تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-07 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلار تورى مۇھەررىر : نىجات كۆرۈلۈش سانى :

ھۈسەنجان تۇرسۇن

قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ھەجمىنىڭ چوڭلۇقى، ياسىلىش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچە بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا مەشھۇر بولغان مەسچىتلەرنىڭ بىرى، ھەم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى.

دۆلەتنىڭ بىر مىليون يۈەن ئاجرىتىپ بېرىشى، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئۆزىنىڭ مەبلىغىدىن 400 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىشى نەتىجىسىدە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ رېمونت قۇرۇلۇشى 2000 – يىلى 11 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىپ ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

بۇ قېتىمقى رېمونت قۇرۇلۇشى 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان كۆلىمى زور، مەبلەغ كۆپ سەرپ قىلىنغان قۇرۇلۇش بولۇپ، مەسچىت قىسمىنىڭ غەربىي جەنۇب تېمى يېڭىلاپ ئېتىلگەندىن باشقا، خانىقا، پېشايۋانلارنىڭ ئۆگزىسى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ، سۇنغان ۋە سېسىغان ياغاچ ماتېرىياللاردىن 17 تال خال، تۆت تال تۈۋرۈك، %80 جەگە، %100 ۋاسا ئالماشتۇرۇلۇپ، پەقەت ئالاھىدە نەقىش ئىشلەنگەن توققۇز ئارا كاھىۋاننىڭلا ئەسلىي ھالىتى ساقلىنىپ قالدى. خانىقانىڭ شەرقىي تېمىدىكى تۆت جايدىن بوشلۇق ئېچىلىپ، قوش پەنجىرىلىك دېرىزە ئورنىتىلدى. ياغاچ ماتېرىياللارنىڭ چىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆگزە قىسمى ئوتتۇرىسىدىن ئالتە سانتىمېتىر بوشلۇق قالدۇرۇلۇپ قوش قەۋەتلىك يېپىلدى ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە سىرلاندى. خانقا، پېشايۋان تاملىرى گەج بىلەن سۇۋۇلۇپ مۇناسىپ نەقىشلەندى ۋە ئاستىغا پۈتۈنلەي چوڭ چىنە خىش بېسىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى گىلەم ئاستىغا بورا سېلىشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىپ مۇھىتى گۈزەللەشتۈرۈلدى.

«قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» دەپ ئاتالغان قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزى، ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ھېيتگاھ جامائەسى ئەقىل – پاراسەتلىك خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ يىقىلماس نامايەندىسى بولۇپ، قەشقەرگە قەدەم باسقان ھەرقانداق بىر كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

ھېيتگاھ جامائەسى خاس دىنىي پائالىيەت سورۇنىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى، شۇنداقلا ئۇزاق تارىخىي سەرگۈزەشتىلەرنىڭ گۇۋاھچىسى؛ ئىلىم – مەرىپەت، ھۈنەر – سەنئەت ماكانى بولغان قەشقەرنىڭ جانلىق شاھىدى؛ ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ تارىخىي نەمۇنىسى. ئۇ مىلادىيە 1442 – يىلدىن باشلاپ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاددىي ھالەتتىن ئالاھىدە تۈسكە كىرىشتەك باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن.

ھېيتگاھ جامەسى ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ سەنئەت ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن كاتتا قۇرۇلۇش. جامە مەسچىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى (شىمالدىن جەنۇبقا) 140 مېتىر، كەڭلىكى (شەرقتىن غەربكە) 120 مېتىر، جامەنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 16800 كۋادرات مېتىر (25.22 مو) بولۇپ، ئۇنىڭغا 30 مىڭ ئادەم سىغىدۇ. جامە قۇرۇلما جەھەتتىن گۈمبەز، مەدرىس، مەسچىت قاتارلىقق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى چاغدا چوڭ مەسچىتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك بولغان گۈمبەز، مۇنار، قۇببە، كۈنگۈرە، مېھراب، تەكچە، پېشايۋان، كاھىۋان، دەرۋازا، پەلەمپەي، نامازخانا ۋە مۇدەررىس، خاتىپ، ئىمام، تالىپلار ياتاقخانىسى قاتارلىق مۇئەسسەسەلەر تولۇق يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن.

