تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > مۇسۇلمانلار تۇرمۇشى

ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە بوياقچىلىق مەدەنىيىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-07 مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر : پەزىليە كۆرۈلۈش سانى :

ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى

ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەتلەرنى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئاشۇ تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئېسىل ئەنئەنە ۋە مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى توقۇمىچىلىق ۋە بوياقچىلىق مەدەنىيىتىدۇر.

تارىخىي مەنبەلەر ۋە تارىم ۋادىسى، تەكلىماكان بويلىرىدىكى قەدىمىي قەبرىلەردىن تېپىلغان مول ماددىي بۇيۇملارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭدىن 3000 – 4000يىللار ئىلگىرىلا ھۈنەر – سەنئەت تېخنىكىسىنىڭ بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق ۋە بوياقچىلىق مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا توقۇمىچىلىق ھۈنەر – سەنئىتى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن يۇڭ، تېرە، پاختا، يىپەك ۋە ئۆسۈملۈك تالالىرىدىن پايدىلىنىپ سىپتا، نەپىس رەختلەرنى توقۇپ، ئۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ خاراكتېر – خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان، جىنسى ۋە ياش ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان، ياشىغان جۇغراپىيەلىك شارائىتى، ھاۋا كىلىماتىغا ئۇيغۇنلاشقان كۆركەم، يارىشىملىق، پۇختا، سۈپەتلىك، ئېسىل كىيىم – كېچەكلەرنى ئىجاد قىلىپ كىيگەن. ئەجدادلىرىمىز دەسلەپتە كىيىم – كېچەكلەردىن بەدىنىنى يېپىش، ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پايدىلانسا، كېيىن گۈزەللىك قارىشىنىڭ يېتىلىشى ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىن ھۇزۇرلىنىش، زوق ئېلىش ھېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كىيىم – كېچەكلەرنى ياسىنىشنىڭ، گۈزەللىكنىڭ، سالاپەت ۋە مەرتىۋىنىڭ بىر تۈرلۈك شەكلى سۈپىتىدە پايدىلانغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتى ۋە ھۈنەر – سەنئىتىدە گىلەم، كىگىز – پالاس، ئەدىيال، خۇرجۇن – تاغار توقۇمىچىلىقىدىن باشقا، ھەرخىل رەخت توقۇمىچىلىقى ۋە كىيىم – كېچەك ئىجادىيىتى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. تارىخىي مەنبەلەردىكى مول مەلۇماتلار ۋە ماددى پاكىتلاردىن ئۇيغۇر توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، رەڭدارلىقىنى، كىيىم – كېچەك تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، شەكلىنىڭ خىلمۇخىللىقى، پاسونىنىڭ ئۆزگىچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلغارلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خەلقىمىز توقۇمىچىلىق ھۈنەر – سەنئەت تېخنىكىسىنى ئاددى، سىدام شەكىلدىلا ئىجاد قىلغان ئەمەس. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەرخىل رەڭلەر يېشىللىق ۋە گۈل – گىياھلارنىڭ رەڭگارەڭ كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن رەڭ چۈشەنچىسى بارلىققا كېلىپ، ئېستېتىك ئاڭ ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىنى توقۇمىچىلىق ھۈنەر – سەنئىتى، كىيىم – كېچەك شەكىللىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. بۇنداق رەڭ چۈشەنچىسى ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىشى بوياقچىلىق ھۈنەر – سەنئەت تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئۇيغۇرلاردا توقۇمىچىلىق ۋە رەڭ – بوياقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ناھايىتى ئۇزاق، شۇنداقلا تارىخىي ۋە مەدەنىيەت قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. تەكلىماكان ۋە تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى قەدىمىي قەبرىلەردىن تېپىلغان توقۇمىچىلىق ۋە بوياقچىلىق، كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىگە دائىر ماددى بۇيۇملارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان چىرىپ كەتمەي، ئۆڭۈپ كەتمەي ئەسلىي ھالىتىدە ساقلىنىپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىكى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا خەلقىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە بوياقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: ‹‹ئۇيغۇر مىڭ ئۆيلىرى››ناملىق ماقالىسىدە مىڭ ئۆيلەرگە نەقىش ئىشلەش، پەرداز بېرىش،زىننەتلەش ۋە تام سىزمىلاردا قىزىل، ئاق، سېرىق، كۆك، يېشىل، بېغىررەڭ قاتارلىق ھەرخىل رەڭ – بوياقلار ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە توختالغىنىدەك، ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قىزىل مىڭ ئۆيى ۋە باشقا مىڭ ئۆيلەردە ساقلىنىپ قالغان سىزما رەسىملەردە، نەقىشچە تام – تۇرۇسلاردا ئىشلىتىلگەن ھەرخىل رەڭ – بوياقلارنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە سىزما رەسىملەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەرخىل رەڭدار كىيىم – كېچەكلەرنىڭ جەلپكارلىقى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇرمۇشىمىزدىن ئايرىلماي كېلىۋاتقان ھەرخىل رەڭدىكى كىگىز – پالاس، گىلەم، ئەدىيال، ئەتلەس ۋە باشقا تۈرلۈك توقۇلما بۇيۇملار، رەڭ – بوياقلار ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ياراتقان توقۇمىچىلىق، رەڭ – بوياقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە نەتىجىسى.

توقۇمىچىلىق ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشى كىيىم – كېچەك تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مىللىتىمىزنىڭ رەڭ ھەققىدىكى قارىشى، رەڭلەرنى پەرق ئېتىشى، گۈل – گىياھلاردىن، رەڭلەردىن، گۈزەللىكتىن بەھر ئېلىش، ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك تەرەققىياتى بىلەن بىرلىشىپ بوياقچىلىق تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان. ھەرخىل رەڭ – بوياقلار ھەرخىل گۈل – گىياھلاردىن ئۆرنەك ئېلىنغان ھەمدە خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىكا قارىشى، مىجەز – خاراكتېرى، ھېسسىياتى، تۇرمۇش قارىشى، قىزىقىشى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەپ بەرگەن. شۇڭا، خەلقىمىزنىڭ رەڭ ۋە بوياقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىدە ئەڭ روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

خەلقىمىزنىڭ رەڭگە بولغان چۈشەنچىسى ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن باشلانغان بولۇپ، چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش چۈشەنچىسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئوبيېكتىپ شارائىتقا ئاساسەن ھەرخىل رەڭ – بوياقلاردىن ئېستېتىكىلىق زوقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرسە، رەڭ – بوياقلارنىڭ شەكىللىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنى ياخشىلىق، خۇشاللىق، بەخت – سائادەت بىلەن باغلاپ سىمۋوللۇق مەنە بەرگەن.

رەڭ – بوياق تارىختىن بېرى خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن، كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق رەڭلەرنىڭ ھەربىر تۈرى، خاسلىقى تەپەككۇرنى غىدىقلىغان. بۇنىڭ بىلەن رەڭ چۈشەنچىسى ھاسىل بولغان. ئەجدادلىرىمىز شەيئىلەرنىڭ رەڭگىگە ۋە خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ھەرخىل رەڭ – بوياقلارنى ئىجاد قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ھەرخىل توقۇلمىلارنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان.

ئومۇمەن، رەڭ بوياقچىلىق خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، خەلقىمىز بىرقەدەر كۆپ ئىشلىتىدىغان ھەرخىل رەڭ – بوياقلار توقۇمىچىلىق ھۈنەر – سەنئەت تېخنىكىسىنى، كىيىم – كېچەك ئەنئەنىسىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، قىممىتىنى تەتقىق قىلىشتا، راۋاجلاندۇرۇش ۋە بېيىتىشتا، قوغداشتا، شۇنىڭدەك، نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنىلىرىمىزگە يات بولغان غەيرى رەڭ، پاسون، شەكىللەردىكى كىيىم – كېچەكلەر ۋە كىيىنىش ئادەتلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشتا، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە خاسلىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش