تورىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

باش بەت > مۇسۇلمانلار تۇرمۇشى

كىيىنىش خاسلىقىمىزدىن پەخىرلىنەيلى

يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-07 مەنبە :  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر : پەزىليە كۆرۈلۈش سانى :

مۇقەددەس ئوبۇلھەسەن

كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، كىيىنىش خاسلىقى، تىلى، ئۆرپ – ئادىتى بىلەن مىللەت، ئىرىق، جىنىسقا ئايرىلغان. ئېلىمىزدىكى 56 مىللەت تارىختىن بۇيان ئادەتلىنىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلگەن ئۆزىگە خاس كىيىنىش ئادەتلىرى ۋە كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى ئارقىلىق 56 خىل جەزبىدار گۈلنى شەكىللەندۈرگەن. مانا بۇ گۈللەر ئىچىدە ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى بار. ئەرلەرنىڭ چىمەن دوپپا، بادام دوپپا، تەلپەك، تۇماق، بۆك قاتارلىق باش كىيىمى قەددىگە تېخىمۇ قامەت بېغىشلاپ، ھەقىقىي ئەركەكلىكىنى نامايان قىلسا، سالاپەتلىك كىيىنىشى، بېلىگە پوتا باغلاشلىرى ئۇلارنى تېخىمۇ جەسۇر، ئىرادىلىك، مەرد – مەردانە كۆرسىتىدۇ. نازاكەتلىك قىزلارنىڭ تال – تال ئۆرۈم چاچلىرى، چىمەن دوپپا، گىلەم دوپپا، مارجان دوپپىلىرى، رەڭدار، سىپتا شايى – ئەتلەسلەردىن، ھەرخىل گۈللۈك رەختلەردىن تىكىلگەن يارىشىملىق كۆڭلەكلىرى، ئانىلارنىڭ ئېسىل سۈپەت كىيىنىشى، بېشىغا ئارتقان روماللىرى، ئاپپاق كۆڭلەكلىرى، مېھىرلىك لاتاپىتى دۇنيانىڭ ئىللىقلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، خاسلىقىنى نامايان قىلغان.

لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، مەدەنىيەتنىڭ نېمىلىكىنى تازا ئاڭقىرالمىغان بىرقىسىم چالا ساۋات قېرىنداشلىرىمىز تىلى ئۇيغۇرچە، كىيىنىشى ئەرەبچە، قارا پۈركەنجىگە ئورىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچىكى، كىيىنىش خاسلىقىنى، كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنى خۇنۈكلەشتۈرمەكتە. ئۆزىنى بىلمىگەن، ئۆزىنى چۈشەنمىگەن، ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن، ئۆزىنى سۆيمىگەن مىللەت قانداقمۇ باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە نائىل بۇلالايدۇ؟ ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بىر قىسىم قىزلىرىمىزنىڭ ئۇستىخىنىغا چىڭقىلىپ كېلىدىغان پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ، بېشىنى يوغان شارپا بىلەن يۆگەپ، ئۈستىگە ئەرەبچە، ئاستىغا ياۋروپاچە كىيىنىپ يۈرۈشلىرى؛ بىر قىسىم قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ نازىنىن لاتاپىتى ۋە ھۆسن – جامالىنى ماتەمگە سىمۋول قىلىنغان قارا پۈركەنچىگە ئورىۋېلىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. بەزى يىگىتلىرىمىزنىڭ چېچىنى گەدىنىگىچە قويۇۋېلىشى، قوللىرىغا ئۈزۈك، بويۇنلىرىغا زەنجىر ئېسىۋېلىشىچۇ؟ بىزنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى، بىر قىسىم دىنىي ئەسەبىيلەر ئاياللار يۈزىنى ئوچۇق قويسا ‹‹گۇناھ›› بولىدۇ دەپ، دىننى دەستەك قىلىپ، ساددا ئاممىنىڭ مىللىي، دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئاياللارنى قارا ياغلىقتا يۆگىنىشكە، قارا كىيىم كىيىشكە قۇترىتىپ، ئۆز مىللىتىدىن، ئۆزىنىڭ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىدىن يۈز ئۆرۈشكە دەۋەت قىلماقتا. ‹‹گۇناھ››تىن ئىبارەت قارا كىشەن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى قايمۇققان ئاممىغا تېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا.

دەۋرىمىز قىز – ئاياللىرى خۇراپاتلىقنىڭ، قارا پۈركەنجىنىڭ قۇربانى بولماستىن، بەلكى ئۆزىمىز ھەم ئۆزگىلەر پەخىرلىنىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىيىنىش خاسلىقى بولغان كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ئۆزگىچە كىيىملىرىمىزنى پەخىرلىنىپ كىيىپ، ئۇنى قوغداپ ۋە تېخىمۇ جانلىق نامايان قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز مىللەتنىڭ ئانىسى، ئۇيغۇر كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق ۋارىسى!

ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىغا مەنسۇپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بېكەتتىكى ۋەز-تەبلىغ، قىرائەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى خالىغانچە چۈشۈرۈشكە، يۆتكەشكە ياكى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
ھەمبەھىرلەش