1. گۈمبەز. بۇ بۆلەك پەلەمپەي، چوڭ دەرۋازا، مۇنار، دەرۋازا گەۋدە تېمى (پەشتاقمۇ دېيىلىدۇ)، گۈمبەز قاتارلىق ئالاھىدە بۆلەكلەرنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان. چوڭ دەرۋازا قوش قانات (4.7 4.3) قاپارتما نەقىشلىك بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا ياسالغان. چوڭ مېھراب شەكلىدە ياسالغان گەۋدە تامنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر، ئۇنىڭغا يانداش ئىككى مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 18 مېتىر، گەۋدە چۆرىسىگە يەنە مېھراب شەكىللىك 15 كىچىك تەكچە چىقىرىلغان بولۇپ، دەرۋازا كۆرۈنۈشىگە ئالاھىدە تۈس بېرىدۇ. گۈمبەز ئالاھىدە ئۇسلۇب ۋە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ياسالغان بولغاچقا ھەرقانداق كىشىنى، ھەتتا تېخنىك خادىملارنىمۇ تاڭ قالدۇرىدۇ.

2. مەدرىس (ھازىرقى ھويلا). بۇ جامەنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شەرقىي شىمالغا مۇنچا، ھاجەتخانا، تاھارەت ئېلىش ئۆيى، پار قازان ئۆيى ئورۇنلاشقان. بۇ يەردە بىرلا ۋاقىتتا 43 ئادەم (43 ئېغىز) غۇسلى قىلغىلى، 50 ئادەم (50 ئوچاق) ھاجەت قىلغىلى، 90 ئادەم (90 جۈمەك) تاھارەت ئالغىلى بولىدۇ. شەرقىي جەنۇب تەرىپىدە مېتالدىن ياسالغان لاپاس بولۇپ، بۇ يەردە ئادەتتە نامازغا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر ئايرىم جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال قىسىملىرىغا بىر بېتون كۆل ۋە بىر چاپما كۆل ئورۇنلاشقان بولۇپ، چاپما كۆلدە ھەمىشە تۇرۇبا سۈيى تولۇپ تۇرىدۇ. ئەتراپىدىكى ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان تېرەكلەر قالغان تېرەكلەر بىلەن قوشۇلۇپ جامەنىڭ ھاۋاسىنى ياخشىلىغاندىن سىرت يەنە جامەگە گۈزەللىك بەخش ئېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇبقا مايىل ئىككى ئورۇندا پىششىق خىش ۋە ياغاچ قۇرۇلمىلىق مۇنبەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئېلېكتىرلەشمىگەن زامانلاردا ئەزان توۋلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بېتون ۋە سۈرمە تاشلىق كېسىشمە يوللار ھويلىدىكى ئۈچ دەرۋازا بىلەن مەسچىتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدۇ. جەنۇب ۋە شىمال تامدىكى 41 ئېغىز ھۇجرا بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئۆي – ئىمارەت ئۇسلۇبىدا ياسالغان.

3. مەسچىت. بۇ جامەنىڭ ئاساسلىق قىسمى بولۇپ، ھويلىدىن سالاسۇن ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ ھەم خانىقا، پېشايۋان، سۇپا، پەلەمپەي، مەرئا قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. ئۈستى يېپىقى 100 ئاراغا بۆلۈنۈپ، گېئومېتىرىيەلىك شەكىل ھاسىل قىلغان ھالدا ئالاھىدە ھېسابلاش، ماسلاشتۇرۇش، گىرەلەشتۈرۈش ئاساسىدا يېپىلغان بولۇپ، ئۇنى 140 دانە تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. توققۇز ئارا كاھىۋان ئالاھىدە نەقىشلىنىپ ئۆزىگە خاس رەڭ بىلەن بېزەلگەچكە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ھۈنەر – سەنئىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئاستىدىكى سۇپا 2600 كۋادرات مېتىر كۆلەمدە بولۇپ، بۇ يەردە 4200 ئادەم بىمالال ناماز ئوقۇيالايدۇ.

يۇقىرىقى ئۈچ بۆلەك قۇرۇلۇش ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ قارىغاندا ئاجايىپ سەنئەتلىك مەنزىرە بارلىققا كېلىپ، جامە ناھايىتى كۆركەم، سەلتەنەتلىك كۆرۈنىدۇ.

ھېيتگاھ جامەسى قەشقەر شەھىرىگە خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك قەشقەر شەھىرىنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ. ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم ھالىتى ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا شەكىللەنگەن بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جاپالىق ئىجادىي ئەمگىكى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھېيتگاھ جامائەسى نەچچە يۈز يىل جەريانىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاددىيلىقتىن ئالاھىدە تۈسكە كىرىش ھەم تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈپ، ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن. جامەنىڭ تەرەققىيات تارىخىي مۇنداق بولغان:

1. «پاقالچاق مازار» دىكى تۇنجى مەسچىت

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ھازىرقى ئورنى ئەسلىدە ساسلىق، قومۇشلۇق، توغراقلىق بولۇپ، ئەينى چاغدا ئوردا خادىملىرىنىڭ قەبرىگاھى بولغان. ھىجرىيە 96 – يىلى (مىلادىيە 714 – يىلى) ئەمىر قۇتەيبە قوماندانلىقىدا پەرغانە ئارقىلىق شىنجاڭغا كەلگەن دىن تارقاتقۇچى ئەرەبلەر ۋە 11 – ئەسىردىكى ئارسىلانىيەلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەردىن ئەينى زاماندا ۋاپات بولغانلىرىمۇ ئاشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان، شۇ تەرىقىدە بۇ جاي تەدرىجىي قەبرىستانغا ئايلىنىپ، «پاقالچاق مازار» دەپ ئاتالغان.

قەشقەرنىڭ بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن ئۆتكەن ھاكىمى ساقسىز مىرزا ۋاپات بولغاندا ئاشۇ قەبرىستانغا دەپنە قىلىنغان. ئۇ كىشى ھايات ۋاقتىدا ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ شۇنداقلا قەبرە يوقلاپ كەلگەن باشقا كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن بىر مەسچىت ياسىتىش نىيىتىگە كېلىپ، ھىجرىيە 846 – يىلى (مىلادىيە 1442 – يىلى) ھازىرقى خانىقانىڭ ئورنىغا كىچىك بىر مەسچىت ياساتقان، نەتىجىدە بۇ جايدا تۇنجى مەسچىت بەرپا بولغان.

2. مەھەللىۋى مەسچىتنىڭ «ھېيتگاھ جامەسى» گە تەرەققىي قىلىشى

تۇنجى مەسچىت بىنا قىلىنىپ ئارىدىن تەخمىنەن بىر ئەسىر ئۆتكەندە يەركەن خانلىقىنىڭ قەشقەردىكى باش ۋالىيسى مىرزا ئوبۇل قادىر بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى ۋاپات بولۇپ، پاقالچاق مازىرى قەبرىستانىغا دەپنە قىلىنغان، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوبۇل قادىر بەگدە بىرەر خاسىيەتلىك ئىش قىلىپ، ساۋابىنى مەرھۇم تاغىسىغا بېشغىشلاش خىيالى تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 944 – يىلى (مىلادىيە 1638 – يىلى) مەسچىتنى كېڭەيتىپ ياساتقان ھەم بەش ۋاق ناماز ئوقۇلىدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامەگە ئۆزگەرتكەن.

ھىجرىيە 1201 – يىلى (مىلادىيە 1809 – يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىگە ئاتاپ، پايناپ يېزىسىغا ناھايىتى چوڭ گۈمبەز ياساتقاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىمۇ ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرۇپ ۋە كۆل كولىتىپ، ئەتراپىغا دەرەخ تىكتۈرۈپ، مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرگەن.

ھىجرىيە 1235 – يىلى (مىلادىيە 1820 – يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يامغۇردا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تام – تورۇسلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقتىن قەشقەرلىق ئەبرىشىمكانىدىر خوجا ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان.

ھىجرىيە 1255 – يىلى (مىلادىيە 1839 – يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئىنانىچخان زوھۇرىدىن قەشقەر مۇسۇلمانلار شەھىرى (قەشقەر شەھىرى) نىڭ غەربىي شىمال قىسمىنى كونا يۇمىلاق شەھەر قەلئەسىگىچە كېڭەيتكەن ھالدا، جامەنىڭ كۆللىرىنى چاپتۇرۇپ چوڭ رېمونت قىلدۇرغان ۋە مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرگەن. نەتىجىدە 400 يىلدىن بېرى شەھەر سىرتىدا تۇرغان ھېيتگاھ جامەسى سېپىل ئىچىگە ئېلىنىپ، شەھەر مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا ھەر تەرەپلىمە بېزەلگەن. ئەتراپىدىكى قومۇش، يانتاقلارنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي كۈجۈم مەھەللە ۋە ئاۋات شەھەر بازىرى ئىگىلىگەن، نەتىجىدە بۇ جامە كېڭىيىپ، مەركىزىي مەسچىتكە ئايلىنىپ «ھېيتگاھ جامەسى» دەپ ئاتالغان.

ياقۇپ بەگ (بەدۆلەت) دەۋرىدە، ئۇ خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلىش مەقسىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭ، بولۇپمۇ قەشقەر دىيارىدا نۇرغۇنلىغان مەسچىت، مەدرىسە، مازار ۋە لەنگەرلەرى ياساتقان، جۈملىدىن ھىجرىيە 1289 – يىلى (مىلادىيە 1872 – يىلى) ئۆزىنىڭ يېقىن مەنسەپدارى ئالداش دادىخاننى مەسئۇل قىلىپ، نۇرغۇن ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرنى ئىشقا سېلىپ، پۇل ئاجرىتىپ ھېيتگاھ جامائەسىنىمۇ رېمونت قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە جامەنىڭ غەربىي قىسمىنى مەسچىت، شەرقىي قىسمىنى مەدرىسە قىلىپ سالاسۇن بىلەن (ھازىرقى پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپا چېگرا قىلىنغان) ئايرىلغان. مەدرىسە قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 ئېغىزدىن جەمئىي 72 ئېغىز ھۇجرا چىقىرىپ، تالىپلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلانغان، شەرقىي شىمال قىسمىغا بىرلا ۋاقىتتا 100 دىن ئارتۇق ئادەم غۇسلى قىلالايدىغان ھاممام (مۇنچا)، 40 كىشىلىك ھاجەتخانا ياسىتىپ، غۇسلى قىلىش، ھاجەت قىلىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان، جۈملىدىن ھېيتگاھ جامەسىنىڭ مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق (دەرۋازا گەۋدە تېمى)، دەرۋازا قاتارلىق ئالاھىدە قىسىملىرىنىمۇ ياسىتىپ، جامەنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

ھىجرىيە 1320 – يىلى (مىلادىيە 1901 – يىلى) دىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە جامەنىڭ زەخىملەنگەن خانىقا، پېشايۋان، مۇنار، گۈمبەز قاتارلىق جايلىرىنى شۇ چاغدىكى ئاتاقلىق تۇردى باي ھاجى بىلەن كېرەم بايۋەچچە ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەن پۇل سەرپ قىلىپ، ھىجرىيە 1322 – يىلى (مىلادىيە 1904 – يىلى) رېمونت قىلدۇرغان.

ھىجرىيە 1347 – يىلى (مىلادىيە 1928 – يىلى) جامەنىڭ مەسچىت قىسمىغا جامائەت سىغماي قىستاڭچىلىق كۆرۈلگەنلىكتىن، بىر قىسىم مۆتىۋەر كىشىلەر پۇل چىقىرىپ، ھازىرقى سۇپا ئۈستىدىكى سالاسۇننى مەدرىسە تەرەپكە سۈرۈپ، ھازىرقى ئورۇنغا ئورناتقان. ئەزان ئاۋازىنى ۋە ھېيت نامازلىرىدىكى «سەپپەڭ» نى ئېنىق ئاڭلىيالماسلىقتەك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەدرىسە قىسمىنىڭ غەربىي جەنۇب ۋە غەربىي شىمال قىسمىغا ئەزان توۋلاش مۇنبىرى ياساتقان.

ھىجرىيە 1352 – يىلى (مىلادىيە 1934 – يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم رىياسەتچىلىكىدە، جامە بىر قۇر رېمونت قىلىنغاندىن باشقا، قېرى، ئېگىز – پەس دەرەخلەر كېسىلىپ، ئورنىغا يېڭىدىن دەرەخلەر رەتلىك تىكىلگەن ۋە كۆللەر چاپتۇرۇلۇپ، ئەتراپى سالاسۇنلاشتۇرۇلغان.

ھىجرىيە 1354 – يىلى (مىلادىيە 1936 – يىلى) «ئىسلاھى مادارىس مەساجىد ھەيئىتى» (مەسچىت ۋە مەدرىسىلەرنى ئىسلاھ قىلىش ھەيئىتى) دېگەن خەلق تەشكىلاتى ئىئانە توپلاپ، جامەنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغاندىن باشقا، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپتىكى تام ئوتتۇرىسىدىن ئىككى كىچىك دەرۋازا ئېچىپ، كىرىپ چىقىش ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرغان.

ھىجرىيە 1355 – يىلى (مىلادىيە 1937 – يىلى) قەشقەر كوچىلىرى كېڭەيتىپ ياسالغاندا، جامەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى 25 ئېغىز ھۇجرا، ھامماملار يول ۋە مەيدان قورۇلۇشىغا قوشۇۋېتىلىپ، تام ئورنى سالاسۇن بىلەن توسۇلغان، نەتىجىدە جامەنىڭ ئىچكى مەنزىرىسى سىرتتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولغان. شۇ مەزگىلدە جامەنىڭ شىمال تەرىپىدىكى 100 ئېغىزدىن ئارتۇق دۇكان چېقىۋېتىلگەندىن باشقا يەنە جامەنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئىككى مەسچىت، يەتتە سودا ساراي، ئالتە چوڭ بازار ئورنى، بىر ھاممام، بىر بۇتخانا، نەچچە يۈز ئېغىز دۇكان ۋە ئۆيلەر چېقىلىپ بىر چوڭ مەيدان ھازىرلانغان. ھىجرىيە 1367 – يىلى (مىلادىيە 1940 – يىلى) قۇمدەرۋازا يولى كېڭەيتىلگەندە جامەنىڭ جەنۇبى تېمىدىكى 40 ئېغىز دۇكان چېقىپ تاشلاندى.

3. جامەنىڭ يېڭى تەرەققىياتى

1955 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوىنى قۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۇل ئاجرىتىپ، ھېيتگاھ جامەسىنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرۇپ، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ھېيتگاھ جامەسى ۋە ئېتىقادچى ئامما مەبلەغ ئاجرىتىپ، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ رېمونت ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىپ ئۇنى قوغداپ كەلدى.

1978 – يىلى قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر بۆلۈك مەبلەغ ئاجرىتىپ جامەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سالاسۈننى ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا 16 ئېغىز دۇكان سېلىپ، سالاسۇننى دۇكان ئۈستىگە ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەدرىسىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى بىر كۆلنى بېتونلۇق قىلىپ ياساپ، ئەتراپىنى تۆمۈر رىشاتكا بىلەن ئېتىپ ئوتتۇرىسىغا گۈل نۇسخىلىق فونتان مۇنارى ئورناتتى. 1984 – يىلى جامەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تام زەيلەپ خەتەرلىك بولۇپ قالغانلىقتىن، ھۇجرىلارغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ئاساستا خام خىشلىق تامنى پىششىق خىشلىق قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياسىدى. 1987 – يىلى ئاپتونوم رايون ۋە ھېيتگاھ جامەسى 164 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، جامەنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى كونا ھاجەتخانىنى چېقىپ، ئورنىغا ئىكى قەۋەتلىك (ئاستى ھاجەتخانا، مۇستەھەپخانا، ئۈستى مۇنچا) 482 كۋادرات مېتىرلىق قۇرۇلۇش قىلىپ، ھاجەت قىلىش، غۇسلى قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ قىيىن بولۇشتەك مۇھىم مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. جامە ئىچىدىكى يول ۋە يەر ئۈستىگە ئالتە بۇرجەكلىك بېتون خىش ياتقۇزۇپ مۇھىتنى ياخشىلىدى. 1998 – يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل ئاجرىتىشى بىلەن مۇستەھەپخانىغا يانداپ تاھارەت ئېلىش ئۆيى ياسالدى. جامە ئۆز كىرىمىدىن 48 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ پار قازان سېتىۋېلىپ، مۇنچا ۋە تاھارەت ئېلىش ئورنىنى ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلىدى.

1992 – يىلى جامە ۋىلايەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللۇقىدا 12 مىڭ 300 يۈەن سەرپ قىلىپ، مەدرىسە قىسمىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە 160 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق لاپاس ياساپ، نامازغا كېچىكىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئايرىم جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشىغا شارائىت ھازىرلىدى.

1993 – يىلى دۆلەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھېيتگاھ قامەسى بىرلىكتە 834 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئىش باشلاپ، جامەنىڭ ئورنىغا ئەسلىگە مۇتلەق ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا 856 كۋادرات مېتىر كۆلەمدە پىششىق خىشلىق، بېتون قۇرۇلمىلىق 14 ئېغىز (ئىچكى – تاشقى بولۇپ 25 ئېغىز) لىق ھۇجرا، 53 ئېغىزلىق دۇكان ياسىدى. مەسچىت قىسمىنىڭ تام – تورۇسلىرىدىكى كونا گەج، ھاك، شۇنداقلا جەگە، خا، ۋاسا قاتارلىق ياغاچ ماتېرىياللارنىڭ يۈزىدىكى ھاكلارنى خىمىيەلىك ئۇسۇلدا قىرىپ چىقىرىپ ئۆز ھالىتى بويىچە بېزىدى. 2552 كۋادرات كېلىدىغان خانىقا، پېشايۋاننىڭ ئۈستىدىكى بۇرۇنقى لاي – توپىلار ئېلىپ تاشلىنىپ، ئايرىم ساندىكى سۇنغان، سېسىغان ۋاسىلار ئالماشتۇرۇلۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب بىلەن زامانىۋى ئۇسۇل بىرىكتۈرۈلگەن ھالدا يېنىك قىلىپ يېپىلدى. ئىككى چوڭ مۇنارنىڭ چاك كېتىپ خەتەرلىك بولۇپ قالغان ھالىتى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئىككى مۇنارنىڭ سىرتى پولات چىۋىق بىلەن توقۇلۇپ، بېتون بىلەن پۇختىلاندى ۋە ئەسلىي نۇسخىسى بويىچە ئويما چىقىرىلىپ رەڭ بېرىلدى. بۇ قۇرۇلۇش 1994 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتى.

1994 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاىنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مۇھاجىرى مۇھەممەد رېھىم ھاجى باشچىلىقىدا ئىئانە قىلغان 153 مىڭ يۈەن پۇلنى جامە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇ پۇل سەرپ قىلىنىپ، جامەنىڭ ھاجەتخانىسى چىنە خىشلىق قىلىنىپ بېزەلگەندىن باشقا يەنە 162 پارچە گىلەم توقۇلۇپ جامەگە سېلىندى. چوڭ دەرۋازا ئەسلىي نۇسخىسى بويىچە سېرىق تۇچ تۈنىكە بىلەن قاپلىنىپ پۇختىلاندى.

1997 – يىلى ھېيتگاھ جامەسى ۋىلايەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللۇقىدا يەنە 195 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىنىپ، پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپىنىڭ ئالدى قىسمى ۋە پەلەمپەي قاتارلىق 854 كۋادرات مېتىر جايغا چىنە خىش چاپلىنىپ بېزەلدى. چوڭ – كىچىك دەرۋازىنىڭ يوللىرى ۋە گۈمبەز ئاستى كارىدورى ھەم چوڭ دەرۋازا ئالدى پەلەمپەيلىرى بولۇپ، جەمئىي 1099 كۋادرات مېتىر ئورۇن بېتون بىلەن قاتۇرۇلۇپ، ئۈستىگە گۈل نۇسخىلىق شەكىللەر چىقىرىلىپ، سۈرمە تاش يالىتىلدى. 1999 -، 2000 – يىللىرى بۇ جامە يەنە بىر قېتىم زور كۆلەمدە رېمونت قىلىندى. نەتىجىدە قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئالاھىدە تۈسكە كىرىپ، مۇھىتى گۈزەللەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان نۇقتىغا ئايلاندى.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش