقنى.

(3726 – بېيت)

مىجەزىڭنى ئېيتاي ئوچۇق ساڭا بىل،

سېرىق، ئاق، قارادۇر ۋە ياكى قىزىل.

(4632 – بېيت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىدا پۈتكۈل كائىناتنى، ئاسمان سەييارىلىرىنى، ھاياتلىقنى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇنداق سەھىپە ئاجرىتىشى ئۆز داستانى ئۈچۈن گۈزەل مەنزىرىلەرنى سىزىپ كۆرسىتىش ياكى تەسۋىرىي يول بىلەن سۆز ئويۇنى قىلىش بولماستىن، بەلكى بىر ئۇلۇغ ئىلاھىي ھېكمەت، ئاللاھنىڭ يەنە بىر ئۇلۇغ ئىجادىيىتى بولغان پۈتكۈل تەبىئەت، ئۇنىڭدىكى ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن زور پايدىلىق بولغان تەرەپلەر، روشەن ئالامەت ۋە پاكىتلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش، ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن قايىل بولۇش، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە، ئىنسان ئۈچۈن بەرگەن رەھمەت ۋە نېمەتلىرىگە چوڭقۇر تەشەككۇر بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمگىكى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» تىن ئىبارەت بۇ سەلتەنەتلىك ئىمارەتنى ھەيۋەتلىك تۆت تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرغان. بۇ غايەت زور تۈۋرۈك ئەدلى، ئىلىم، ئەقىل ۋە سەۋردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئەۋۋەلقى ئىككىسى بولغان ئەدلى بىلىم بىلەن ئىلىم ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ زات سۈپەتلىرى بولۇپ، ئەدلى – ئادالەت، ئىلىم – ھېكمەت ئاللاھقا مەنسۇپ. كېيىنكى ئىككىسى بولغان ئەقىل بىلەن سەۋر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بەرگەن سۈپەتلىرى بولۇپ، ئەقىل – پاراسەت، سەۋر – قانائەت ئىنسانغا مەنسۇپ. پۈتكۈل مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى، ئىنساننىڭ خەلق ئېتىلىشى، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆلچەملىك ۋە قانۇنلۇق بولۇشى، ئۇنىڭدىكى مۆجىزە – سىر ھېكمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئادالتى ۋە ئىلىم – ھېكمىتىدىن بولغان. ئىنسان ئاللاھ بەرگەن ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئاللاھنىڭ ئەدلى – ئادالىتى، ئىلىم – ھېكمەتلىرىنى، ئاللاھ بىلدۈرۈشكە ئىرادە قىلغان شەيئىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ماھىيەتلىرىنى تونۇيدۇ، ئاللاھقا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن قۇلچىلىق ۋە ئىبادەت قىلىدۇ، يەنى ئاللاھنىڭ ئەدلدىن قورقۇپ، پەزلىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ، ئىككى ئالەملىك بەخت – سائادەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇلۇغ سۆز سەنئەتكارى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەدەبىياتنىڭ مەجازى ۋاسىتىلىرى، ئوبرازلىق تەپەككۇر شەكلى بىلەن بۇ تۆت سۈپەتنى تۆت زات – تۆت پېرسۇناژ قىياپىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا نامايان قىلىپ، ھېكايە شەكلى بىلەن ئۇلۇغ ئىسلامىي ھەقىقەتنى مۇكەممەل شەرھلەپ بەرگەن. ئۇ ئەدلى – ئادالەتكە ئۇلۇغ پادىشاھنى تەمسىل قىلغان، ئۇنىڭ ئىسمى كۈنتۇغدى ئىلىك؛ ئىلىم – ھېكمەتكە ۋەزىر تەمسىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئايتولدى؛ ئەقىل – پاراسەتكە ۋەزىرنىڭ ئوغلى تەمسىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئۆگدۈلمىش؛ سەۋر ۋە قانائەتكە ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى تەمسىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئودغۇرمىش دەپ ئاتالغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ ھەربىر بۆلەك، ھەرقايسى بابلىرىدا ئۆزىنىڭ ھېسابسىز باي تەپەككۇرى بىلەن ئۆز قەلبىدىكى ئۇلۇغ ئىمان – ئېتىقاد، تەسەۋۋۇرلىرىنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، كىتاب مەزمۇنىنى يۇقىرىقى تۆت سۈپەت قىياپىتىدىكى تۆت زات – تۆت پېرسۇناژ ئەتراپىدا تەرتىپلىك ھالدا دەۋر قىلدۇرىدۇ. داستاندىكى ۋەقەلىك – داستان سيۇژىتى باشتىن – ئاخىر مۇشۇ تۆت شەخس ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك سوئال – جاۋاب، مۇنازىرە ئارقىلىق راۋاجلىنىپ بارىدۇ. مۇشۇ مۇنازىرە جەريانىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ تەشۋىق قىلماقچى بولغان دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى قانۇن، بىلىم، ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە باشقۇرۇش ھەققىدىكى ئۇلۇغ ئىسلامىي ئەقىدىگە خاس غايە ۋە قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بىلىم – ھېكمەت ۋە ئەخلاقنى پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. بىلىمگە ئىگە بولغاندا ئادالەتنى جارى قىلدۇرغىلى، قانۇنغا ئەمەل قىلىپ ئۇنى يۈرگۈزگىلى، قالايمىقانچىلىق، نەپسانىيەتچىلىك، جىنايەتنى چەكلىگىلى، خەلقنى، دۆلەتنى ھەقىقىي بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. بىلىمگە سەل قاراش قانۇن، ئادالەت، ئەخلاق – پەزىلەت، بەخت – سائادەتنىڭ ئاساسىنى ۋەيران قىلغانلىق بىلەن باراۋەر دەپ ھېسابلايدۇ.

مەشھۇر دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئىمان – ئېتىقادىغا مۇناسىپ ھالدا ئۆزىنىڭ دۆلەت، قانۇن ۋە ئادالەت ھەققىدىكى دادىل تەسەۋۋۇر، ئىلمىي تەشەببۇسلىرىنى شېئىر – نەزمىسى بىلەن داستان شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ غايىۋى دۆلەت تەسەۋۋۇرى دېموكراتىك خاراكتېرگە ئىگە دۆلەت فورمىسى بولۇپ، قانۇن بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەر بولۇش، ئادالەت، ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىش دەپ قارايدىغان ئىدىيە ئۆزىنىڭ تارىخىي ئورنى، تارىخىي شارائىتى بولغان 1000 يىل مۇقەددەم ئۆتكەن خاقانىيە دەۋرى ئېتىبارى بىلەن يۈكسەك ئىلغارلىق ۋە تەرەققىيپەرۋەرلىككە ئىگە. بۇنداق شانلىق نامايەندە ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارنى، قانۇنشۇناسلارنى ئاجايىپ ھەيرەتتە قالدۇردى. ئۇلار بىردەك: «بۇ ئاجايىپ يۈكسەك تارىخىي نامايەندە، ئۇلۇغ تۆھپە» دەپ ھېسابلىدى.

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن چۈشۈردۇق ۋە ئۇلار بىلەن ئىنسانلارنى ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق.

-سۈرە «ھەدىد» (57 – سۈرە)، 25 – ئايەت

«قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا ئادالەتنىڭ سۈپەتلىرى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:

ئېلى بولدى باي، يۇرتنى تۈزگەچ خاقان،

بۆرە، قوي سۇ ئىچتى بىر جايدا شۇئان.

(449 – بېيت)

قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن،

ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ كىشىن.

(809 – بېيت)

ئادالەت ئۈستىدە بۇ بەگلىك ئۇلى،

بۇ بەگلىك ئاساسى ئادالەت يولى.

(821 – بېيت)

ئۆزى ياخشى بولسا بۇ بەگلەر ئەگەر،

بېيىپ ھەممە خەلقى جاھان تۈزىلەر.

(895 – بېيت)

ئىككى نەرسە ئەلگە باغ، ئاچقۇچى ئۆزى،

ھوشيارلىق ۋە قانۇن ئەلنىڭ يىلتىزى.

(2015 – بېيت)

زۇلۇم – ئوت، يېقىنلاشسا، ئۇ كۆيدۈرەر،

قانۇن – سۇ، ئۇ ئاقسا، نېمەتلەر ئۈنەر.

(2032 – بېيتت)

ئەل ئارتار قانۇن بىرلە، تۈزىلۇر جاھان،

زۇلۇم بىرلە كېمىيىپ ئەل، بۇزۇلار جاھان.

(2034 – بېيت)

تۈزەپ بەگ كۆڭلىنى يورۇتسە قانۇن،

بۇ بەگلىك بۇزۇلماس، تۇرار بەك ئۇزۇن.

(2036 – بېيت)

قانۇن سۇ كەبىدۇر، زۇلۇم – ئوت، بالا،

ئېقىتتىڭ سۈزۈك سۇ، ئۆچتى ئوت مانا.

(3017 – بېيت)

ئادىل قانۇن كۆككە بىر تۈۋرۈك ئېرۇر،

ئۇ قانۇن بۇزۇلسا، ئاسمان يىقىلۇر.

(3463 – بېيت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىملىك، دانىشمەن پادىشاھلار، ئۇلارنىڭ لاياقەتلىك خادىملىرى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى باي قىلىشنىڭ ئاساسىي قورالى، ئادالەتلىك قانۇن ئۇنى جارى قىلدۇرغۇچىلارنىڭ بىلىمى، ئەقلى ۋە ئىمان – ئېتىقادىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ قاراپ، مۇنداق سۆز ئويۇنىنى كەلتۈرىدۇ:

بەگ ئاتى بىلىك بىرلە باغلىق تۇرۇر،

بىلىك «لامى» كەتسە، بەگ ئاتى قالۇر.

(1953 – بېيت)

ئەمەلدارلارنىڭ قابىلىيىتى ۋە بىلىمى خەلقنىڭ تىنچ – ئامان، خاتىرجەم، ئاسايىشلىق زامان ئاستىدا ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئادالەتنى، ئىنساننىڭ ئاللاھ بەرگەن ھەق – ھوقۇقلىرىنى قانۇن قوغدىمىسا، خەلقنىڭ پاراۋان تۇرمۇشى، بەخت – سائادىتى ھەرگىز كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ دەپ قاراپ مۇنداق چاقىرىق قىلىدۇ:

بىرى، توغرا قانۇننى خەلقىڭگە بەر،

بىرىنى بىرى ئەزمەكنى ئەلدىن كۆتەر.

(5576 – بېيت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەلنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش دەپ قارايدىغان جەمئىيەت تەلىپى 11 -، 12 – ئەسىردەك فېئوداللىق جاھالەت ھۆكۈم سۈرگەن، «خاننىڭ دېگىنى – قانۇن» دەپ قارايدىغان مۇستەبىت، زالىم سىياسەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىلغار، دېموكراتىك پىكىر ئېقىمى بولۇپ، ئۇنى ئالاھىدە مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدۇ. داستاندا ئادالەتنى، ياخشىلىق، باراۋەرلىك، ئادىمىگەرچىلىكنى ئاساس قىلغان خانلار قىزغىن مەدھىيەلەنگەن، ئاچكۆز، زالىم، مۇستەبىت، فىرئەۋن، زاھھاكتەك شاھلار «قۇرئان كەرىم» نىڭ روھى بويىچە قاتتىق قامچىلىنىپ، ئۇلارغا لەنەت – نەپرەت بىلدۈرۈلگەن. مۇنداق ئىككى خىل پوزىتسىيە ئەينى تارىخىي شارائىت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاجايىپ جاسارەت ۋە قەھرىمانلىق روھىغا ئىگە. داستاندا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ كىشى قەلبىنى زىل – زىلىگە سالىدىغان مۇنازىرە ۋە كەسكىن پىكىرلەردە ئەكس ئەتكەن دۆلەت ۋە ھوقۇق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ئادالەت ھەققىدىكى ئېنىق كۆز قاراش يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پاك ئىمان – ئېتىقادى، مۇستەھكەم ئەقىدىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇ خىل تەلەپ ۋە تەشەببۇس ئالىمنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئىلمىي پەلسەپىسىنىڭ مۇقەررەر لوگىكىسى.

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى، ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.

-سۈرە «ئەلەق» (96 – سۈرە)، 1-4 – ئايەتلەر

«مېھرىبان ئاللاھ قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى ھېپزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى). ئىنساننى ياراتتى. ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى.

-سۈرە «رەھمان» (55 – سۈرە)، 1 – 4 – ئايەتلەر

ئاللاھ «قۇرئان كەرىم» دە «ئوقۇغىن» دەپ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلدى. ئوقۇش ۋە بىلىشنى بارلىق ئىنسان بالىسىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى ۋە مۇقەددەس ھوقۇقى قىلىپ بەلگىلىدى. دانىشمەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» دىكى ئىلاھىي ھۆكۈمنى رەھنامە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئىلھام ۋە ئىزنىسى بويىچە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىش ۋە چوڭقۇر تەپەككۇرنىڭ شەرەپلىك مېۋىسى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا ناھايىتى كۆپ سەھىپە ئاجرىتىپ ئوقۇشنى، بىلىم ئىگىلەپ بىلىملىك بولۇشنىڭ ئىنتايىن شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلدى. ئەقىل – پاراسەت ۋە بىلىمنى ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ تۈپكى پەرقى دەپ قاراپ، ئىلىمغا يۈكسەك باھا بەردى. بۇ خىل قاراش كىشىلىك جەمئىيەەتتە قىممىتى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان بىر ھەقىقەتنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇ، ئاللاھ ئىنساننى ياراتتى، ئۇنىڭغا ئۆز پەزلىدىن ئەقىل – ئىدراك بەردى، شەيئىيلەرنىڭ ناملىرىنى بىلدۈردى، ئۇنى سۆزلەشكە لايىق قىلدى، بىلىملىك قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا بىلىمنىڭ ئەڭ گۈزەل گۈلتاجى بولغان ئىنسانىي خىسلەت، ياخشى ئەدەپ – ئەخلاق بەردى. مۇشۇ بىلىم ۋە ئەخلاق بىلەن ئىنسان بالىسى بۇ ئالەمدىمۇ، ئۇ ئالەمدىمۇ بەختلىك ۋە يۈزى يورۇق بولىدۇ، دەپ قارىدۇ.

ئەقىل قايدا بولسا، ئۇلۇغلۇق بولۇر،

بىلىم كىمدە بولسا، بۈيۈكلۈك تاپۇر.

(154 – بېيت)

ئەقىللىق ئۇقار ئول، بىلىملىك بىلۇر،

بىلىملىك، ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر.

(155 – بېيت)

كىشىگە ئېرۇر كۆپ بىلىم پايدىسى،

بىلىم بىلسە ئىنسان ئەزىز بولغۇسى.

(160 – بېيت)

ئەقىللىق تىرىكتۇر، ئەقىلسىز ئۆلۈك،

ئەقىل ئەرنى ئايرۇر، شۇ خىل تەڭ بۆلۈك.

(1839 – بېيت)

كىشى تۈن كەبى بىر قاراڭغۇ ئۆيدۇر،

ئەقىل بىر چىراغتەك ئۇنى يورۇتۇر.

(1840 – بېيت)

بىلىم ئىگىلەشنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇ يالغۇز دىنىي بىلىم بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى كەڭ دائىرىنى يەنى تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ تۈرلۈك قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ھەمدە ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسىغا دائىر مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان مۇشۇ ساھەلەردىكى ئىزدىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىمى، ئەقلى ۋە تەپەككۇرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ماھارەت ۋە قابىلىيىتىنى، تىزگىنلەش، پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ، ئاللاھ ياراتقان، ئىنسان ئۈچۈن پايدىلىق بولغان مۆجىزىلەردىن بەھرىمەن بولۇش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە تونۇش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ ئىنساننى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىشىدىكى ئىلاھىي ھېكمەتنى چۈشىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ نۇرغۇن ئىلمىي مەسىلىلەر، مۇرەككەپ پەنلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئىلىم – پەننى دۆلەتنى باشقۇرۇشنىڭ كۈچلۈك قورالى، تىرىكچىلىكنىڭ ۋاسىتىسى، دىننى ھىمايەقىلىش، ئۆزىنىڭ ئىمان – ئېتىقادىنى قوغداش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى دەپ خۇلاسە قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالىم بولغىن ياكى ئۆگەنگۈچى بولغىن، ئاڭلىغۇچى بولغىن ياكى بىلىم ئاشىقى بولغىن، بەشىنچىسى بولمىغىن، مۇنداق بولساڭ ھالاك بولىسەن» (تەبرانى توپلىغان).

«قۇتادغۇ بىلىگ» تە مۇنداق يېزىلغان:

بۇ ئىككى خىل ئىنسان كىشى ئاتىلۇر،

بىرى ئۆرگىتوچى، بىرى ئۆرگىنۇر.

(3217 – بېيت)

ئىككىدىن بۆلەكنى سەن يىلقى سانا،

يا ئۇ بول، يا بۇ بول، تاللاپ ئال مانا.

(3218 – بېيت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئومۇمىي خەلق مائارىپى ئىدىيەسى يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ روھىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىتىشنىڭ ئىنتايىن ياخشى پەزىلەت، بولۇپمۇ بىر مۆمىن مۇسۇلمانكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھەم ئۆزىمۇ جاپا – مۇشەققەتلىك ئەمگەك ئارقىلىق ئۆز قەلبىدىكى ئىلىم ۋە قابىلىيەتنى جارى قىلىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا كەڭ ئاممىغا ئىسلامىيەتنىڭ بارلىق ئەھكاملىرىنى، ئاللاھ بۇيرۇغان ئەخلاق مىزانلىرىنى، توغرا ھىدايەت ۋە سۈننەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلدى ھەمدە ئىلىم – مەرىپەت ئۆگەتكۈچىلەرگە بېرىلىدىغان كاتتا ساۋاب، مەڭگۈلۈك ئىززەت – ھۆرمەتكە نائىل بولدى.

«قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنىڭ ئىبادەت بىلەن بولغان چەمبەرچاس مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ تەسۋىرلەنگەن:

ئىبادەتكە ئاۋۋال بىلىم كۆپ ئۆگەن،

ئىلىمسىز ئىبادەت بى پايدا، چۈشەن.

(3216 – بېيت)

تائەتكە بىلىملە سەن بارغىن يېقىن،

بىلىم تامغۇلايدۇ دوزاخ ئىشىگىن.

(3223 – بېيت)

بىلىپ قىلسا تائەت ساۋابى تۈمەن،

ساۋاب كۈتمە بىلىمسىز ئىبادەت بىلەن.

(3224 – بېيت)

بىلىمسىز قىلىنغان تائەتتىن كۆرە،

گەر ئۇخلار بىلىملىك ساۋابى ئۆرە.

(3225 – بېيت)

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركىدۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزەڭلەرگە) ھارام قىلماڭلار.

-سۈرە «مائىدە» (5 – سۈرە)، 87 – ئايەت

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن دۇنيانى دەپ ئاخىرەتنى، ياكى ئاخىرەتنى دەپ دۇنيانى تەرك قىلغان (تاشلاپ قويغان) ئادەم ئادەمدۇر» (ئىبنى ئەساكىر توپلىغان). مۇھەممەد ئەلەيھسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەر مۇنداق دەيسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرگە قارىغاندا ئاللاھتىن بەك قورقىمەن، ئەڭ تەقۋادارمەن، روزىنىمۇ بەزىدە تۇتىمەن، بەزىدە تۇتمايمەن. كېچىسى مەن ناماز ئوقۇيمەن ھەم ئۇخلايمەن. خوتۇنمۇ ئالىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمنى تەك ئېتىدىكەن، ئۇ مېنىڭ سۈننىتىمگە مەنسۇپ ئەمەس» (بۇخارى توپلىغان).

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا زاھىد ئودغۇرمىش بىلەن قىلغان سۆھبەت – مۇنازىرە جەريانىدا، ئاللاھنىڭ كالامى ۋە ھەدىستىكى مۇھىم نۇقتىلارنى روشەن گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، ئىنساننىڭ بەندىلىك مەجبۇرىيىتى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيەت بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، يەنى بۇ ئالەم ئۇ ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىلماس باغلىنىش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىدۇ.

«ئودغۇرمىش» نامى بىلەن ئاتالغان زاھىد كىشى ناھايىتى بىلىملىك، قابىل كىشى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۇ ئالەملىك ئىشلىرىغا يەنى ئىبادەتكە دەخلى يېتىپ قالىدۇ دەپ قاراپ، جەمئىيەتكە، خەلققە، ئائىلە بالا – چاقىلىرىغا، دوست – بۇرادەرلىرىگە خىزمەت قىلىشنى، ئۆز ئەقلى قابىلىيىتىنى ئۇلارغا بەخشەندە قىلىشنى خالىماي، بەلكى كىشىلەردىن قېچىپ، تاغدا، غارلاردا ئولتۇرۇپ «خاس ئىبادەت» بىلەن مەشغۇل بولۇشنى ھەقىقىي تەقۋادارلىق، ئۇ ئالەملىك ئىشلىرىنى تولۇق ئادا قىلغانلىق دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ كۆز قارىشى مۇنداق:

تونۇم – قوي يۇڭى، بەس، غىزا – ئارپا – ئاش،

تولۇق بولدى دۇنيا ماڭا، ئەي قاياش.

(4765 – بېيت)

نە دەر بىر مېھرىبان كىشى، ئىشتكىن سۆزى،

ماكانى ئېرۇرغار، تەقۋادار ئۆزى.

(4766 – بېيت)

نەسىۋەم تېپىپمەن جاھاندىن بۇنى،

يېيىشكە كېپەكنى، تونغا قوي يۇڭى.

(4767 – بېيت)

كېپەك كۆپ لەززەتلىك شېكەردىن ماڭا،

بۇ ئاق تون باسار ئۇ يىپەك ئورنىنى.

(4768 – بېيت)

قورساق تويغۇچەدۇر بۇ ئىچكۈ – يېمەك،

تېرىق ياكى ئارپا تويارلىق دېمەك.

(4769 – بېيت)

ئۇ دۇنيادا تاپماق ئۈچۈن ياخشى جاي،

جاھان ئارزۇسىنى تامام تاشلىغاي.

(4802 – بېيت)

زاھىد ئودغۇرمىش پەقەت جىمجىت ئىبادەتتىن باشقىسى بىكار گەپ، ئۆي – ئوچاقلىق بولۇش، ئۆيلىنىپ پەرزەنتلىك بولۇش ئىنسان ئۈچۈن جەبىر – جاپا ھەمدە ئارتۇقچە بىر يۈك، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، دۇنيا ئىشلىرى ئىنساننى گۇناھقا پاتۇرىدۇ، دەپ قاراپ مۇنداق دەيدۇ:

بۇ دىن «دالى» دۇنيا «دالى» قارىشىدۇر،

يېقىنلاشماس، يولى كېسىشمەس ئېرۇر.

(5311 – بېيت)

شۇڭا ئۇ دۇنيادىن، ئىنسان تىرىكچىلىكىدىن قول ئۈزۈپ، يامغۇر سۈيىنى ئىچىپ، دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىنى يەپ، ئېگىز تاغلارنىڭ غارلىرىدا ئىبادەت قىلىش ئىنساننىڭ ھەرخىل گۇناھلاردىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى. ئەل – جەمئىيەت ئۈچۈن، ئائىلە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھۆددىسىدىن چىقىش بەك تەس بولغان ئېغىر يۈك، ئۆزىگە ئۆزى جەبىر – جاپا تېپىشتىن ئىبارەت، دەپ قاراپ، ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۇنى ئەل خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىپ كەلگەن ئۈچ قېتىملىق دەۋىتىنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇنداق ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى ئىسلامىي ئىبادەت ئەمەس، بەلكى ئەينى زاماندا ساقلىنىپ قالغان، شەكلى ئۆزگەرگەن تەركىدۇنياۋى ئىبادەتنىڭ تىپىك كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىبادەت كۆز قارىشى ئىبادەتنىڭ كەڭ ۋە ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ۋە مەزمۇنىنى كىچىكلىتىپ، ئۇنى نوقۇل بىر خىل ئاددىي قائىدە، رەسىم – يوسۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بىر ئىنساننىڭ جەمئىيەت، دۆلەت، ئائىلە ئالدىدا كۆپلىگەن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ گۈللىنىشى، ئاۋاتلىقى، بەخت – سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، كۈچ – قۇدرىتىنى سەرپ قىلىشتەك مەسئۇلىيىتى بار. مانا بۇ تۆھپە، ئۇلۇغ ئىبادەت بولۇپ، ئىنسان مۇشۇ تۆھپىسى بىلەن ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن نىجاتلىق يولى ھازىرلايدۇ، يەنى بۇ ئالەملىك تۆھپىسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىنساننى ئالەمنىڭ خەلىپىلىكىگە بەلگىلىگەنلىكىدەك ئۇلۇغ ئوبرازنى نامايان قىلىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» دىكى بىر قىسىم ئايەتلەر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىنىڭ روھى ئىسلامىيەتنىڭ تەركىدۇنياچىلىق، زاھىدلىققا قارىتا ناھايىتى ئېنىق ھۆكۈمى بولۇپ، بۇ خىل روشەن ئېنىق ئىدىيە «قۇتادغۇ بىلىگ» تە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ زاھىد ئۇدغۇرمىشنىڭ نۇقتىئىينەزەرلىرىگە كەسكىن رەددىيە بېرىش، ئىسلامىيەتنىڭ ئىككى ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، بۇ ئالەم تىرىكچىلىكى، دۇنيالىق خىزمەت بىلەن ئۇ ئالەملىك خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، توغرا ئەقىدە، توغرا سۈننەتنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغانلىقىدا روشەن ئەكس ئېتىدۇ. ئاللاھقا بولغان ئىبادەت، ئىنساننىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى بەندىلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۇ ئالەمدە ئاللاھ ۋەدە قىلغان «ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرغان، نازۇ نېمەتلىك جەننەت» نى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇ ئالەمدە ئاللاھنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلىش ھەربىر مۆمىن مۇسۇلماننىڭ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى بولغاندەك، ئەل ۋەتەن، خەلق، مىللەت ئۈچۈن قىلىنغان ياخشى خىزمەت، ياخشى ئەمەل، ساۋابلىق ئىشلارمۇ، بۇ دۇنيادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتمۇ قۇشنىڭ يەنە بىر قانىتىغا ئوخشاش ئۇنى يۈكسەكلىككە ئېلىپ چىقىپ، چەكسىز سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان مۇھىم يول ھەمدە ئىنسان ئۈچۈن شەرەپلىك قەرز ۋە پەرزدۇر. بۇ ئىككى يولنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە قارىمۇقارشى قىلىپ قويۇش، بىرىنى دەپ يەنە بىرىگە زىيان يەتكۈزۈش توغرا ئەمەس، ئىسلام روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. «قۇتادغۇ بىلىگ» تە مۇنداق يېزىلىدۇ:

جامائەت بىلەن قىل پەرز ۋە ناماز،

پەقىرلەر ھەجىدۇر بۇ جۈمە ناماز.

(3239 – بېيت)

ھالالدىن تېپىپ مال پەقىرلەرگە بەر،

تۇتۇپ ئەل قولىن، بول ئۇلارنى يۆلەر.

(3240 – بېيت)

سانالغان بۇ ھەممە بىر تائەت ئېرۇر،

بۇ تائەت بىلە بارچە راھەت كۆرۈر.

(3241 – بېيت)

قىلىپ تەرك بۇلارنى، سەن ئەي خۇلقى ساز،

تۇتۇپ روزا، يالغۇز ئوقۇرسەن ناماز.

(3242 – بېيت)

بۇ روزا، نامازلار ئۆز پايداڭ ئېرۇر،

ئۆز نەپئىن دېگەنلەر بەك خۇدبىن بولۇر.

(3243 – بېيت)

خۇدا بەردى قۇلغا ئىككى كۆز قۇلاق،

بىرىن دۇنياغا، بىرىن ئاخىرەتكە، باق.

(3657 – بېيت)

ئىككى قول بېرىلدى، سۇنۇپ تۇتقىلى،

بىرى دۇنياغا، ئاخىرەتكە بىرى.

(3658 – بېيت)

ياراتتى خۇدايىم بۇ ئىككى جاھان،

بىرىن تاپساڭ ئىزلە ئۇ بىرىن ھامان.

(3662 – بېيت)

خۇدانىڭ سۆيۈنچىن تىلەسەڭ ئۆزۈڭ،

مۇسۇلمان سۆيۈنچىن تىلە، كەس سۆزۈڭ.

(3250 – بېيت)

ئەمەس تائىتىڭگە ھاجەتمەن خۇدا،

تىلەپ ياخشى نام، ئەيلە قۇللۇق ئادا.

(3251 – بېيت)

ئۇيغۇرلار قەدىمىي تارىخ مۇساپىسىدە بۇددا دىنى قاتارلىق ھەرخىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان. پەقەت خاقانىيە دەۋرىگە كەلگەندە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. لېكىن ئۇزاق تارىختىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ ساقىتلىرى ھەرخىل شەكىللەر بىلەن ساقلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ، ئىدىيە، روھىي ھالەت، تۇرمۇش، ئۆرپ – ئادەت جەھەتلەردە جان – جەھلى بىلەن ئىسلام ئەقىدىلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىغا قارشىلىق كۆرسەتمەكتە ئىدى. «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇددا راھىبى زاھىت ئۇدغۇرمىش بىلەن مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق بۇددا ئەقىدىسىنىڭ ئىسلامغا قارىمۇقارشى ئىكەنلىكىنى زاھىت ئۇدغۇرمىشنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇش يولى بىلەن ئىسلام دىنى ۋە شەرىئىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلغان. زاھىتلىققا قارشى توغرا ئەقىدە ۋە شەرىئەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسان تەرەققىياتى، ھايات مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىپ، ئىككى ئەقىدە، ئىككى خىل دۇنيا مۇنازىرىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سائادەتمەن يولنى تاللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ئىمكانىيەت بەرگەن. ئول زامانلاردىن بېرى باش كۆتۈرۈپ قالغان تەركىدۇنياچىلىق روھىي ھالىتىنىڭ، زاھىتلىققا قارشى ھارماي كۈرەش قىلغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەلىماتلىرىغا قارشى تۇرۇشى، بۇ تەلىماتلارنى چەتكە قېقىشى، ئالىمنىڭ شەرەپلىك نامىغا ئورۇن بەرمەسلىكلىرى ھەرگىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. تارىخقا قارايدىغان بولساق، ھەرخىل «ئەۋلىيا»، مازار – ماشايىخلارنىڭ تەزكىرە – خاتىرىلىرىنىڭ كۆپلۈكى، لېكىن پەخىر – ئىپتىخارىمىز بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدىكى خاتىرىلەرنىڭ يوقلۇقى يۇقىرىقى كۆز قاراشنى روشەن ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» دە مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق مىزانلىرى كۆرسىتىلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئىنسان ئەخلاقىنىڭ ئەڭ يۈكسەك نەمۇنىسىنى تىكلەپ، ئاللاھنىڭ: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» [سۈرە «قەلەم» (68 – سۈرە)، 4 – ئايەت] دەپ مەدھىيەلىشىگە مۇشەررەپ بولدى. ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىسى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەڭگۈلۈك تېما. ئىسلام دىنىدا ئەخلاق مەسىلىسى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ كامىل ئىمانى، چوڭقۇر بىلىمى، ساغلام روھىي دۇنياسى، ئىتائەتمەن ھەرىكىتى بىلەن مۇستەھكەم باغلىنىشلىق بىر مەسىلە سۈپىتىدە قارىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» تە «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفتە قەيت قىلىنغان ئېسىل ئەخلاقىي – پەزىلەتلەرنى قىزغىن مەدھىيەلەيدۇ ۋە كىشىلەردىن گۈزەل ئەخلاقىي – پەزىلەتلەرنى قىزغىن مەدھىيەلەيدۇ ۋە كىشىلەردىن گۈزەل ئەخلاقىي – پەزىلەتلەرنى يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇسۇلى ئىسلام بويىچە ئەمرىمەرۇپ – نەھيى مۇنكەر قىلىدۇ، يەنى ئىسلام ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئۇ ھالال ئەمگەك قىلىش، سېخىيلىق، كىشىلەرگە خەير – ساخاۋەت قىلىش، كىشىنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلماسلىق، ئىناق – ئىتتىپاق بولۇش، ئوغرىلىق قىلماسلىق، ھالالغا يېقىن تۇرۇپ، ھارامدىن قېچىش، ھەسەت، غەيۋەت – شىكايەتتىن ساقلىنىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

بىر – بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن كىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر! ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر.

-سۈرە «ھۇجۇرات» (49 – سۈرە)، 12 – ئايەت

ئېگىز – پەس سۆز ئېيتما، تۇرغىن ئەيمىنىپ،

زەھەردۇر ئۇلارنىڭ گۆشى قال بىلىپ.

(4349 – بېيت)

ھەسەد بىر كېسەلدۇر، داۋاسى ئۇزاق،

ئۆزىنى ئۆزى يەپ، سېزەر ئۇ ئاداق.

(4253 – بېيت)

قوشۇلما پىتنىخورغا، بارما يېقىن،

ئۇنىڭكىم تىلىدىن چىقار ئوت – چېقىن.

(4212 – بېيت)

قېتىلما ئىككى خىل ئەرگە، يىراق تۇر،

قېتىلساڭ كۆر ئەمدى، چاتاق چىقارۇر.

(4271 – بېيت)

بىرىدۇر چېقىمچى، پىتنە – پاساتچى،

بىرى، ئىككى يۈزلۈك، ئۆز مەنپەئەتچى.

(4272 – بېيت)

سائادەتنى تاپقان پاساتتىن قاچار،

ھەر ئۆچكەن ئوتنى بۇ پاسات ياندۇرار.

(4412 – بېيت)

پاساتنىڭ يېنىغا يېقىن بارمىغىل،

پاسات نەدە بولسا خارلىق شۇندا، بىل.

(4414 – بېيت)

پاسات بىرلە دۆلەت تۇرالماس، قاچار،

تۈنەپ ئۆتسە مېھمان، سەن تاڭ قالمىغىل.

(4415 – بېيت)

ھارامغا قوشۇلما ۋە كۆرسەتمە كۈچ،

خۇسۇمەت قىلىپ تۆكمە قان، ئالما ئۆچ.

(1433 – بېيت)

كىشىنىڭ سەرخىلى ئۇياتلىق كىشى،

ئۇياتلىق كىشىدۇر، كىشىلەر بېشى.

(2201 – بېيت)

بىر گۆشسىز سۆڭەكتۇر ئۇياتسىز يۈزى،

ئېتىلمەس تۆشۈكتۇر، ئۇياتسىز كۆزى.

(2206 – بېيت)

ئۇياتسىز كىشىدىن يىراق تۇر، يىراق،

ئۇياتسىز كۆزىدە خۇنۈك بىر قاراق.

(2205 – بېيت)

ئۇيات بىرلە ئەر ئابرويلۇق بولۇر،

ئۇيات بىرلە ئادەم كۆزى نۇرلىنۇر.

(2207 – بېيت)

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.

-سۈرە «ئىسرائىل» (17 – سۈرە)، 32 – ئايەت

ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر. بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەر نامازدىن، ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ. سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟

- «مائىدە» (5 – سۈرە)، 90 – 91 – ئايەتلەر

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ھاراق بارلىق گۇناھلارنىڭ ئانىسى» دەپ كۆرسەتكەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» تە ئەنە شۇ ئۇلۇغ تەلىمنىڭ ئىزنىسى بويىچە زىناخورلۇق، مەيخورلۇق – ھاراقكەشلىكنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، مۇنداق ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكلەرنى ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق، جەمئىيەت ئۈچۈن يېتەرلىك ئاپەت، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ھەربىر ساغلام ئەقىل ئىگىسىنىڭ ۋەزىپىسى، زىناخورلۇق ۋە مەيخورلۇق تەننى زەئىپ، مىللەتنى خاراپ قىلىدىغان، كىشىنىڭ ئىمان – ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئىقتىسادقا ئەجەللىك زەربە بېرىدىغان قارا كۈچ، بارلىق ئىجتىمائىي پاسكىنىلىق، بالايىئاپەتنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ مۇنداق يازىدۇ:

مەي ئىچمە، بۇزۇقلۇقتىن بولغىن يىراق،

زىنا قىلما، پاسىق دەپ ئالما ئاتاق.

(1334 – بېيت)

مۇبارەك بەخت بۇ قىلىقتىن قاچار،

ئۇ ئەرگە پەقىرلىك يولىنى ئاچار.

(1335 – بېيت)

مەي ئىچمە، زىنادىن سەن ئەيلە ھەزەر،

بۇ ئىشلار گادايلىق تونىن كەيدۈرەر.

(1337 – بېيت)

ھاراق مىڭ گۇناھقا پاتۇرغاي سېنى،

قاچار بەخت زىنادىن، يۈزۈڭ تۆكۈلەر.

(1338 – بېيت)

ھاراقتۇر بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ دۈشمىنى،

جېدەل – غەۋغا ھاراقنىڭ ئېتىدۇرچىنى.

(2651 – بېيت)

نە ياڭلىغ ھاياتلىق، ئۆز خۇلق، سىلىق،

مەي ئىچسە قىلۇر ئۇ پەسكەشلىك قىلىق.

(2653 – بېيت)

كىشى ئاڭ – بىلىم، ھوش، ئۇياتنى ئېرىغ –

نىجىس بۇ ھاراققا بېرۇر ۋادەرىخ!

(2654 – بېيت)

مەي ئىچمە، مەي ئىچسە كېتۇر دۆلىتى،

مەي ئىچسە بولۇر تەلۋە، ئەخمەق ئېتى.

(2655 – بېيت)

بىلىملىك مەي ئىچسە بولۇر بىر قارا،

نادان ئىچسە كىچىكلەپ، بولۇر بىر بالا.

(2659 – بېيت)

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.

-سۈرە «ئال ئىمران» (3 – سۈرە)، 159 – ئايەت

نېمە دەيدۇ ئاڭلار، پەيغەمبەر – نەبى،

كېڭەش – ھەممە ئىشنىڭ داۋاسى – ئەمى.

(5651 – بېيت)

يېقىنلار بىلەن سەن ئەيلىگىن كېڭەش،

يېشىلگەي كېڭەش بىرلە ھەر تۈرلۈك ئىش.

(5652 – بېيت)

كېڭەش بىرلە تۈزۈلۈر كىشىنىڭ ئىشى،

پۇشايمانلىق ئولغاي كېڭەشمەس كىشى.

(5653 – بېيت)

كېڭەشسە كىشىدە بىلىم كېڭىيۇر،

كېڭەشكە قوشۇلسا بىلىم، ئىش ئوڭۇر.

(5657 – بېيت)

نە ئىش قىلماق ئولساڭ كېڭەش بىرلە قىل،

كېڭەشمەس كىشىدىن يىراقلىق تىلە.

(5659 – بېيت)

نىچۈك ئىشنى قىلساڭ كېڭەش بىرلە قىل،

كېڭەش بىرلە كۈتكەن تىلەكلەر كېلەر.

(5660 – بېيت)

«قۇرئان كەرىم» دە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ ياد ئېتىلسە ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ.

-سۈرە «ھەج» (22 – سۈرە)، 35 – ئايەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» تە مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك شۈكۈر – قانائەت، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رىزا بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:

خۇدا كىمگە قىلسا ئىنايەت، مەدەت،

ھەر ئىككى جاھاندا تاپۇر سائادەت.

(1267 – بېيت)

خۇدا پەزلى كىمگە يار ئولسا ئەگەر،

ئۇ ھەممە نېئمەتۇ – ئارزۇغا يېتەر.

(1269 – بېيت)

ئىگەم ساقلىسا كىمنى ئۇ ساقلىنۇر،

تىلەككە يېتىپ، ياخشى نېئمەتلىنۇر.

(1271 – بېيت)

رىزا بول خۇدادىن نە كەلسە ساڭا،

رىزا ۋە رىزالىق – قۇللۇقۇڭ ئاڭا.

(2159 –بېيت)

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى، بىرر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمىتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەڭلار)، ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى ۋەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار).

-سۈرە «نىسا» (4 – سۈرە)، 86 – ئايەت

بىلۇرسەن، سالام پەزلى بەك چوڭدۇر ئول،

كىم ئاۋۋال سالام بەرسە ئاچتى بۇ يول.

(5052 – بېيت)

سالامدۇر كىشىگە ئېسەنلىك يولى،

سالاملە قويۇلۇر ئېسەنلىك ئۇلى.

(5055 – بېيت)

سالامدۇر كىشىگە ئەمىنلىك – ئامان،

قىلسا سالام، ساق بولۇر ئۇشبۇ جان.

(5056 – بېيت)

ئامان بەردى ئەلگە سالام بەرگۈچى،

سالامەت بولۇر ئۇ ئىلىك ئالغۇچى.

(5058 – بېيت)

سالام ساقلار ئامان كىشى شەررىدىن،

سالامەتلىك ئالدى جاۋاب قىلغۇچى.

(5059 – بېيت)

شەرقنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولغان تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى قاتارىدا يېزىقنى خېلى ئاۋۋال قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل – پاراسەت، سەۋر – قانائەتلىرى، شۈكۈر – مەدھىيەلىرىنى يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەپ، تاش پۈتۈكلەردىن تارتىپ يىپەك، قەغەز ۋە باشقا كاتتا سەھىپىلەرگە يېزىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئۇلۇغ قەدەملىرىگە غەلبە – نۇسرەت ئاتا قىلغاندەك، دانىشمەن ئۇستاز يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەريادەك ئىلمىنى ھارماس قەلىمى بىلەن يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەپ، ئۇنى ئەقىل – پاراسەت، ساغلام ئەقىدە، مۇسۇلمانچىلىقنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە كىتاب بېتىگە چۈشۈرگەن بولۇپ، مىڭ يىللىق تارىخنىڭ ئۇچقۇر قەدەملىرىدە يوقالماي، تارىخ ئەگرى – توقايلىرىدا دات باسماس، ئۆزىنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن چاقناپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلدى. بۇ ئاللاھ بەرگەن ئىلىمنىڭ خاسىيىتى، ئەقىلنىڭ بۈيۈك كەشپىياتى. ئۇنىڭ ھەربىر بېيىتى ۋە ھەربىر مىسراسىدىكى ئاجايىپ پاساھەتلىك، بالاغەت، ئۆزگىچە ئىلمىي ھېكمەت، شېئىرىي لەززەتنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي ئاساسى بىلەن چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن ياڭراپ تۇرغان سېھىرلىك سادادىن ئىلھام ئېلىپ، قەلبىمىزنى تېخىمۇ روشەن قىلىش بۈگۈنكى تارىخ بەخش ئەتكەن بىز ئەۋلادلارنىڭ پەخىرلىنەرلىك قىسمەتلىرىدۇر.

تېتىكلىك نىشانى ئېرۇر بۇ بېتىك،

يېزىقنى بىلگەن ئەر بولۇر بەك تېتىك.

(2224 – بېيت)

يېزىق بىلمەس ئەرسە ئادەم ئوغلانى،

بىلەلەيتتى قانداق يىل، ئاي، كۈن سانى؟

(2225 – بېيت)

يېزىپ قويمىغان بولسا ئالىم بېتىك،

ھېسابقابولۇر ئەردى چارە نىچۈك؟

(2226 – بېيت)

ياراتماستىن ئاۋۋال خۇدا بۇ ئالەم،

ياراتتى، يورۇتتى بۇ لەۋھۇ – قەلەم.

(2227 – بېيت)

پۈتۈپ قويمىغان بولسا ئالىم، ھېكىم،

بۇرۇنقىنى بىزدىن ئېيتار ئىدى كىم؟

(2699 – بېيت)

ئەگەرچە پۈتۈكچى پۈتمىسە بېتىك،

نىچۈك بىلگەي ئەردىڭ بۇ ھېكمەت بىلىك!

(2698 –بېيت)

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر.

-سۈرە «ئەنكە بۇت» (2 – سۈرە)، 57 – ئايەت

مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نەسىھەت ئۈچۈن ئۆلۈم يېتەرلىكتۇر».

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» تە ھايات – ماماتلىق، يەنى ئۆلۈم مەسىلىسىدە خېلى كۆپ سەھىپە ئاجراتقان. بۇ بارلىق كىشىلەرنى ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ھاياتتىن ئىباەت ئاللاھ بەرگەن نېمەت ۋە سىناقنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىپ، ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، ئىنسانغا، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلارغا ئالدىراش، ھاياتنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىك، ئۇ ئالەمگە بارغاندا ئاللاھنىڭ ئالدىدا جاۋابكار ۋە گۇناھكار بولماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتەك ئومۇمىي مۇراجىئەتنى ئىپادىلەپ، تارىختىكى مەشھۇر شەخسلەردىن مىسال كەلتۈرگەن.

قېنى ئۇ بۇ دۇنيا تىلەپ تاپقۇچى،

ئۆزىگە تۆمۈر تۇر، شەھەر قۇرغۇچى؟

(شەددات، 4710 – بېيت)

قېنى ئۇ گۇستاخ ئىت، دۇنيا دەپ يۈرۈپ،

يېشىل كۆككە ئۇچقان قارا قۇش مىنىپ؟

(نەمرۇد، 4711 – بېيت)

قېنى ئۇ خۇدا مەن دېگۈچى جاھىل،

خۇدا قىلدى دەرياغا غەرق ئۇنى، بىل؟

(فىرئەۋىن، 4712 – بېيت)

بۇ دۇنيا مېلىنى يىغقۇچى قېنى؟

مېلى بىرلە كەتتى، يۈتۈپ يەر ئۇنى؟

(قارۇن، 4713 – بېيت)

قېنى شەرقتىن غەربكە قەدەر بارغۇچى،

بۇ دۇنيانى كېزىپ جاھان تۇتقۇچى؟

(ئىسكەندەر، 4714 – بېيت)

قېنى ئۇ تاياغى ئىلان بولغۇچى،

دېڭىز يېرىلىپ ئۇڭا يول بەرگۈچى؟

(مۇسا، 4715 – بېيت)

قېنى ئۇ پەرى، قۇش ۋە ئىنسان ئۈزە،

ئۇلۇغ بولغۇچى ئۇ خۇلقى پاكىزە؟

(سۇلەيمان، 4716 – بېيت)

قېنى ئۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەن كىشى؟

ئۆلۈمگە تۇتۇق بولدى ئاخىر ئىشى.

(ئىيسا، 4717 – بېيت)

قېنى ئۇ، كىشىلەر ئارا خىل ئۇلۇغ؟

بوشاپ قالدى دۇنيا، كېمىيىپ تولۇقلۇق.

(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، 4718 – بېيت)

«قۇرئان كەرىم» دە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە نۇرغۇن قەۋملەرنىڭ قىسسىلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن ناھايىتى روشەن ئىبرەت خاتىرىسىدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا ئەنە شۇ قىسسەلەر ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆز قارىشى پۈتۈنلەي «قۇرئان كەرىم» دىكى نۇقتىئىينەزەرلەرگە ئوخشاش. ئۇ، پەيغەمبەرلەردىن ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ پەيغەمبەر، لۇت، ئەييۇب، مۇسا، سۇلەيمان، ئىيسا، ئىبراھىم قاتارلىق مەشھۇر پەيغەمبەرلەرنىڭ ناملىرى، ئۇلارنىڭ خىسلەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارغا ھۆرمەت ۋە سالاملارنى ئىزھار قىلغان. جۈملىدىن ئاد، سەمۇد ۋە باشقا قوۋملارنىڭ ناملىرى ئۇلارنىڭ بەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇش، ئۇلار قۇرغان قۇدرەتلىك سەلتەنەت، تاج – تەختلەر، بىنا – ئىمارەتلەر، شەھەر – قەلئەلەر ھەمدە تەلۋىلىكتە چېكىدىن ئاشقان لۇت قوۋمى قاتارلىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەزەپلىرى بىلەن بەزىلىرىنىڭ كەلكۈن سۇ، بەزىلىرىنىڭ قەھرىلىك بوران، دەھشەتلىك ئاۋاز، تاشبوران، دۈم كۆمتۈرۈش بىلەن ھالاك قىلىنغانلىق ئىبرەت خاتىرىسىنى ئەسلەش ئارقىلىق ھەددىدىن ئاشقان، يامان خۇيلۇق فىرئەۋىن، زاھھاكتەك ۋە ئىران شاھلىرىدەك زالىم مۇستەبىتلەرنىڭ ھالاك بولۇش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

«قۇتادغۇ بىلىگ» تىن ئىبارەت بۇ جاھاننامىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز قەلىمى ئارقىلىق سىزىلغان ھەيۋەتلىك ئوبرازى ۋە پاك قەلبىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ مىلادى 11 – ئەسىردە ياشىغان يېتۈك شائىر، ھەر قايسى ئىلىم – پەنلەر بويىچە شۆھرەت قازانغان ئالىم، بەدىئىي ئىجادىيەتچى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئالدى بىلەن كامىل مۇسۇلمان، يېتىشكەن مۇسۇلمان ئالىم، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بۈيۈك مۇجتەھىت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ پەزىلىتى ۋە ئىجتىھاتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شان – شەرىپى ۋە پەخىر – ئىپتىخارى بولۇشقا مۇناسىپ.

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئىي قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن، ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.

-سۈرە «ئال ئىمران» (3 – سۈرە)، 104 – ئايەت

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئەمگىكى بىلەن ئاللاھ بۇيرۇغاننى ئۇلۇغلاپ، توسقانلارنى مەنئىي قىلىپ، ئىنساننى ئەقىل، ئەخلاق بىلەن پاك ياشاشقا ئۈندەپ، تەبلىغ – ئەھكام قىلىپ ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغۇچى مەشھۇر زاتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە قىبلىنامىسى، ئىلىم-پەلسەپىسى ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىف؛ ئۇنىڭ داڭلىق داستانى «قۇتادغۇ بىلىگ»، ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئىلھامى ۋە ئىزنىسى؛ مۇئەللىپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، مۇستەھكەم دىنىي ئېتىقادى، ۋايىغا يەتكەن يېزىقچىلىق قابىلىيىتى، توپلىغان مول بىلىملىرىنىڭ مۇستەھكەم جۇغلانمىسى، ئەدەبىيات، يەنى شېئىر – نەزمىسى ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفتىكى ئۇلۇغ روھنى يۈكسەك ھاياجان، تايماس ئەقىدە بىلەن تەبلىغ قىلىشنىڭ يۈكسەك نەمۇنىسى. داستاندىكى پەيلاسوپلارچە قىلىنغان پەند – نەسىھەت، رىغبەت ۋە ئاگاھ، ئىلىم – مەرىپەت بىر يىلتىزدىن چىققان باراقسان شاخ، بىر قىزىل يىپ بىلەن مۇستەھكەم باغلىنىپ كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان ئۈنچە – مەرۋايىت. داستاندىكى مول بىلىم، يۈكسەك پەلسەپە، ئاپتورنىڭ دۇنيا قارىشى بىرلىشىپ ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىدىيەۋى قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى، ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىسى بىلەن مىڭ يىللار مابەينىدە كونىرىماي، ئىلھامى، بەدىئىي قىممىتىنى يوقاتماي، قايسى مەزمۇن، قايسى ساھە، ھەتتا ھەربىر بېيت، ھەربىر مىسراسى ئارقىلىق بىلىم ئېلىشقا تەلپۈنگەن ئىلىم تەشنالىرى، ھېكمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئۈمىد ۋە ئىزدىنىشلىرىگە تولۇق جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي قىممىتى، تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە بەدىئىي شان – شەرىپى، مەنە – ھېكمەتلىرىنى تولۇق ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ باھا ۋە بۇ ئەسىردىكى تارىخىي شارائىت، ھەقىقىي ئىدىيە، ھەقىقىي مەقسەت بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شان – شەرىپى بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ داڭلىق داستانى «قۇتادغۇ بىلىگ» كە نىسبەتەن ھەقىقىي باھا، ئەينى خىسلەت، ھەقىقىي پەزىلەت ۋە يۈكسەك ئوبراز ھېسابلىنىدۇ.

«ھىدايەت گۈلزارى» 2 – توم، 275 – بەتتىن 305 – بەتكىچە ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش