تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

«داموللا» سۆزى ھەققىدە ئىزدىنىش

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-07 مەنبە : شىنجاڭ مۇسۇلمانلار تورى مۇھەررىر : نىجات كۆرۈلۈش سانى :

شەمشىدىن ھاجى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئۆتكەندە خېلىلا كاتتا بىلىملىك بىرسىنىڭ «ئۇيغۇرچىدىكى <داموللا> دېگەن سۆز خەنزۇچە <大> (چوڭ) بىلەن <دىنى بىلىمى بار> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان <موللا> دېگەن سۆزنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان <چوڭ موللا> دېگەن مەنىدىكى گەپ» دەپ ئىزاھ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، يېقىندىن بېرى بەزىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق سۆزنى ئاڭلاپ، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان خەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدىم. مەن بۇ سۆزنى دەسلەپتە ئاڭلاپلا، «داموللا» دېگەن نوقۇل ئىسلام ئاتالغۇسىنىڭ قانداق قىلىپ، ئىسلام بىلەن ھېچبىر ئالقىسى بولمىغان خەنزۇچە «دا» (چوڭ) دېگەن سۆز بىلەن ئالاقىلىشىپ قالغانلىقىغا، ھەتتا بەزى ئىلمي خادىملىرىمىزنىڭ ئاغزىدىنمۇ مۇشۇنداق چۈشەنچىدىكى سۆزنىڭ چىققانلىقىغا ھەيران قالدىم. شۇڭا، «داموللا» سۆزىنىڭ زادى قانداق كېلىپ چىققانلىقى ۋە قايسى مەنىدىكى سۆز ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىزدەندىم. بىر مۇنچە مۇناسىۋەتلىك ئەسەر، لۇغەت ۋە ماتېرىياللارنى كۆردۈم، بولۇپمۇ بىر مۇنچە پېشقەدەم ئۆلىما – ئالىملىرىمىز ۋە دىنىي زاتلىرىمىز ھەم ئىسلام دارىلفۇنۇنى ئۇستازلىرى بىلەن بۇ ھەقتە ھەمسۆھبەتتە بولدۇم. ئۇلاردىن بەزىلىرى: «<داموللا> دېگەن سۆز ئەرەبچە «دام ىلاھ» (دامە ئۇلاھۇ) دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ تىلىمىزغا ئۆزلەشكەن بولۇپ، <ئىلمى داۋاملاشسۇن>، <ئۈستۈنلۈكى ھەمىشە بولسۇن>، <مەرتىۋىلىك كىشى> دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ» دەيدۇ (ھەتتا كاتتا ئالىم سابىت داموللا ھاجىممۇ ئۆزىنىڭ «قەسىدە تۇسسەنىيە ئەقىدە تىسسۈننىيە» <سۈننى ئەقىدىسىدىن گۈزەل قەسىدىلەر> دېگەن ئەسىرىدىمۇ شۇنداق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئېھتىمال يۇقىرىدىكى كۆز قاراشنىڭ مەنبەسى سابىت داموللا ھاجىم بولسا كېرەك). يەنە بەزىلەر: <داموللا> دېگەن سۆز ئەرەبچە <داېم المولۇ> (<دائىمۇل مەۋلا>) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، <ھەر دائىم ئىشلىتىدىغان بىلىملەر ئىگىسى>، <مەڭگۈلۈك بىلىملەر ئىگىسى> دېگەن مەنىگە ئىگە» دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر: «پارسچىدا <دەھ> دېگەن سۆزنىڭ <بەك، ئاجايىپ، تازا> دېگەن مەنىلىرىمۇ بار ئىكەن، <موللا> بولسا <كەمتەر، ئېغىر بېسىق، سالماق، بىلىملىك> دېگەن مەنىلەردە ئىكەن، <دەھ موللا> (بەك بىلىملىك) دېگەن سۆز بىزگە <داموللا> بولۇپ ئۆزلەشكەن» دەيدۇ؛ ھەتتا بەزىلەر: «ئۆز ۋاقتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا <دەمىن ئۇنىۋېرسىتېتى> دېگەن بىر دىنىي مەكتەپ بولۇپ، ئۇ يەرنى پۈتتۈرگەنلەر <دىنىي بىلىمدە ئالىي مەلۇماتلىق> دېگەن مەنىدە <داموللا> دەپ ئاتىلاتتىكەن، شۇ سەۋەبتىن يۇقىرى بىلىملىك دىنىي زاتلار بىزدە <داموللا> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن» دەيدۇ؛ تېخىمۇ كۆپرەك ئۆلىمالار «داموللا» دېگەن ئەرەبچە «ئۇستاز، خوجا، ئىگەم، ئەپەندى» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان «مەۋلا» دېگەن سۆز ئالدىغا «دا» نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھاسىل بولغان «يۇقىرى بىلىملىك زات» دېگەن مەنىنى بېرىدىغان سۆز، دەيدۇ. ۋەھاكازالار.

ئومۇمەن «داموللا» دېگەن سۆزنى ئەرەبچىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگۈچىلەر كۆپرەك، ئەپسۇسكى ئەرەبچىدە «داموللا» سۆزى يوق، بىز دەۋاتقان «داموللا» نى ئەرەبلەر «داموللا» دېمەي ياكى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك سۆزلەر بىلەن ئاتىماي «شەيخ» دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا بۇ سۆزنى تامامەن ئەرەبچىدىن كەلگەن ئاتالغۇ دېيىش كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ.

«داموللا» سۆزىنى خەنزۇچە «大» (چوڭ، كاتتا) دېگەن سۆز بىلەن «بىلىملىك» مەنىسىدىكى «موللا» نىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان دېيىش تېخىمۇ كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. ناۋادا «دا» سۆزى خەنزۇچىدىن كەلگەن بولسا، ئالدى بىلەن مەملىكىتىمىزدە خەنزۇ تىلى قوللىنىدىغان ئىچكىرىدىكى خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىنى «داموللا» دەپ ئاتىسا بولاتتى، ھالبۇكى ئۇلار «داموللا» سۆزىنى ئىشلىتىش بۇياقتا تۇرسۇن، «موللا» سۆزىنىمۇ ئىشلەتمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىماملىرىنى «ئاخۇن» دەپ، چوڭ ئۆلىمالىرىنى «دا ئاخۇن» (چوڭ ئاخۇن، كاتتا ئاخۇن) دەپ ئاتايدۇ (ئەلۋەتتە مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار: بۇ رىۋايەتتە 12 – ئەسىردە چىن پادىشاھى ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىرىدىن خارەزەم شاھ بىلەن قۇدىلىشىش مەقسىتىدە خەنزۇ خېنىملىرىنى سوۋغا قىلغان ئىكەن، بۇ خېنىملار ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئۆزلىرىگە تىل ئۆگەتكەن ئۇستازلىرىنى «دامەۋلا» <چوڭ ئۇستاز> دېيىشكەنلىكى ئۈچۈن «داموللا» دېگەن ئىسىم كېلىپ چىققان دېيىلىدۇ. بۇ پەقەت رىۋايەت. راست شۇنداق تارىخىي رېئاللىق بولغانمۇ – يوق؟ بۇنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق رېئاللىق بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ خېنىملارنىڭ خارەزەمدە ئاتىغان ئاتالمىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا، جۈملىدىن شىنجاڭ رايونى ھەمدە غەربىي ئاسىيادىكى بىر مۇنچە ئەللەردە ئومۇملىشىشى قىلچە ئەقىلگە سىغمايدۇ).

«موللا» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچە «مەۋلا» دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكى ئېنىق. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، «مەۋلا» دېگەن سۆز ئەرەبچىدە «ئۇستاز، خوجا، ئىگەم، ئەپەندى» مەنىلىرىگە ئىگە بولۇپ، ئىسلام دىنىدا يۇقىرى بىلىم ئىگىلىرىنى يەنى ئالىم – ئۆلىمالارنى كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ بۇ سۆز ئۆز مەنىلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ھىندىستان، پاكىستان، ئاففانىستان قاتارلىق جايلاردا ئىسلام ئۆلىمالىرىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ سۈپىتىدە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغان ۋە تېخىمۇ يۇقىرى بىلىملىك ئالىم – ئۆلىمالارنى «چوڭ ئۇستاز، چوڭ ئالىم» مەنىسىدە كۆرسىتىدىغان «مەۋلانە»، «مەۋلەۋى» دېگەن ياسالما سۆزلەر بارلىققا كەلگەن، ھەتتا، مەشھۇر، نوپۇزلۇق، ئىناۋەتكە سازاۋەر ئالىملارنىڭ تەخەللۇسى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ئىسىم شەرىپىگە بۇ سۆزلەر قوشۇلۇپ ئاتىلىدىغان بولغان، مەسىلەن، 13 – ئەسىردە ئۆتكەن جاھانغا مەشھۇر ئاتاقلىق شائىر جالالىدىن رۇمىنىڭ تەخەللۇسى «مەۋلانە»، «مەۋلەۋى» دەپ ناملانغان ۋە «جالالىددىن رۇمى مەۋلانە (مەۋلەۋى)» دەپ ئاتالغان، شۇ سەۋەبلىك جالالىددىن رۇمى ئاساس سالغان سۇپىلىق تەرىقىتى «مەۋلەۋىيە تەرىقىتى»، «مەۋلەۋىلەر تەرىقىتى» دەپ ئاتالغان. «موللا» سۆزىنى ئىسىم شەرىپىگە قوشۇپ ئاتاشتەك بۇ خىل ھالەت ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ خېلى كەڭ قوللىنىلغان، بولۇپمۇ بىلىملىك ياكى نوپۇزلۇق، ئىناۋەتلىك كىشىلەر ئىسمى ئالدىغا بىر سۆزنى («موللا» سۆزىنى) قوشۇپ ئاتاش ئادىتى شەكىللەنگەن: مەسىلەن، موللا بىلال، موللا مۇسا سايرامى، موللا ئەرشىدىن خوجا، موللا نەسىردىن، موللا زەيدىن دېگەنگە ئوخشاش. كىشىلەرنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە «موللا» بولۇشىنى تىلەپ، پەرزەنتلىرىگە ھەتتا موللا نىياز، موللاخۇن، موللاجان، موللا رەھمەت دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشىدىنمۇ بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خوش، ئەرەبچە «مەۋلا» دېگەن سۆز (ئەرەبچە يېزىلىشى «مَوْلى»، پارسچە يېزىلىشى «مولا» ئۇيغۇرچىدا «موللا» بولۇپ ئۆزلەشكەن (پارسچە ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشكەن) ئىكەن، ئۇيغۇرچىدىكى «داموللا» دېگەن سۆز قانداق پەيدا بولغان؟ بەزى نوپۇزلۇق ئۆلىمالارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ سۆز پارسچە «دەھ» (ئون) سۆزى بىلەن «مەنلا» («بىلىملىك» دېگەن مەنىدىكى «مەۋلا» سۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئىران تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر ئارىسىغا ئۆزلەشكەن ۋارىيانتى) سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھاسىل بولغان «دەھ مەنلا» دېگەن سۆزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر تىلىغا ئۆزلىشىشى، جۈملىدىن ئۇيغۇرچىلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مېنىڭچە بۇ خىل قاراش ئەقىلگە ۋە ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر مۇۋاپىق چۈشەنچە. «دەھ» دېگەن سۆز پارسچىدا «ئون» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «دەھ مەنلا» دېگەن سۆز «ئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگىلىگەن ئەھلى ئىلىم (موللا)»، «ئون خىل ئىلىمدە توشقان زات» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «دەھ» سۆزى پارسچىدا «دە» دەپ، «مەۋلا» دېگەن سۆز «مولا» دەپ يېزىلىدۇ، بۇ ئىككى سۆز قوشۇلۇپ «دەموللا» (دەھمەۋلا) يېزىلىپ ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشكەندىن كېيىن «دەموللا»، «داموللا» بولۇپقالغان، ھازىرمۇ بىر مۇنچە تۈركىي مىللەتلەر «داموللا» سۆزىنى «دەمەنلا»، «دەملا»، «داملا» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتايدۇ.

ئۇنداق بولسا، نوپۇزلۇق ئۆلىمالارنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى «ئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگىلىگەن ئەھلى ئىلىم» مەنىسىدىكى «داموللا» ئىگىلىگەن «ئون ساھەدىكى بىلىم» قايسىلار؟ بۇ بىلىملەر ئەينى ۋاقىتتا (ئابباسىيلار سۇلالىسى مەزگىلىدە سالجۇق تۈركلىرىدىن سۇلالە ئوردىسىدا ھوقۇق تۇتقان باش ۋەزىر نىزامۇل مۈلك رىياسەتچىلىكىدە) 1065 – 1067 – يىللىرى باغدادتا تەسىس قىلىنغان «نىزامىيە» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىنىي دەرسلەرنى ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئاساسىدا، بۇخارا ئىسلام دارىلفۇنۇنلىرىدا قېلىپلاشقان بولۇپ، تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك ئىلىمدىن ئىبارەت: (1) ئىلمى تەۋھىد (ئىلمى كالام)؛ (2) ئىلمى تەپسىر؛ (3) ئىلمى ھەدىس؛(4) ئىلمى فىقھە؛ (5) ئىلمى تەجۋىد؛ (6) ئىلمى فەرائىز (مىراس قانۇنى)؛ (7) ئىلمى مەنتىق؛ (8) ئىلمى سەرىف (مورفولوگىيە)؛ (9) ئىلمى نەھۋى (گىرامماتىكا)؛ (10) ئىلمى مەئانى (ئىستىلىستىكا) (بەزى چوڭ ئۆلىمالار، بۇ ئون تۈرلۈك ئىلىم ئىچىدە «ئىلمى تەسەۋۋۇپ) بار ئىكەن، «ئىلمىي فەرائىز» دەرسى «ئىلمى فىقھە» دائىرىسىدە ئوقۇلىدىكەن، دەيدۇ). بۇ ئون تۈرلۈك ئىلىمنىڭ ھەربىرىدە بىر قانچە ھەتتا ئون نەچچىدىن كىتاب ئوقۇلىدىكەن. شۇڭا تالىپلار 10 نەچچە يىللاپ ئوقۇغاندىن كېيىنلا ئاندىن «داموللا» ئۇنۋانىنى ئېلىپ قايتىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن «داموللا» سۆزى «10 يىل ئوقۇغان موللا» دېگەن مەنىدە دېگۈچىلەرمۇ بار.

شىنجاڭدا ئۆز ۋاقتىدا دىنىي بىلىم ئۆگەنگۈچىلەر ئىپتىدائىي دىنىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەدرىسلەردە، ئالدى بىلەن دىنىي بىلىم ۋە ئەرەبچە، پارسچە تىللاردىن پۇختا ئاساس سالاتتى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەدرىسلەرنى لاياقەتلىك پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن بۇخارادىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلىم ئېلىپ، ھەربىر دەرسلەردىن ئېلىنغان قاتتىق تەلەپلىك ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن «داموللا» ئۇنۋانىنى ئېلىپ قايتاتتى. شۇنداقلا ھىندىستاندىكى دىئو بەند ئالىي بىلىم يۇرتىنى پۈتتۈرگەنلەر «داموللا» ئۇنۋانى بىلەن تەڭ دەرىجىدە بولغان «مەۋلەۋى» ئۇنۋانىنى ئېلىپ قايتاتتى. قەشقەردىكى «خانلىق مەدرىسە»، «ساقىيە مەدرىسە» قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر بولسا «خەلفەت» (خەلفىتىم) ئۇنۋانىنى ئالاتتى، «خەلفەت» سۆزى ئەرەبچە «خەلق» سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، «ئىزىنى بېسىش» مەنىسىدە «چوڭ ئۆلىمالارنىڭ ئىزىنى باسقۇچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ، بۇ ئۇنۋان ئۇ چاغدا شىنجاڭنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىلىم ئالغانلار ئىچىدە يۇقىرى ئۇنۋان ھېسابلىناتتى. موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ئەمىنىيە» دېگەن ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا قەشقەرنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن بولغان موللا مۇھەممەد شېرىپ خەلفىتىم 60 يىل ئۈزۈلدۈرمەي مۇدەررىسلىك قىلىپ، 300 دەك چوڭ ئۆلىمانى يېتىشتۈرگەن بولسىمۇ، «داموللا» دەپ ئاتالماي يەنىلا «خەلفىتىم» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. پەقەت 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدىن كېيىنلا، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە بۇخارادىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەدرىجىي ئاجىزلىشىپ، ئەسلىدە 103 ئالىي مەدرىسە بار، ئىسلامىيەت بىلىملىرى ساھەسىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن بۇخارادا ئاران بىر مەدرىسە قالغان ۋە باشقا ئەللەردىن تالىپ قوبۇل قىلماي، پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەرنىلا ئوقۇتىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم يۇرتى بولۇپ قالغان، شىنجاڭدىكى ئالىي بىلىم تەھسىل قىلغۇچى تالىپلار بۇخاراغا بېرىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىدىن قېلىپ، ئالىي دىنىي بىلىم مەركىزى بۇخارادىن قەشقەرگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئالىي دىنىي مەدرىسلەرنى پۈتتۈرگەنلەر قەشقەرنىڭ ئۆزىدە داۋاملىق «خەلفىتىم» دەپ ئاتالسىمۇ، شىنجاڭنىڭ باشقا بەزى جايلىرىدا «داموللا» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان، نەتىجىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدرىسلەرنى پۈتتۈرگەن تالىپلار قەشقەرگە بېرىپ ئوقۇپ كېلىپ، ئۆز جايلىرىدىكى نوپۇزلۇق «داموللا» لاردىن بولۇپ قالغان. ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى بىلىملىك دىنىي زاتلار ئومۇمەن داموللا دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قالدى.

«ھىدايەت گۈلزارى» 1 – توم، 684 – بەتتىن 688 – بەتكىچە ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش